ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  پەن -تېخنىكا

ئۇلىنىش تورى ئايفون(ios) ئەپ دېتالى ئېلان قىلىندى

ۋاقتى : 2014-04-04  مەنبەسى : nur.cn  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

20140404110136537.gif

ئالما ئەپ دۇكىنى App store غا يەنە بىر ئۇيغۇرچە ئەپ قوشۇلدى. ئۇلىنىش تورى ئەپ دېتالى يانفوندا تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلىشىڭىزغا ئاسانلىق يارىتىدۇ. ئايفون ياكى ئايپەدلەردە App store غا كىرىپ ulinix ياكى uyghur دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ. (ئاندىرويىد نەشىرى جىددى ئىشلىنىۋاتىدۇ، پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدۇ)
چۈشۈرۈش ئادرىسى : https://itunes.apple.com/cn/app/ulinix/id850286659?mt=8


ئەپنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى تۆۋەندىكىچە:
1.ئۇيغۇرچە يانفون تور بېكەتلىرىنى ئېقىم تېجىگەن ئاساستا زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ.
2.ئۇيغۇرچە تور بېكەتتىكى مەزمۇنلارنى ئۈندىدار ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلىگىلى بولىدۇ.
3.ئۇلىنىش تورىدىكى ئەڭ يېڭى ناخشىلارنى ئاڭلىغىلى، چۈشۈرگىلى، ھەمبەھىرلىگىلى بولىدۇ.
4.خەنزۇ تىلىدىكى بىر قىسىم داڭلىق تور بېكەتلەرنىڭ يانفون بېتىنى زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ.
5.نۇر تورىدىكى ئەڭ ئاۋات خەۋەرلەرنى كۆرگىلى ۋە ھەمبەھىرلىگىلى بولىدۇ.
6. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەپلەر تەۋسىيە قىلىنغان، ئەپ چۈشۈرۈش قولايلاشتۇرۇلغان.

ئۇلىنىش (www.ulinix.cn) تورى 2005-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلىنىش تورىنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنىڭ تېز بولۇشى، كۆرۈنمە يۈزىنىڭ كۆركەم ھەم چىرايلىق بولۇشى، مەزمۇنلىرىنىڭ يېڭىلىنىشىنىڭ تېز بولۇشى سەۋەبلىك، يىللاردىن بېرى نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ تور كۆرگۈچىنىڭ باش بېتىگە ئايلانغان، نۇر تورى ۋە ئۇچۇر تورىنىڭ يانفون ئەپ دېتاللىرىنى ئېلان قىلىپ تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولغان. ئۇلىنىش شىركىتى ئۇلىنىش تورىنى ھازىرقى يانفون دەۋرىدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئۇلىنىش تورىنىڭمۇ ئەپ دېتالىنى ياساپ چىقتى. تورداشلارنىڭ بۇ ئەپنى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىنى ۋە تارقىتىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
قوشۇمچە: ئۇلىنىش تور بېكىتىنىڭ تور ئادرېسى www.ulinix.cn باشقا نامدىكى ئۇلىنىش تور بېكەتلىرى يەنى ئۇلىنىش كوم ياكى بىر قىسىم خاتا يېزىلغان ئۇلىنىش تور بېكەتلىرى بىلەن بىر ئەمەس بەلكى ھەممىسى ئايرىم-ئايرىم تور بېكەتلەردۇر، تورداشلارنىڭ بۇ ئەھۋالنى ئېنىق ئايرىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا