ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  پەن -تېخنىكا

ئالما iPhone 5S/ iPhone 5C ئېلان قىلىندى

ۋاقتى : 2013-09-11  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

سۇمرۇغ تورىنىڭ 11-سېنتەبر خەۋىرى: ئالما شىركىتى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكا كالفورنىيە شتاتىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد يانفونى iPhone 5S نى نامايان قىلغان، بىرلا ۋاقىتتا بۇرۇن كۆپ قېتىم ئاشكارىلانغان iPhone 5C نىمۇ كۆپچىلىككە نامايان قىلغان. iPhone 5S ئالدىنقى ئەۋلاد مەھسۇلاتنىڭ ئاساسىدا قاتتىق دېتالىنى يېڭىلىغان، بارماق ئىزى پەرق ئېتىش سىستېمىسى قوشۇلغان، سىرتقى كۆرۈنۈشىدە ئاساسەن ئۆزگىرىش بولمىغان، پەقەت ئالتۇن رەڭ قوشۇلغان. ئېكرانى iPhone 5 نىڭ 4 دىيۇملۇق 1366x640 پەرق ئېتىشچانلىقتىكى ئېكراننى ساقلاپ قالغان. iPhone 5S/ iPhone 5Cرەسىمىي بازارغا چىققاندىن كېيىن ئەڭ يېڭى iOS 7 سىستېمىسى رەسىمىي ھالدا ئادەتتىكى ئاممىغا كېڭەيتىلىدۇ.
مەزكۇر يانفون 9-ئاينىڭ 20-كۈنى رەسىمىي بازارغا سېلىنىدىغان بولۇپ، 16G نۇسخىسىنىڭ جۇڭگودىكى سېتىلىش باھاسى 5288 يۈەن بولىدىكەن، جۇڭگو تۇنجى قېتىم بىرىنچى تۈركۈمدە بازارغا سېلىنىدىغان دۆلەت بولغان.
 
iPhone 5S نىڭ Home كونۇپكىسىغا تېخىمۇ چىداملىق ياقۇت ماتېرىيالى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، iPhone 5S نىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالغان، بارماق ئىزى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى Home كونۇپكىسىغا بىرلەشتۈرۈلگەن. iPhone 5S Touch ID غا 170 مىكرومېتىرلىق سېنزور قوللىنىلغان، سىكانىرلاش پەرق ئېتىشچانلىقى 500PPI. تېخىمۇ بىخەتەر قىلىش ئۈچۈن، iPhone غا كىرگۈزۈلگەن بارماق ئىزى پەقەت يانفوندا ساقلىنىدىغان بولۇپ، ئالمىنىڭ مۇلازىمىتىرىغا چىقىرىلمايدۇ.
قاتتىق دېتال جەھەتتە، iPhone 5S غا پۈتۈنلەي يېڭى 64 بىتلىق A7 قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، پائالىيەتتە تونۇشتۇرىشىغا ئاساسلانغاندا، A6 بىر تەرەپ قىلغۇچىغا قارىغاندا، A7 بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ CPU ۋە GPU ئىقتىدارى  زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. iPhone 5S نىڭ كامېراسى 8 مىليون پىكسېل، ئەمما يورۇقلۇق چەمبىرىكى iPhone 5 نىڭ f/2.4 دىن f/2.2 غا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، سېنزور يۈزى %15 چوڭايتىلغان.
ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا