ئېلىمىزدىكى تۇنجى ئىنتېر تورى ساھە نامى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلدى
ۋاقتى : 2011-07-31 مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 31-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
ئېلىمىزدىكى تۇنجى ئىنتېر تورى ساھە نامى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزى يېقىندا بېيجىڭدا قۇرۇلدى، بۇ، بازار مېخانىزمىنى كەسىپلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ساھە نامى ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ساھە نامى بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنىڭ پات-پات يۈز بېرىشىدىكى قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ساھە نامى ۋە ئىنتېر تورىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئىنتېر تورى ساھە نامى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزى - بېيجىڭ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بېكىتكەن 2010-يىلى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 1-تۈركۈمدىكى 16 قۇرۇلۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىلغار ئىنتېر تورى ئاساسىي مۇلازىمىتى ئارقىلىق، تور شىركەتلىرىگە تىجارەت مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، لىنوۋو، شېنجۇ سىفىر گۇرۇھى، بېيجىڭ سانائەت، تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورگانلار ئىلتىماس قىلغان قۇرۇلۇش تەتقىقات مەركىزى ياكى قۇرۇلۇش تەجرىبىخانىسىمۇ تەستىقلانغان.
ئالاقىدار ئەربابلار مۇنداق دېدى: ئىنتېر تورى ساھە نامى سىستېمىسى بېيجىڭ شەھەرلىك قۇرۇلۇش تەتقىقات مەركىزىنى قۇرۇش - بىر تەرەپتىن ساھە نامىنىڭ بىخەتەر ئايلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق. يەنە بىر تەرەپتىن بازار مېخانىزمى ئارقىلىق، ساھە نامى تېخنىكىسىنى كەسىپلەشتۈرۈپ، ساھە نامى كەسپىنىڭ پۈتكۈل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
ئېلان ئورنى