ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

سۈرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچى گۇرۇھ ۋە ئامېرىكىنىڭ ياردەم خىراجىتى

ۋاقتى : 2014-06-29  مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

 ئامېرىكا زۇڭتۇڭى باراك ئوباما 26-ئىيۇن سۈرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچى گۇرۇھقا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن قارشىلىشىشى ۋە دىنى ئەسەبىي قۇراللىق كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇشىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن، پارلامېنتقا 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق خىراجەت ئىلتىماس قىلدى.

ئەگەر پارلامېنت بۇنىڭغا قوشۇلسا، بۇ ئامېرىكىنىڭ قىيىنچىلىق ئىچىگە پېتىپ قالغان سۇرىيە مۆتىدىل ئۆكتىچى گۇرۇھقا نىسبەتەن ئەڭ ماھىيەتلىك ياردىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە توقۇنۇشىغا قاتنىشىش دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئوباما ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى پارلامېنتقا 2015- مالىيە يىلىدا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش پىلانى ئۈچۈن 1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىشنى ئىلتىماس قىلدى، ياردەم بېرىش ئوبيېكتى سۈرىيەدىكى قىسمەن ئۆكتىچى گۇرۇھلار ۋە قوشنا دۆلەت ئىراق، ئىيوردانىيە ، لىۋان، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاق ساراي مۇنداق دېدى: بۇنىڭ ئىچىدە 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تاللانغان سۇرىيە مۆتىدىل ئۆكتىچى گۇرۇھ قۇراللىق كۈچلىرىنى چېنىقتۇرۇش ۋە قۇراللاندۇرۇش،  ئۇلارنىڭ كونترول رايونىدا مۇقىملىقىنى قوغداش، ئاممىنى زۆرۈر مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، تېررورچىلارنىڭ تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش، كىرىزىسىنى سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىش شارائىتلىرىنى ھازىرلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسىنىڭ بىر باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۇرىيە مۆتىدىل ئۆكتىچى گۇرۇھىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تىرىشماقتا، بۇ ياردەم مەبلىغى بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن سۇرىيە مۆتىدىل ئۆكتىچى گۇرۇھى قۇراللىق كۈچلىرىنى يەنىمۇ قوللىشىغا پايدىلىق.

2011-يىلى 3-ئايدىن بۇيان، ئامېرىكا سۇرىيە ئۆكتىچى گۇرۇھىغا ئاساسلىقى ئەجەللىك بولمىغان  ئىشلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن تەخمىنەن 280 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بەردى. سۇرىيە ئۆكتىچى گۇرۇھ لاگېرىنىڭ تەركىبىي مۇرەككەپ، ئۇنىڭ ئىچىدە سۈنئىي گۇرۇھىغا تەۋە غازات تەشكىلاتىمۇ بار، بازا تەشكىلاتى، تالىبان قاتارلىق تېررورچىلارمۇ بار.

2011-يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى سۇرىيە كىرىزىسى پارتىلىغاندىن كېيىن، سۇرىيە تەۋەسىدىكى بەزى ئۆكتىچى گۇرۇھلار ئالدىغا چىقتى، ئەڭ دەسلەپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئاجىز بولدى، تەسىرى بىر قەدەر كىچىك بولدى، ئەمما كەينىدىن ئۆزلۈكسىز بىرلىشىش ئارقىلىق كۈچى زورايدى. گەرچە ئۇلارنىڭ سىياسىي قارىشى، كۈرەش قىلىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ نىشانى بىردەك، يەنى باشار ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش.

ئوباما ھۆكۈمىتى بايلىقنىڭ ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلدى. شۇڭا يەنىمۇ ياردەم قىلىش تەسكە توختىدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئوباما پارلامېنتتىن 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىشنى ئىلتىماس قىلدى، قارىغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سۇرىيە ۋە ئىراق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشقا بولغان ئەندىشىسى ياردەمنىڭ ئەسەبى قۇراللىق كۈچلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىگە بولغان ئەندىشىسىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. ئامېرىكىنىڭ دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ  قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنىى بىلدۈردى.

ئاۋام پالاتاسى دىپلوماتىيە كومىتېتىدىكى دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان بىرىنچى نومۇرلىق شەخس سۇرىيە مۆتىدىل ئۆكتىچى گۇرۇھىغا ياردەم بېرىش نۆۋەتتە كەچ ئەمەس دېدى. كېڭەش پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان رەئىسى مۇنداق دېدى: دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بۇ خىل ياردەم بېرىشنى قوللايدۇ، ئىراق بىلەن سۈرىيەنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ چىقىم توغرا دېدى.

ئوبامانىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى بىر باش ئاغرىق بولۇپ كېلىۋاتقان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ئوبامانىڭ بۇ ياردىمى كېچىكىپ قالدى دەپ ئاغرىندى. بالدۇرلا مۇشۇنداق قىلىش كېرەك ئىدى، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا جەزمەن باشلامچى بولۇپ ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونى بىلەن شېرىكلىشىپ ھەمكارلىشىشى كېرەك، سۈرىيەدىكى  غوللۇق كۈچنى يۆلەپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ۋە دۆلەتنى قۇتقۇزۇش فىرونتىدىن ئىبارەت بۇ ئەسەبى قۇراللىق كۈچلەر بىلەن چېگرىنى ئايرىپ، سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئەسەد بىلەن بىۋاسىتە ئۇرۇش قىلىشى كېرەك.
رۇسىيە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سۇرىيە مۆتىدىل  ئۆكتىچى گۇرۇھىغا بولغان ياردەمنى كۈچەيتكەنلىكىدىن نارازى بولدى، 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى تېخىمۇ ياخشى جايغا ئىشلىتىش كېرەك دەپ ھېسابلىدى. رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى داۋاملىق ئوتقۇيرۇقلۇق قىلدى، ئىشنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا رول ئويناش ئويى يوق دېدى.

ئامېرىكا بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا سۇرىيە كىرىزىسىنى قۇرال كۈچى بىلەن ھەل قىلىشقا بولمايدۇ، ئامېرىكىمۇ سۈرىيەگە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتمەسلىكى كېرەك دە ھېسابلايدۇ، دېدى.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا