
يەر شارى تورىنىڭ 27-ئىيۇن خەۋىرى: چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانى MH370 دىكى ئايروپىلان خادىملىرى ۋە يولۇچىلار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىشتىن ئىلگىرىلا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن بولۇشى، ئايروپىلان كېيىن ئاپتوماتىك ھەيدەش شەكلىدە ھىندى ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
55 بەتلىك بۇ دوكلاتتا ئاۋسترالىيە ترانسپورت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىلدۈرۈشىچە، تەكشۈرۈش خادىملىرى MH370 نىڭ ئەھۋالى بىلەن ئىلگىرى يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانلارنى سېلىشتۇرغان، گەرچە ئايروپىلاننىڭ ئۆزىدە يېڭى بايقاش بولمىسىمۇ، ئەمما يۇقىرىقىدەك خۇلاسىنى چىقارغان.
مەزكۇر دوكلاتتا مىڭدىن ئارتۇق پەرەزدىكى ئۇچۇش لىنىيىسىدىن MH370 ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەن ئورۇننى بېكىتكەن. بۇنىڭدىن سىرت، مەزكۇر دوكلاتتا يەنە نۆۋەتچى ئايروپىلان يوقاپ كېتىش، ئۇچۇش لىنىيىسى جەزىملەشتۈرۈلۈش قاتارلىق بىر قاتار بىنورمال ئەھۋاللار تىزىپ چىقىلغان. ئاۋسترالىيە قاتناش بىخەتەرلىكى ئىدارىسى دوكلاتىدا كۆرسىتىپ:«مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، ھازىرقى ئىسپاتلار بىلەن يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاندىكى خادىملارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتا ئوكسىگىن كەمچىل ھالەتتە تۇرغان ئەھۋالىغا ئالاقىدار پەرەز ئىنتايىن ماس كەلدى، ئەينى چاغدا ئايروپىلان جەنۇبقا قاراپ ئۇچقان» دېدى.
يۇقىرىقىلار MH370 ئايروپىلانىنىڭ ھىندى ئوكياندىكى چۈشۈپ كەتكەن ئورنى بۇرۇن پەرەز قىلىنغاندىكىدىن تېخىمۇ جەنۇبقا سۈرۈلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئاۋسترالىيە ئەمەلدارلىرى بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ ئالدى بىلەن ئىزدەش رايونى تېخىمۇ جەنۇبقا چوڭقۇرلاپ بارىدىكەن. تەكشۈرۈش خادىمى ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئايروپىلاننىڭ ئەڭ ئاخىرى ھىندىن ئوكيانغا چۈشۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئادەمنىڭ يۆلىنىشىنى بۇرۇۋېتىپ، بەلگىلەنگەن ئۇچۇش لىنىيىسىدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلاپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشمىگەن.
ئاۋسترالىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋارېن چرۇس:« MH370ئايروپىلانى ئەركىن ھەيدىلىۋاتقان ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، بولمىسا ئايروپىلان تەرتىپلىك لىنىيەنى بويلاپ ئۇچۇشى مۇمكىن ئەمەس، سۈنئىي ھەمرا خاتىرىلىگەن سانلىق مەلۇماتمۇ بۇ لىنىيەنى جەزىملەشتۈردى» دېگەن.
ئىگىلىنىشچە، كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىزدەش 8-ئايدا باشلىنىدىغان بولۇپ، مۇددىتى بىر يىل بولىدىكەن، 60 مىڭ كۋادرات مېتىر زېمىندا ئىزدەيدىغان بولۇپ، 60 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرى (تەخمىنەن 350 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) خراجەت كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
تەرجىمان: ئوكيان