ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  تەنتەربىيە

برازىلىيە-چىلى سەككىز كۈچلۈك شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ كۆرۈش نۇقتىسى

ۋاقتى : 2014-06-28  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق



2014-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 10:00دا، 2014-يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى سەككىز كۈچلۈك شاللاش تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى برازىلىيەنىڭ بېلو خورىزىنتو شەھىرى مىنىرو رىقابەت مەيدانىدا برازىلىيە بىلەن چىلى ئوتتۇرىسىدا ئوينىلىدۇ.
باش رېپىر: ئېنگىلاندلىق ۋىبو
ياردەمچى رىپىر: ئېنگىلاندلىق مايكول مۇلاركېي، ئېنگىلاندلىق كائىن تۆتىنچى خادىم: گېرمانىيەلىك فېلىكىس برۇچ



 

1. برازىلىيە گۇرۇپپا مۇسابىقىدە گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقىپ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا گوللاندىيە بىلەن ئۇچىرىشىپ قېلىشتىن ساقلاندى، ئۇلارنىڭ سەككىز كۈچلۈك شاللاش مۇسابىقىسىدە چىلى بىلەن ئۇچراشقانلىقى چوڭ خوشاللىقى. تارىختا برازىلىيە بىلەن چىلى جەمئىي 68 قېتىم ئۇچراشقان، برازىلىيە 48 مەيدان غەلبە قىلىپ، 13 مەيدان تەڭلەشكەن، پەقەت يەتتە مەيدان مەغلۇپ بولغان، 159 توپ كىرگۈزۈپ،58 توپ كەتكۈزگەن، ئەمما يېقىنقى ئون يىلدا چىلى برازىلىيەنى ئۇتۇپ باقمىغان. ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا برازىلىيە ساھىبخان دۆلەت، برازىلىيە كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە.

2. چىلى 52 يىللىق تارىخنى تەكرارلامدۇ؟ ئىلگىرى چىلى ئۈچ قېتىم دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىن چىقىپ باققان، ھەممىسىدە برازىلىيە بىلەن ئۇچىرىشىپ سەككىز كۈچلۈك مۇسابىقە باسقۇچىدا شاللانغان. 1962-يىلى چىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا، چىلى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە برازىلىيە بىلەن ئۇچىرىشىپ، برازىلىيەگە 4-2 نەتىجىدە مەغلۇپ بولۇپ، ئاخىرىدا ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن. 1998-يىللىق فرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا ۋە 2010-يىللىق جەنۇبىي ئافىرىقا دۇنيا لوڭقىسىدا، چىلى سەككىز كۈچلۈك شاللاش مۇسابىقىسىدە برازىلىيە بىلەن ئۇچراشقان، ئاخىرىدا 1-4 ۋە 0-3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولغان. ناۋادا چىلى برازىلىيەنى شاللاپ سەككىز كۈچلۈككە كىرىپ قالسا، چىلى برازىلىيەدىن ئۆچىنى ئېلىپلا قالماي يەنە 1962-يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىدا سەككىز كۈچلۈككە كىرىدۇ.

3. برازىلىيە سەككىز كۈچلۈك شاللاش مۇسابىقىسىدە ئەۋزەللىككە ئىگە. برازىلىيە ئالدىنقى قېتىم سەككىز كۈچلۈك مۇسابىقە باسقۇچىدا شاللىنىپ كەتكەن ۋاقىت 1990-يىللىق ئىتالىيە دۇنيا لوڭقىسىدا ئارگېنتىناغا 0-1 نەتىجىدە مەغلۇپ بولۇپ شاللىنىپ كەتكەن. برازىلىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئون قېتىملىق جەنۇبىي ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن نەتىجىسى پەقەتلا بىر مەيدان ئۇتتۇرغان، قالدى توققۇز مەيداندا سەككىز مەيدان غەلبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلەشكەن. چىلى دۇنيا لوڭقىسىدا تۆت قېتىم جەنۇبىي ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن ئۇچىرىشىپ تولۇق مەغلۇپ بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ قېتىم برازىلىيە بىلەن ئۇچراشقان.


 
4. برازىلىيە ساھىبخان مەيدان 12 يىل مەغلۇپ بولمىغان. ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىلەردىكى تارىخى سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، تارىختا برازىلىيە 26 قېتىم ساھىبخان مەيدان چىلى بىلەن ئۇچراشقان، ئاخىرىدا 20 مەيدان غەلبە قىلىپ، ئالتە مەيدان تەڭلەشكەن، ئەزەلدىن چىلىغا بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرۇپ باقمىغان. برازىلىيە ساھىبخان مەيداندا ئۇدا 40 مەيدان مەغلۇپ بولۇپ باقمىغان، ئالدىنقى قېتىم 2002-يىلى پاراگۋايغا 1-0 نەتىجىدە ساھىبخان مەيدان ئۇتتۇرغان.

5. نېيمار ئالتۇن بوتىسنى تالىشىدۇ. ئۈچ مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىدە، نېيمار ئاللىقاچان تۆت توپ كىرگۈزۈپ بولدى، نۆۋەتتە نېيمار مېسسى ۋە توماس مۇللېر بىلەن مەرگەنلىك رېتىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. ئالدىنقى يىلى 4-ئايدىكى بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە نېيمار چىلىغا توپ كىرگۈزگەن. برازىلىيەنىڭ تارىختىكى مەرگەنلەر رېتىدە، نېيمار ھازىر 35 توپ كىرگۈزۈپ ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ، بەشىنچى ئورۇندىكى بىبىتو بىلەن پەقەت تۆت توپلا پەرق بار.


6.برازىلىيە بىلەن چىلى مۇسابىقىسى بىر مەيدان توپ كىرىش مۇسابىقىسى بولامدۇ؟ برازىلىيە بىلەن چىلى ئىككى كوماندا تارىختا 68 قېتىم ئۇچىرىشىپ 127 توپ كىرگۈزگەن، ئوتتۇرچە ھەرمەيدان مۇسابىقىدە 3.19 توپ كىرگەن. ئىككى تەرەپنىڭ يېقىنقى ئون قېتىملىق ئۇچىرىشىشىدا، 2004-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى جەنۇبىي ئامېرىكا سالاھىيەت مۇسابىقىدە 1-1 تەڭلەشكەننى چىقىرۋەتكەندە، قالدى مۇسابىقىلەردە ئاساسەن 6-1، 5-0 دىگەندەك چوڭ نومۇر پەرقى چىققان.


7. بۇ مەيدان مۇسابىقىگە ئېنگىلاندلىق داڭلىق رېپىر ۋېيبو پۈشتەك چالىدۇ، بىراق چىلىنىڭ يادرولۇق توپچىسى سانچىس يەنىلا رېپىرنىڭ برازىلىيەگە يان بېسىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يارلىنىش ئەھۋالى:
داۋىد لۇيىسنىڭ مەشىقتە دۈمبە قىسىمى ئازراق يارلانغان.(گۇمانلىق)
ۋىدال ئاغرىق. (گۇمانلىق)

پەرەز سەپ شەكىلى:
برازىلىيە 4231
قاپقىچى: 1-سەيسار
بېك: 2-ئارۋىس، 3- دىياگو سىلۋا، 4-داۋىد لۇيىس، 6- مارسېلو
ئارقا بەل: 17- گۇستاۋ، 5- فېرنەندىنھو
ئوتتۇرا مەيدان: 7-خۇلىك، 11-ئوسكار، 10- نېيمار
ھۇجۇم: 9-فىرەد


چىلى 3421
قاپقىچى: 1-براۋو
بېك: 18-گونزالو خارا،17- مىدال سوتو، 5-سىلۋا
ئوتتۇرا مەيدان: 4-ئىسلا، 20-ئارانگۇيىز،21- دىياز 2- مېنا
ئالدى بەل: 8-بىدال
ھۇجۇم: 7- سانچىس، 11-بارگاس

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا