جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسىغا توپ تېپىۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتى بارىنىڭ تۇيۇقسىز جىمجىتلا يوقاپ كېتىشى نۇرغۇن پۇتبول مەستانىلىرىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش بولۇپ قالدى. بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇسابىقىدە زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشكەندىن بۇيان، ئىلگىرى دائىملا 18 ئادەمنىڭ تىزىملىكى قاتارىغا كىرگۈزۈلىدىغان بارى جىمجىتلا يوقاپ كەتتى. تۈنۈگۈن ئوكادا ئاخىرى بۇنىڭ جاۋابىنى بەردى، ئەسلىدە بارى كۆپ قېتىم كوماندىنىڭ تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇسابىقە ۋە مەشىقىنى توختىپ قويۇش جازاسى بېرىلگەنىكەن.
«گەرچە بارى ناھايىتى ياخشى، كۆزگە كۆرۈنگەن بىر پۇتبولچى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كۆپ قېتىم كوماندىنىڭ تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلدى، مەن بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمىدىم، شۇڭا ئۇنىڭ مەشىقىنى توختاتتىم» دېدى ئوكادا ناھايىتى جىددىي تەلەپپۇزدا.
بارىنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقى ھەققىدە توختىلىپ ئوكادا مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، زاپاس قىسىم مۇسابىقىسىنىڭ بەلگىلەنگەن يىغىلىش ۋاقتىدا، ئۇ كېچىكىپ قالدى؛ ساھىپخان كوماندا مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنقى كېچىسىدە، ئۇ بەلگىلىمە بويىچە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ياتاقتا تۇرمىدى. ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم ئۇ رۇخسەت سورىغاندا مەن ئۇنىڭغا كېلەر ھەپتىدىكى مەشىققە چوقۇم ۋاقتىدا كېلىشىنى ئېيتقان بولساممۇ ئۇ ۋاقتىدا كوماندىغا قايتمىدى. شۇڭا بىز ئۇنىڭغا مەشىقىنى توختىتىش جازاسىنى بەردۇق.»
بارى تۇنجى قېتىم جازاغا ئۇچرىغان پۇتبولچى ئەمەس. چىن جۇڭليۇ كۆپ قېتىم مەشىققە كېچىكىپ قالغانلىق تۈپەيلى زاپاس قىسىمغا چۈشۈرۋېتىلگەن، بىرىنچى سەپكە قايتقاندىن كېيىنمۇ، ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن مۇسابىقىگە قاتنىشالىغان. بۇ ساۋاقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، چىن جۇڭليۇ سەل چۆچۈپ، كېيىنكى مۇسابىقىلەردە ئىپادىسى ياخى بولغان. ئوكادا بارىنىڭ خاتالىقىنى تونۇش پوزىتىسيىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۇنى بەدەن بەدەن ئىقتىدارى تېرىنىرىغا ئەگەشتۈرۈپ، ئايرىم مەشىقلەندۈرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەلۋەتتە، بۇ شىنجاڭدىكى نۇرغۇن پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ كۈتكىنى ئەمەس، ئىزچىل پەخرىمىز دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان بارىنىڭ بۇ ئىپادىسى شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىشى مۇمكىن. ئەمما بارى ئۆز خاتالىقىنى تونىغانىكەن، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تىرىشىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز، بارى بىزنى قايتا ئۈمىدسىزلەندۈرەمدۇ ياكى كۈتكەن يېرىمىزدىن چىقىپ، بىزنىڭ پەخىرلىك پۇتبولچىمىز بولۇپ قالامدۇ، يەنىلا ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئىپادىسىگە باغلىق. بىز يەنىلا ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمىز.