ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  تەنتەربىيە

CBAرېپېرلىرى قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتىنى يوقاتتى

ۋاقتى : 2015-03-14  مەنبەسى : tiao.com  يوللىغۇچى : باتۇرجان ئابلەت  

ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى: جاللاتلار قولىدا كاللا كېسەر قىلىچلىرىنى تۇتۇپ تۇرغان ۋاقىتتا پادىشاھقا تىزلانمايدۇ . چۈنكى ئۇلار قانۇنغا ۋەكىللىك قىلىدۇ .
ۋاسكېتبول مەيدانىدا ، رېپېر دەل قانۇندۇر . رېپېر ۋاسكېتبۇلنىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە تەشكىللىگۈچىنىڭ ھوقۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ . ۋاسكېتبولنىڭ قائىدىلىرىنى قوللىنىش ۋە كونترول قىلىش كۈچى ئارقىلىق مەيداننىڭ تەرتىپىنى ساقلايدۇ ، مۇسابىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ، توپچىنىڭ ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىقلارنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ .
رېپېر مەيداندا ھەرقانداق ھۇجۇمغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك
رېپىرلار ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خاتا ھۆكۈم قىلىش ، بىرەر توپقا ھۆكۈم ئېلان قىلماسلىق قاتارلىق خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ ، ئەگەر قەستەن قىلمىسىلا بۇ تېخنىكىسىدىكى ياكى مەمۇرىيەت دائىرىسىدىكى ئىش بولىدۇ ، لېكىن سەۋىيەسى ناھايىتى تۆۋەن رېپېر بولسىمۇ كوماندىنىڭ باشلىقى ، تىرېنېر ۋە ياكى توپچىنىڭ ھەرقانداق بىر ھۇجۇمىغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك .

 
بىز بىلىمىز ئامېرىكا بىرلەشمىسىدە دائىم دېگۈدەك رېپىردىن ئاغرىنغانلىقى سەۋەبىدىن توپچى جازالىنىدىغان ئىش بولۇپ تۇرىدۇ . باۋلو تېخى يېقىندىلا مەلۇم بىر ئايال رېپىرنى رېپېر بولۇشقا ماس كەلمەيدىكەن دېگەنلىكى ئۈچۈن 2 تۈمەن ئامېرىكا دوللىرى تۆلەش جازاسىغا ئۇچرىدى .
NBA دىكى ئەڭ داڭلىق رېپېر كىلەدفور پاينەكنىڭ ئىچىنىڭ تارلىقىنى ۋە توپ چولپانلىرىغا بەك قاتتىق قوللۇق قىلىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، كۈلگەنلېكى سەۋەبىدىن مەيداندىن چىقىرىۋېتىلگەن Tim Duncan ۋە چىش قېپىنى تاشلىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن قوغلانغان Udonis Haslem ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغانلاردۇر .
ئۇ ھەتتا ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبىدىن مۇسابىقىدىن توختىتىلغان ، بىراق ئۇ مەيداندىكى ۋاقتىدا NBA نىڭ باشلىقى ئۇنىڭ نوپۇزىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان . چۈنكى ئۇنىڭ ۋەكىللىك قىلىدىغىنى ئەمەلىيەتتە ئۆزى ئەمەس بەلكى NBA .
CBA ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى مەيدانىدىن كىيىن ، بىزنىڭ CBA نىڭ رېپېرلىرىنىڭ ئاستا - ئاستا رېپېردا بولۇشقا تېگىشلىك نوپۇزنىڭ بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ .
لياۋنىڭ ساھىبخان بولغان مۇسابىقىدە « ئادىل بولمىدى » دېگەن ئاۋاز ياڭرىدى . چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ توپچىلىرىنى ئوخشىمىغان ئۆلچەمدىكى مۇئامىلىگە ئۇچرىدى ، نۇرغۇن ھۆكۈم بىزگە پايدىسىز بولدى دەپ قارىدى .
مەسىلەن مابۇلىنىڭ لى شياۋشۈگە ناھايىتى ئېنىقلا تىزى ئارقىلىق قىلغان ھەرىكىتىگە قارىتا ، ئاقىۋەتتە لى شياۋشۈنى قائىدىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ ھۆكۈم چىقىرىلدى .
ئۇنداقتا بېيجىڭ كوماندىسى ۋە بېيجىڭ توپ مەستانىلىرى رېپىردىن خۇش بولدىمۇ ؟
ياق .
توردا رېپىرنى تىللىغان بېيجىڭ توپ مەستانىلىرى لياۋنىڭنىڭكىدىن ئاز ئەمەس . ئۇلار مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى تالاش - تارتىش ۋە بېيجىڭ كوماندىسىغا بولغان ئارتۇقچە كەسكىنلىك توغرىسىدا قارشىلىقىنى ئىپادىلىدى .
بىر تەرەپ رېپېردا مەسىلە بار دەپ قارىسا، بۇ بەلكىم يېڭىش يېڭىلىش توغرىسىدا چىققان باھانە بولۇشى ، ۋە ياكى كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە ئۈچۈن رېپېرغا ئالدىن بېسىم ئىشلەتكەنلىكى بولۇشى مۇمكىن . ئەگەر ئىككىلا تەرەپ رېپېردا مەسىلە بار دەپ ئويلىسا ، بۇ شەك - شۈبھىسىز رېپىرنىڭ كەسپى سەۋىيەسى ۋە مەيداندىكى قانۇن ئىجرا قىلىشىدا مەسىلە بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .
CBA رېپېرلىرىنىڭ سەۋىيەسى بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىگە يېتىشەلمەي قېلىۋاتىدۇ ، بۇنىڭدىن شۈبھېلەنمەي بولمايدۇ . بۇ كېيىنكى مۇھىم مۇسابىقىلەرگە بارغاندا چەت ئەللىك رېپېرلارنى تەكلىپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئالدىنقى يىلى لياۋنىڭ شىنجاڭغا ئۇتتۇرۇپ قويغان مۇسابىقىدە ، خەن دې جۈن ئاخىرقى مۇھىم توپنى گارغا ئاتقاندا قىرانبەك قۇچاقلىۋېلىپ يىقىتىۋەتكەن ، بۇ بىر مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىدى ، بىراق بۇنىڭغا پۇشتەك چالماي لياۋنىڭ كوماندىسىنىڭ ئۇتتۇرۇپ قويۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، ھەم بەك كۆپ غۇلغۇلا چىقارغان ئىدى ، گو شىچياڭ ئاچچىقىدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن . بۇ CBA رېپېرلىرىنىڭ سەۋىيەسىنىڭ بىر كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى خالاس .
كەسپى سەۋىيەسى تۆۋەن ، قانۇن يۈرگۈزۈش تەجرىبىسى بولۇپمۇ چوڭ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش تەجرىبىسى يېتەرلىك بولماسلىق ، پىسخىك ساپاسى تۆۋەنلىكتىن مەيداندا قالايمىقانچىلىق چىقسا بېسىقتۇرالماسلىق ھەتتا نېمە قىلارىنى بىلەلمەسلىك ، مەيدانغا نىسبەتەن كونترول قىلىش ئىقتىدارى يەتمەسلىك قاتارلىقلار كېلىپ چىقماقتا ، بۇ مۇسابىقىنىڭ رەڭدارلىقىغا خېلىلا تەسىر يەتكۈزۈپ كەلدى .
ئەگەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە جازالارنىڭ ھەممىسى توپچى ، تىرېنېر ۋە توپ مەستانىلىرى تەرىپىدىن تېخىمۇ چېگىش بولۇپ كەتسە ، تەبىئىيلا دىققىتىنى يىغقىلى بولمايدۇ بۇنىڭ بىلەن مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ ، ھەم مۇسابېقىمۇ تالاش - تارتىشلار سەۋەبىدىن نەچچىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن توپ ئويناش ۋە توپ كۆرۈش قىزغىنلىقى بىراقلا يوقاپ كېتىدۇ .

ئاساسلىق سەۋەبلەرنى تېپىپ چىقىپ دۆلىتىمىز توپچىلىقىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئادىللىقنى ، يۇقىرى سەۋېيەلىششىنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك .
ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا