ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ھىندىستان ھاۋاسىنىڭ بۇلغۇنۇشى ناھايىتى ئېغىرلاپ كەتتى

ۋاقتى : 2015-03-16  مەنبەسى : jfdaily.com  يوللىغۇچى : ئەمەتجان  

kongqiwuran.gif

ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى: تاراتقۇلارنىڭ 3- ئاينىڭ 16- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ ھاۋاسىنىڭ بۇلغۇنۇش ئەھۋالى كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، دۇنيادىكى ھاۋاسى ئەڭ مەينەت 20 شەھەرنىڭ ئىچىدە، ھىندىستاننىڭ 13 شەھىرى بار ئىكەن، ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلى دۇنيادىكى بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر بولغان شەھەر بولۇپ قالغان بولۇپ، ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە قارىغاندا 60 ھەسسە يۇقىرى بولۇپ كەتكەن.
خەۋەردە دېيىلىشچە، ھىندىستاننىڭ ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى بىر قەدەر ئارقىدا قالغان بولۇپ، ئامما كۆپىنچە ھالدا ئۆزلىرىنىڭ شەخسى ماشىنىسى بىلەن يول يۈرىدۇ، بۇ قاتناش قىستاڭچىلىقىنى كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن كېرەكسىز گازلارنى قويۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھىندىستان ئاساسلىقى كۆمۈرنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق توك تارقىتىدۇ، ئەمما توك چىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ ئەسلىھەلىرى ئارقىدا قالغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلغۇنۇشنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئەمەلى ھوقۇقى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا، ھاۋانىڭ سۈپىتى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كەتمەكتە.
ھىندىستانىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئىقتسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى ساقلانغىلى بولمايدىغان بۇلغۇنۇشنى پەيدا قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. ھىدىستاننىڭ مۇھىت مىنىستىرى ھازىر نامراتلىقنى تۈگۈتۈش ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدىغان نىشان، شۇڭا كۆمۈرنى كۆيدۈرۈشنى ئازايتىشقا بولمايدۇ، دېگەن. مۇھىت مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن بۇرۇن كەلگۈسى بەش يىلدا كۆمۈرنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق توك تارقىتىش مىقدارىنى بىر ھەسسە قاتلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ھۆكۈمەت بۇلتۇر دىزېل مېيىغا تولۇقلىما بېرىشنى بىكار قىلدى، ھەمدە يېڭى دېھلىدىكى دىزېل مېيى ئىشلىتىدىغان ماشنىلاردىن قوشۇمچە ھەق ئېلىشنى پىلانلىغان، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تەدبىرلىرى ناھايىتى ئېنىقكى تېخى يېتەرلىك ئەمەس.
ئامېرىكىنىڭ بىر تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشچە، ھىندىستاندىكى 700 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى ئۆمرى ھاۋا بۇلغۇنۇش سەۋەبىدىن 3.2 يىل قىسقىراپ كېتىدىكەن. يەنە بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە، ھاۋاسى بۇلغۇنۇش تۈپەيلىدىن شۇ يەردىكى يېز ئىگىلىك مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 3 دىن 1 ى كېمىيىپ كەتكەن. تەتقىقاتچىلار ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەكلىپ بېرىپ، ئۈستىگە ئالغىلى بولىدىغان مۇھىت ئاسراش يېڭى تېخنىكىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، مۇھىت بىلەن ئىقتىسادقا ئوخشاشلا ئېتىبار بېرىشكە رىغبەتلەندۈردى.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا