ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  تەنتەربىيە

مېسسى 2 توپ كىرگۈزدى بارسېلونا رەقىبىنى يېڭىپ داۋاملىق 1 - ئورۇندا تۇردى

ۋاقتى : 2015-03-15  مەنبەسى : ۋاڭيى تورى  يوللىغۇچى : باتۇرجان ئابلەت  

 

 

ۋاڭيى تورى 3- ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرى  ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى

بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچ سائەت 1 دە ، 2014\2015 -يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 27-ئايلانما مۇسابىقىسىدىكى قىزىق نۇقتىلىق بىر مەيدان جەڭ ئىپۇلىيا مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى . ئالدىنقى 26 مەيدان مۇسابىقىدە 20 مەيدان ئۇتۇپ 2 مەيدان تەڭلىشىپ 4 مەيدان ئۇتتۇرغان بارسېلونا مېھمان مەيداندا ئېيۋار كوماندىسىغا جەڭ ئېلان قىلدى ، ساھىبخان كوماندا 26 مەيدان مۇسابىقىدە 7 مەيدان ئۇتۇش 6 مەيدان تەڭلىشىش 13 مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجىسى بىلەن بىرلەشمىدە 14 - ئورۇندا تۇرماقتا . مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مېسسى ئۆزى بىر نۇقتا توپقا ئېرىشتى ھەم تېپىپ كىرگۈزدى ، كېيىنكى يېرىم مەيداندا مېسسى بۇلۇڭ توپنى كاللا بىلەن ئۈسۈپ كىرگۈزدى ، ئاخىرىدا بارسېلونا 2-0 نومۇر بىلەن رەقىبىنى يەڭدى . بۇ مۇسابىقىدىن كېيىن بارسېلونانىڭ بىرلەشمىدىكى نومۇرى 65 كە يېتىپ بىرىنچى ئورۇندا داۋاملىق تۇردى . خان مادرېدنىڭ ئېرىشكەن جۇغلانما نومۇرى 61 بولۇپ ، بارسېلونادىن 4 نومۇر ئارقىدا تۇرماقتا . 

 |   

بۇ مۇسابىقە پەسلىگە قەدەر بارسېلونا بىلەن ئېيۋار كوماندىسىنىڭ تېخى رەسمىي تۇتۇشۇپ باققان خاتىرىسى يوق ، چۈنكى بۇ مۇسابىقە پەسلى ئېيۋار كوماندىسى قۇرۇلغان 74 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ 8 - ئايلانمىسىدا ، ئىككى تەرەپ نوكەمپۇ مەيدانىدا تارىختىن بۇيانقى تۇنجى مۇسابىقىسىنى ئوينىغان ، ئاخىرىدا بارسېلونا شاۋېي ، نېيمار ، مېسسىنىڭ بىردىن كىرگۈزگەن توپىغا تايىنىپ 3-0 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغان ئىدى . كوماندا ئەزالىرى جەھەتتە ئالۋېس بىلەن ئالبا مۇسابىقىدىن چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن مەيدانغا چىقمىدى . مونتويا بىلەن ئادرېيانو ئاساسلىق تىزىملىككە كىردى ، بۇسكېس ئېغىر يارىدار ، ماسچېرانو مۇسابىقىدە سېرىق كارتا يەپ كېيىنكى دۆلەت دېربىسىدىن چەكلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئارام ئالغان ، سەيج روبېرت بىلەن بارتېلا مۇشۇ پۇرسەتتە مەيدانغا چىقتى ، روبېرت ئارقا بەل ئورنىنى ئوينىدى . MSN گۇرۇپپىسى يەنىلا ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى ، مېسسى كوماندا باشلىقى سالاھىيىتىدە مەيدانغا چىقتى ، نېيمار كۇلۇبتىكى 300 - مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدى . 

مۇسابىقە باشلىنىپ 1 مىنۇت بولغاندا ، رافېينىيا سول تەرەپتىن پاس بەردى ، مېسسى ئوتتۇرىدىن كېلىپ توپنى تەپتى بىراق توسۇۋېلىندى . رافېينىيا كەينىدىنلا ئوتتۇرىغا يەنە بىر پاس بەردى ، بۇ توپنى راكتېچ ۋاراتارغا قارىتىپ ئۈسۈدى ، بىراق ۋاراتار بۇ توپنىمۇ توسۇۋالدى . مۇسابىقە باشلىنىپ 10 ئالدىنقى 10 مىنۇتتا ، بارسېلونانىڭ پاس بېرىشىدە مەسىلە كۆرۈلدى ، خاتالىق كۆپ يۈز بەردى . 14 - مىنۇتتا ، مونتۇيا يىراقتىن ئۇزۇن پاستىن بىرنى چىقاردى ، سۇئارېز ئوڭ تەرەپتىن كېلىپ توپنى ئەپچىللىك بىلەن ئوفسايد ئورۇندا كونترول قىلىپ پاس بەردى  ، بىراق توپ ياخشى ئورۇنغا يەتمىدى . 16 - مىنۇتتا ، مېڭتويا ئوڭ تەرەپتىن بەرگەن پاسنى قارشى تەرەپ توسۇۋالدى بىراق چىقىپ كەتتى ، شۇنىڭ بىلەن بارسېلونا بۇ مەيداندىكى تۇنجى بۇلۇڭ توپىغا ئېرىشتى ، بىراق راكتېچ باشلىغان توپ ھېچقانداق تەھدىت ئېلىپ كېلەلمىدى . 17 - مىنۇتتا ، مېسسى چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قارشى تەرەپ توپچىسى تەرىپىدىن يىقىتىۋەتېلدى ھەم بىر ئىختىيارى توپقا ئېرىشتى ، بۇ توپنى مېسسى ياردەمچى يۈگۈرۈپ بەردى نېيمار تەپتى ، بىراق توپ ئادەم توسۇقتىن ئۆتمىدى . 

22- مىنۇتتا ، مېسسى ئادەمدىن ئالداپ ئۆتۈش ھەرىكىتىنى ئىشلىدى ، كەينى - كەينىدىن 4 ئادەمدىن ئۆتۈپ چەكلەنگەن رايوندا سول تەرەپكە توغرىسىغا پاس بەردى ، نېيمارنىڭ ئەپچىللىك بىلەن تەپكەن توپى توسۇۋېلىندى . 27 - مىنۇتتا ، مېڭتويا چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى ئۈسۈگەن ۋاقتىدا قارشى تەرەپ توپچىسى يۈزىگە تېپىۋەتتى ۋە يەرگە يىقىلىپ چۈشتى ، مۇسابىقە 1 مىنۇت توختىتىلدى . 30-مىنۇتتا ، مېسسى چەكلەنگەن رايوندىن توپنى تەپتى ، توپ ئېجىسانىڭ قولىغا تېگىپ كەتتى ، باش رېپېر ئېجىساغا سېرىق كارتىدىن بىرنى چىقاردى ھەم نۇقتا توپ تاشلاپ بەردى ، 31 -مىنۇتتا مېسسى بۇ نۇقتا توپنى ئوڭ تەرەپكە تېپىپ كىرگۈزدى ، بارسېلونا1-0 نەتىجە بىلەن ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى ، بۇ مېسسىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى 31 - توپى بولۇپ ، كىرىستىئانو رونالدودىن بىر توپ ئېشىپ رەت تەرتىپتە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلدى . 40 - مىنۇتتا ، لارانىڭ يىراقتىن تەپكەن توپى قېيىپ كەتتى . 43 -مىنۇتتا مېسسىنىڭ سول تەرەپتىن ئاستىدىن تەپكەن توپى توسۇۋېلىندى . 46 - مىنۇتتا نېيمار سول تەرەپتىن پاس بەردى ، راكتېچ مەيدىسى بىلەن توسۇپ ، سۇئارېزغا پاس بەردى بىراق سۇئارېزنىڭ ۋاراتارغا قارىتىپ تەپكەن توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى . 

ئىككى تەرەپ كېيىنكى يېرىم مەيدانغىچە ئادەم ئالماشتۇرمىدى ، يامغۇر تېخىمۇ كۈچۈيۈپ كەتتى . 48-مىنۇت بولغاندا ، سكۇلنىڭ سول تەرەپتىن تەپكەن توپى قېيىپ كەتتى . 52 - مىنۇتتا ، مېسسى ئۇدۇلدىن تەپتى ، نېيمار بۇ توپنى ئوڭ تەرەپتىن تەپتى بىراق ۋاراتار تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى . 55 مىنۇت بولغاندا ، راكتېچ ئوڭ تەرەپتىن بۇلۇڭ توپ تەپتى ، ھېچكىم مۇداپىئە قىلمىغان مېسسى بۇ توپنى كاللا قويۇپ كىرگۈزدى ، بارسېلونا 2-0 نومۇر بىلەن تېخىمۇ ئالدىغا ئۆتتى . 

69 - مىنۇتتا ، نېيمارنىڭ ئورنىغا پېدرو ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى . 71 مىنۇت بولغاندا ، پېك ئوتتۇرا مەيداندا ئادەم ئالداپ ئۆتۈۋاتقاندا ، بورھا تىپىپ يىقىتىۋەتتى . 84 -مىنۇتتا ، مېسسى توپنى نېيمارغا بەردى ، قارشى تەرەپ بېكى توپنى كاللا قويۇپ چىقىرىۋەتتى . 89 مىنۇت بولغاندا ، مېسسى توپ يەتكۈزدى ، پېدرونىڭ سول تەرەپتىن تەپكەن توپى توسۇۋېلىندى . 90 مىنۇت بولغاندا ، ساھىبخان كوماندا ئوتتۇرىغا پاس بەردى ، پېئاۋكال توپنى قاڭقىتىپ تەپتى  ، بىراق توپ ۋاراتار تۈۋرۈكىگە تېگىپ چىقىپ كەتتى . مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىدا ئىككىلا تەرەپ نومۇرنى ئۆزگەرتەلمىدى ، ئاخىرىدا بارسېلونا مېھمان مەيداندا 2-0 نەتىجە بىلەن ئېيۋار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى  ، كېيىنكى مۇسابىقىدە بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا دۆلەت دېربىسىدا خان مادرېدنى كۈتۈۋالىدۇ . 

مۇسابىقە تىزىملىكى : 

ئېيۋار (5-3- 2) : 25-يامى\16-لىرو ، 17- دىداك ، 22- نىۋاس ، 5-ئېجىسا ، 2-بىۋىدا\23-لارا ، 12-بورھا ، 8-ئىراسىد\21-سكۇل ، 20-مورال

بارسېلونا(4-3-3) : 13-بۇرائو\2-مونتويا ، 3-پېك ، 15- بارتېلا ، 21-ئادرىيانو \20-سېرج روبېرت ، 4-راكتېچ ، 12- رافېينىيا\10-مېسسى ، 9-سۇئارېز ، 11-نېيمار

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا