ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  تەنتەربىيە

مادرېد 0-1 بىلباۋ رىقابەت (ئىسپانىيە بىرلەشمىسى)

ۋاقتى : 2015-03-08  مەنبەسى : ۋاڭيى تەنتەربىيەسى  يوللىغۇچى : باتۇرجان ئابلەت  

 

ۋاڭيى تەنتەربىيەسى 3-ئاينىڭ 8- كۈنى خەۋىرى ، ئاناتۇپراق تورى تەرجىمىسى :

بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 8- كۈنى سەھەر سائەت 1 (شۇ جاي ۋاقتى 7-چېسلا چۈشتىن كېيىن 18) دە 2014-2015مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 26-ئايلانما مۇسابىقىسى ، مادرېد مېھمان بولۇپ يېڭى سان مەمىس مەيدانىدا بىلباۋ رىقابەت كوماندىسىغا جەڭ ئېلان قىلدى . ئالدىنقى يېرىم مەيداندا 34 ياشلىق ئادۇلىس كاللا توپ كىرگۈزۈپ ، مادرېد مېھمان مەيداندا 0-1 نەتىجە بىلەن ۋاقتىنچە ئارقىدا قالدى . كېيىنكى يېرىم مەيداندا بېلنىڭ 50 مېتىرغا يېقىن ئارىلىقتىن تەپكەن توپى ۋاراتار تۈۋرۈكىگە تېگىپ كىرمىدى . مادرېد مېھمان مەيداندا 0-1 نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ ، بارسېلونادىن پەقەت 2 نومۇر ئالدىدا تۇرماقتا .


 

 خان مادرېد ۋە بىلباۋ رىقابەت تارىختا 167 مەيدان تۇتۇشقان بولۇپ ، سامان سولى جەڭ كىيمىسى 85 مەيدان ئۇتۇق  32 مەيدان تەڭلىشىش 50 مەيدان ئۇتتۇرۇش بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلگەن بولۇپ ، مادرېد 83-قېتىم باسىك كوماندىسىغا جەڭ ئېلان قىلغاندا 29مەيدان ئۇتۇق 17 مەيدان تەڭلىشىش 37 مەيدان ئۇتتۇرۇش بىلەن پاسسىپ ھالەتتە قالغان ئىدى . ئىككى كوماندىنىڭ ئالدىنقى قېتىم تۇتۇشقان ۋاقتى مۇشۇ مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىكىسىنىڭ 7-ئايلانمىسى بولۇپ ، مادرېد 5-0 نەتىجە بىلەن ئەسەبىيلەرچە يېڭىغان ئىدى .
 

 مۇسابىقىدىن بۇرۇن بىلباۋ رىقابەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ئىراۋلا 500 مەيدان دېگەن خەت بار توپ كىيىمىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، باسك كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 500 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغانلىقىنى خاتىرىلىدى . مۇسابىقە باشلىنىپ 12 مىنۇت بولغاندا ، كىرۇس ئوڭ تەرەپتىن بۇلۇڭ توپتىن بىرنى تاشلىدى ، پىپىنىڭ 7 مېتىر ئارىلىقتىن ئېگىز سەكرەپ ئۈسۈگەن توپى قاپكىدىن چىقىپ كەتتى . 26-مىنۇتتا بىلباۋ رىقابەت قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىدى ، لىك روپنى چەكلەنگەن رايونغا تاشلىدى ، ئادۇرېس پىپىنىڭ ئالدىدىلا 10 مېتىر ئارىلىقتىن كاللا توپ كىرگۈزدى ، شۇنىڭ بىلەن مادرېد مېھمان مەيداندا 0-1 نومۇر بىلەن ئارقىدا قالدى . خان مادرېد بۇ مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 8 قېتىم رەقىبى تەرىپىدىن كاللا توپ يەپ ، ئالدىنقى پەسىلدىكى 7 قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى .
 

 تىزىملىك تۆۋەندىكىچە

بىلباۋ رىقابەت (4231) : 1-ئىلەيسوس\15-ئىرەيلا ، 18-گۇرپىد ، 16- ئەتىھىت ، 24- بالۇچىيا\7-بېنىيەت ، 17- لېك ، 10-دې.ماكىس ، 19-مۇنىيايىن \ 20-ئادۇلىس.

خان مادرېد (433): 1-كاشلىياس\15-كاۋاخار ، 3-پىپى ، 2-ۋارانى ، 12- مارسىلو \ 24-ئىلىيالامىندى ، 8-كىرۇس ، 23- ئىسكې \ 11-بېل ، 9- بېنزىما ، 7-كىرىستىئانو رونالدو
 

 

 

 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا