ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  تەنتەربىيە

FIFA قىشلىق دۇنيا لوڭقىسى سەۋەبىدىن تولۇقلىما بېرىشنى رەت قىلدى

ۋاقتى : 2015-02-26  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

01.jpg

سۇمۇرغ تەنتەربىيەسى 26-فېۋرال خەۋىرى: خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ دېيىشىچە، 2022-يىللىق قاتار دۇنيا لوڭقىسى سەۋەبلىك ياۋروپا كۇلۇبلىرىغا تولۇقلىما بەرمەيدىكەن. ئاسمان تەنتەربىيەسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېچلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئوينىلىدىكەن.
 ياۋروپا كۇلۇبلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى رۇمنىگېنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئەگەر 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۆتكۈزۈلسە، ياۋروپادىكى زەردار كۇلۇبلار خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىدىن تولۇقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلىدىكەن. مۇسابىقە شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلسا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئىچى مۇسابىقىسىگە «غايەت زور زىيان» يەتكۈزىدىكەن، چۈنكى بۇ مۇسابىقە ۋاقتىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدىكەن.
 ئۇ: «ياۋروپا كۇلۇبى ۋە بىرلەشمىسى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشتا كېلىپ چىققان چىقىمنى كۆتۈرەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۇلۇبلارنىڭ تارتقان زىيىنىنى تولۇقلاپ بېرىش كېرەك» دېدى.
 ئاندىن خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ۋالكى ياۋروپادىكى كۇلۇبلارغا تولۇقلىما بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى: «تولۇقلىما يوق، قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشقا يەنە 7 يىل ۋاقىت بار. بىز كۇلۇبلار بىلەن ئۆز-ئارا ماسلاشقان، پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا خالاس، بىز پۇتبولنى ۋەيران قىلمايمىز».
 «بىز كۇلۇبلارغا نېمە ئۈچۈن ناماقۇل بولىمىز؟ بىز كۇلۇبلار بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان، ئۇلار پايدا ئالغۇچى. 2010-يىلى 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2014-يىلى 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرى».
 ۋالكى يەنە كۇلۇبلارنى بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىش گەرچە «مۇكەممەل بولمىسىمۇ» قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا 3-ئاينىڭ 19،20-كۈنلىرى سيۇرىختا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقى قارار قىلىندى.
 تەرجىمىدە: لوقمان

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا