ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  تەنتەربىيە

ئۈرۈمچى پۇتبول كوماندىسى ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە كوماندىلىرىنى يېڭىپ چىمپيون بولدى

ۋاقتى : 2013-07-26  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر چېمپىيونلۇق لوڭقىسى باشلانغۇچ مەكتەپلەر گۇرۇپپىسىدا چىمپيون بولغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىدىكى ئەمەلىي كۈچى كۆرىنەرلىك بولۇپ، غايەت زور ئۈستۈنلۈك بىلەن U13گۇرۇپپىسىنىڭ چىمپېيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن، U13 گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنقى، كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتى پەقەت 30 مىنۇت بولۇپ، مۇسابقىگە جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە ۋە جۇڭگودىن 8 كوماندا قاتناشقان. 7 نۆۋەت تاق ئايلانما مۇسابىقە تۈزۈمىدە. ئەڭ ئاخىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسى 7 مەيدان مۇسابىقىدە ھەممىسىدە غەلبە قىلىپ چىمپيون بولغان، جەمئىي 43 توپ كىرگۈزگەن، 3 توپ كەتكۈزۈپ قويغان، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، جەنۇبىي كورىيە كوماندىسى بىلەن تۇتۇشقاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى ئىككى قېتىملىق مۇسابىقىدا 14 توپ كىرگۈزگەن، جەنۇبىي كورىيە كوماندىسى بىرمۇ توپ كىرگۈزەلمىگەن. ئىگىلىنىشچە، ياپونىيە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنى ياپونىيەگە بېرىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنىڭ كونكرېت نەتىجىسى:
شەندۇڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى: 7:0
ياپونىيە ئوساكا كوماندىسى 2:1
شەندوڭ لۇنېڭ كوماندىسى 5:0
شەندوڭ سەيكې كوماندىسى:  5:2 
جەنۇبىي كورىيە ياڭپيېئوڭ كوماندىسى 7:0
شەندوڭ جىنەن دىيەنلىياۋ بىرىنچى ئوتتۇرا 10:0
جەنۇبىي كورىيە فوسان كوماندىسى 7:0
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى يۇقىرىقى نەتىجە بىلەن U13 گۇرۇپپىسىدىكى 7 كوماندىنىڭ ھەممىسىنى يېڭىپ، چىمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.
ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا