12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى يېقىندا ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلغان دەپ قارالغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.ئەگەردە ھەقىقىيلىقى ئىسپاتلانسا خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى ناھايىتى ئېغىر بېسىمغا دۇچ كېلىدىغان بولۇپ، كوماندىدىكى داڭلىق چولپانلاردىن كىرىستىيانو رونالدو بىلەن بېلنى سېتىۋېتىشكە مەجبۇر بولىشى مۇمكىن.
رەئىس فىلورېنتىنو قايتا مەنسەپكە ئولتۇرغاندىن كېيىن خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى يۆكىلىش بازىرىغا ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سالدى. ئۇلار ئالدى بىلەن يۆتكىلىش بازىرىدا رېكورت يارىتىپ كىرىستىيانو رونالدونى سېتىۋالدى، ئاندىن كېيىن يەنە ناھايىتى يۇقىرى يۆتكىلىش ھەققى بىلەن ۋېلىشلىق چولپان بېلنى سېتىۋالدى، بۇ ئىككى سودىغا خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى جەمئىي 170 مىليون ياۋرو خەجلىگەن بولۇپ، يۆتكىلىش بازىرىدا ئۇلارغا ھېچكىم رەقىب بولالمىدى. تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە دورتمۇند قاتارلىق زىيانغا ئۇچرىغان بەزى كۇلۇبلار خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىنىڭ بۇ ئۇسۇلىغا ناھايىتى قاتتىق نارازى بولغان، نۆۋەتتە ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەرز سۇنغان بولۇپ، خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىنى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن دەپ گۇمان قىلغان. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بۇ ئىشقا ناھايىتى تېز تۇتۇش قىلغان بولۇپ، ھازىر ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى، بارسېلونا كۇلۇبى، ۋالېنسىيا كۇلۇبى، ئوساسۇنا كۇلۇبى، بىلباۋ رىقابەت كۇلۇبى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كۇلۇبلارغا قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلىغان.
يۇقارقى بۇ كۇلۇبلارنىڭ ئىچىدە پۇل خەجلىشى ئەڭ قەبىھ بولغىنى خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كومىتېتىنىڭ نىشانلىق تەكشۈرۈش ئوبيىكتىغا ئايلانغان. مۇبادا خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىنىڭ ھەقىقەتەن ھۆكۈمەت مەبلىغىدىن پايدىلانغىنى ئىسپاتلانسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئادىل رىقابەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلغان دەپ قارىلىپ نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىكەن، ھەمدە ئېغىر بېسىم تۈپەيلى كىرىستىيانو رونالدو ۋە بېل قاتارلىق داڭلىق چولپانلارنى سېتىۋېتىشكە مەجبۇر بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇرۇنقى بارلىق قەرزلىرىنى تولۇق تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىكەن.
تاراتقۇلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، كىرىستىيانو رونالدو قاتارلىق داڭلىق چولپانلارنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى ئالدىنقى نەچچە يىل ئىچىدە دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى كۇلۇب قاتارىغا كىرگەن بولۇپ، خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى تەسىرىمۇ ناھايىتى ئاشقان، ھەمدە ئۇلارنىڭ مەبلەغ جەلىپ قىلىش كۈچىمۇ ئاشقان. بۇنىڭ بىلەن خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدە تۇنجى بولۇپ يىللىق كىرىمى 420 مىليون فوندسىتىرلىڭدىن ئاشقان كۇلۇپ بولۇپ قالغان. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىنىڭ مالىيە ئەھۋالى پۈتۈنلەي ياخشىلىنىپ كەتمىگەن، ئەكسىچە يۆتكىلىش بازىرىغا سالغان يۇقىرى سوممىدىكى مەبلەغ ۋە توپچىلارنىڭ يۇقىرى يىللىق مائاشى سەۋەبلىك ئۇلار زىممىسىگە ئالىدىغان يىللىق چىقىم 500 مىليون فوندسىتىرلىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ مەلۇماتلارنى دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق بولغان مالىيە ئورگىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئىشەنچىلىك دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن.