ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  تەنتەربىيە

بارى تۇرۇشلۇق كوماندا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، گۇرۇپپىدىن تاللىنىپ چىقىشى تەس بولدى

ۋاقتى : 2013-04-25  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

جياڭسۇ شۈنتيەن 0-2 سىئولFC
سىنا تەنتەربىيە خەۋىرى  نۇر تورى تەرجىمىسى:  
بېيجىڭ ۋاقتى 4- ئاينىڭ 24 - كۈنى 18:30، 2013 - يىللىق ئاسىيا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى گۇرۇپپا باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە دۆلىتىمىزنىڭ نەنجىڭ شەھەرلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئىلىپ بېرىلىپ،  جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە كۇلۇبى جياڭسۇ شۈنتيەن كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا كورىيە كۇلۇبى سىئولFC كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 30 مىنوت بولغاندا، سىئولFC كوماندا ئەزاسى گاۋ مىڭجېن يىراق ئارىلىقتىن  بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى؛ كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە  سىئولFC كوماندىسى ئوڭ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، كوماندا ئەزاسى بىر توپ كىرگۈزدى؛ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، جياڭسۇ شۈنتيەن كوماندىسىدىكى ئۇيغۇر يىگىت بارى ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشتى، ئۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى پۇرسەت كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى؛  شۇنىڭ بىلەن  جياڭسۇ شۈنتيەن كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا  0-2 نەتىجە بىلەن  سىئولFC كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلدى، بۇ قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن كېيىن جياڭسۇ شۈنتيەن كوماندىسى بەش مەيدان مۇسابىقىدە تۆت نومۇرغا ئېرىشىپ، بۇ گۇرۇپپىدا يەنىلا ئەڭ تۆۋەن ئورۇندا تۇردى، بىراق گۇرۇپپىدىن چىقىش ئۈچۈن ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە چوقۇم غەلىبە قىلىشى كېرەك. سىئولFC كوماندىسى بولسا بۇ قېتىملىق غەلىبىدىن كېيىن گۇرۇپپىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللىنىپ چىقتى.

04.jpg
05.jpg
06.jpg
 

 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا