ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  تەنتەربىيە

ئۇيغۇر بوكىس ماھىرى مەمەتتۇرسۇن چوڭ رۇسىيە ماھىرىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى

ۋاقتى : 2012-07-31  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

ئۇيغۇر بوكىس ماھىرى مەمەتتۇرسۇن چوڭ رۇسىيە ماھىرى بىلەن مۇسابىقىغا چۈشتى

 

ئۇيغۇر بوكىس ماھىرى مەمەت تۇرسۇن چوڭ رۇسىيە بوكىس ماھىرى بىلەن مۇسابىقىغا چۈشتى ۋە 16 گە قارشى 11 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.

   دۇنيا 2012 _ يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندۇندا داۋام قىلىۋاتىدۇ.  2012 _ يىلى 7 _ ئاينىڭ 30 _ كۈنىدىكى بوكسۇر مۇسابىقىسدە ئۇيغۇر بوكس ماھىرى مەمەت تۇرسۇن چوڭ رۇسىيە بوكىس ماھىرى بىلەن مۇسابىقىغا چۈشتى ۋە 3 مىنۇت مۇددەتلىك 3 قېتىملىق مۇسابىقە مەيداندا قاتتىق ئۇرۇش قىلغان بولسىمۇ 16 گە قارشى 11 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى. مەمەت تۇرسۇن چوڭ گەرچە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ ئۇنىڭ خەلقئارالىق مۇسابىقىسىغا قاتنىشىشى بىز ئۈچۈن چوڭ غەلبە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى مەمەت تۇرسۇن چوڭ بۇ قېتىمقى لوندون ئولىمپېك مۇسابىقىسىغا قاتناشقان بىردىن بىر ئۇيغۇر ئوغلانى ھېسابلىنىدۇ.

 مەمەتتۇرسۇن چوڭ، 1988-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان، ئۇ بىرىنجى دەرىجىلىك تەنھەرىكەت ماھىرى، 2006-يىلى بوكس دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ بەشىنچى بولغان ،11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدە بىرىنجى بولۇپ چېمپىيون بولغان،2007-يىلى،2011- دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى،2008 -يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقان،2011- يىلى ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان.

مەمەت تۇرسۇن چوڭنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ غەلبە ۋە ئۇتۇق قازنىشىغا ۋە دۇنيا چىمپىيونى بولۇشىغا تىلەكداشمىز. غەلبە چوقۇم تىرىشقانلارغا مەنسۇپ.

مەمەتتۇرسۇن چوڭ قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ باغچا يېزا 12 - كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ھازىر دۆلەتلىك بوكس كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، خەلقئارا دەرىجىلىك تەنھەرىكەت ماھىرى، بوكس كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ بوكسىيورلۇققا ھەۋەس قىلىپ، جاپالىق مەشىق قىلىش ۋە تەربىيەلىنىش نەتىجىسىدە 2002 - يىلى ئاپتونۇم رايوننىڭ يىللىق مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ بوكىسچىلار كوماندىسىغا تاللانغان.2004-يىلى ئاسىيا ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 2 - بولغان. 2007 - يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە 5 - بولغان. 2004 - يىلى11 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرىدە 64 كىلوگىراملىقلار تۈرىدە چىمپىيون بولغان. 2008 - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2011 - يىلى ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان.

2012- يىلى 4-ئاينىڭ3-كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدا ئۆتكۈزۈلگەن لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاسىيا رايون سالاھىيەت مۇسابىقىسىدا بوكىس ماھىرىمىز مەمەتتۇرسۇن چوڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن فىلىپىن، قىرغىزىستان ۋە ئىران ماھىرلىرىنى يېڭىپ 69 كېلوگىراملار تۈرى بويىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ، 2012 -يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا