ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  مەدەنىيەت

‹‹ ئامېرىكا تەڭگە شاھى ›› كىمئارتۇق قىلىنماقچى

ۋاقتى : 2015-03-16  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

4487fcd79e3916708ec326.jpg

جۇڭگو ئاخبارات تورى، 15-مارت تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى يەر مۈلۈك سودىگىرى بوگ ئاتا-بالا كۆپ يىللاردىن بۇيان ساقلاپ كەلگەن، ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان 650 تال ئامېرىكا تەڭگىسى بۇ يىل 19-ماي كىمئارتۇق قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ تەڭگىلەرنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش سوممىسى 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىۋېتىپتۇ.
    بۇ تەڭگە پۇللار ئامېرىكا دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، يەنى 1792-يىلىدىن 1830-يىلىغىچە بولغا ئارىلىقتا تارقىتىلغان، بۇ تەڭگىلەرنىڭ ئىچىدە ‹‹ ئامېرىكا تەڭگە شاھى ›› دەپ نام ئالغان، 1804-يىل ئىشلەنگەن بىر تال تەڭگىمۇ بار، بۇ تەڭگىنىڭ سەككىز مىليوندىن 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغىچە سېتىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەنگەن.
    1822-يىل ئىشلەنگەن بەش دوللارلىق تەڭگە پۇلمۇ بار بولۇپ، پۈتكۈل يەر شارىدا بۇ تەڭگىدىن پەقەتلا ئۈچ تال ساقلانغان، بۇ تەڭگىنىڭمۇ سەككىز مىليوندىن 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغىچە سېتىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەنگەن.
    كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بۇ تەڭگە پۇللار يەتتە قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىشقا قاتناشتۇرۇلغان، بەلكىم 2017-يىل 5-ئايغىچە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش سەھنىسىدە داۋاملىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
   ئىگىلىنىشىچە، 1800-يىلنىڭ باشلىرى تەڭگە قۇيۇشقا ئىشلىتىدىغان قېلىپلارنىڭ ھەممىسى قولدا ياسىلىدىغان بولغاچقا، ھەر قايسى تەڭگىلەردە ئوخشىماسلىقلار بولىدىكەن، بۇ ئالتۇن تەڭگىلەر يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ نەزەرىدە بىباھا گۆھەر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا