ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  مەدەنىيەت

سەلتەنەتلىك 100 يىل فىلىمىنىڭ تارىخى ئەھۋالى 26-بۈلۈم

ۋاقتى : 2013-12-25  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

  • سەلتەنەتلىك 100 يىل فىلىمىنىڭ تارىخى ئەھۋالى  22-بۈلۈم

37977e78d0a03c46da7ef0a25bfd4e10.jpg

بۇ بۆلۈمىدە، مەخسۇس پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان ئۇستاملار ھەققىدە توختىلىمىز...

ھەرەمدە خىزمەت قىلىدىغان چۆرىلەر ئەگەر پادىشاھنىڭ ئايالى بولمىسا، خىزمەتكار سۈپىتىدە يېتەلەيدىغان ئەڭ يۇقىرى ئورۇن «ئۇستام» لىق ئىدى. بۇ ئورۇنغا كېلىش ئۈچۈن باشقا ئارتۇقچىلىقلىرى بولۇشتىن سىرت، چىرايلىق بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇستاملار بىۋاستە پادىشاھنىڭ خزمىتىنى قىلاتتى. خەزىنىدار ئۇستام ھەرەمدىكى ئۇستاملارنىڭ ئىچىدە ھوقۇقى ئەڭ چوڭى ھېسابلىناتتى. ۋالىدە سۇلتاننى ھەرەمنىڭ بېشى دېسەك، خەزىنىدار ئۇستامنى ئۇنىڭ ياردەمچىسى دېيىشكە بولاتتى. توپكاپى سارىيىدا خەزىنىدار ئۇستامنىڭ تۇرىدىغان جايى ۋالىدە سۇلتاننىڭ ئۆيىنىڭ ئۈستىدە ئىدى. بوغۇز ساھىلىدىكى سارايلارغا كۆچكەندە بولسا، پادىشاھنىڭ ئۆيىنىڭ ئاستىدا بولاتتى. ھەرەمدە ئىشلەيدىغان بارلىق ئاياللار خەزىنىدار ئۇستامنىڭ باشقۇرۇشىدا بولاتتى. خەزىنىدار ئۇستام ھەرەمدىكى پۈتۈن خەزىنىلەرنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن «خەزىنىدار» دېيىلەتتى. ھەرەم پۇقرالىرىنىڭ بىر سارايدىن يەنە بىر سارايغا كۆچۈشى، توي – تۆكۈن ۋە نەزىر – چىراغلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇ مەسئۇل ئىدى. خەزىنىدار ئۇستامنىڭ باشقۇرۇشىدا نۇرغۇنلىغان خەزىنىدارلار ئىشلەيتتى. مىسالغا ئالساق، خەزىنىدار سانى 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا 2 – ئابدۇلھەمىت دەۋرىدە 20، ئۇندىن كېيىنكى سۇلتان رەشاد دەۋرىدە 17 بولغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە خەزىنىدارلارنىڭ دەسلەپكى بەشى ناھايىتى مۇھىم ئىدى. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى باش خەزىنىدار، يەنى خەزىنىدار ئۇستام بولۇپ، باشقىلىرى ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى ۋە بەشىنچى خەزىنىدار دەپ چاقىرىلاتتى. خەزىنىدارلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇھىم خىزمىتى پادىشاھنىڭ ئالاھىدە خىزمىتىنى قىلىش ئىدى. پادىشاھقا بولغان يېقىنلىقى دەرىجىلىرىگە ئاساسەن ئوخشىمايتتى. پادىشاھ ھەرەمدىكى ئۆيىدە بولغاندا باش خەزىنىدار ئۇستام يېنىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ چىقالايتتى. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى خەزىنىدار بولسا، دائىم دېگۈدەك پادىشاھنىڭ يېنىغا كىرىپ – چىقىپ تۇراتتى، بۇيرۇقىنى بىجانىدىل ئورۇنلايتتى ۋە خىزمىتىنى قىلاتتى. ئۈچىنچى، تۆتىنچى ۋە بەشىنچى خەزىنىدارلار بولسا، كالفالار بىلەن بىرلىكتە پادىشاھنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا كېچە – كۈندۈز نۆۋەتتە تۇراتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئوردىغا يېڭىدىن ئېلىنغان ئىقبال (پادىشاھنىڭ خاس كىنزىكى) لار ۋە پادىشاھ ياخشى كۆرگەن كىنزەكلەرنى تەربىيەلەشكىمۇ ئۇلار مەسئۇل ئىدى. دەرىجە جەھەتتىن ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان كالفارلارنى تەربىيەلەيتتى. خەزىنىدارلار بولۇپمۇ خەزىنىدار ئۇستام بىلەن ئىككىنچى خەزىنىدار مۇراسىملاردا كىيىۋالغان ئالاھىدە كىيىملىرى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى. خەزىنىدار ئۇستام بوينىغا ئۇزۇن ئالتۇن گۇلاپكا ئېسىۋالاتتى. خەزىنىدارلارنىڭ ھەممىسى بېشىغا ئوخشاش زىننەت بۇيۇمى تاقىۋالاتتى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئەمدى ھەرەمدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە خەزىنىدارلار ئىچىدىكى باشقا ئۇستاملار ھەققىدە توختلىمىز. داستىخان ئىشلىرىغا مەسئۇل چەشنىيار ئۇستام، بۇ ئىشلارنى قىلىدىغان كالفا ۋە چۆرىلەرنىڭ باشلىقى ئىدى. پادىشاھنىڭ يېمەك – ئىچمەك ۋە چىنە – تەخسىلىرىنى قوغداشقا مەسئۇل ئىدى. خىزمەتچىلەر پادىشاھ غىزالانغاندا ئۆرە تۇراتتى. پادىشاھنىڭ ئامبىرى ۋە ئامباردىكى ئەشيالارغا قارايدىغان كالفالارنىڭ بېشىدىكى كىشى «كىلەرجى (ئامبارچى)» ئۇستام دېيىلەتتى. پادىشاھقا ئائىت شەربەتلەر، مېۋە – چىۋىلەر ۋە باشقا يېمەك – ئىچمەكلەر ئامباردا ساقلىناتتى. ئامبارچى ئۇستام چەشنىيار ئۇستام بىلەن بىللە پادىشاھ غىزالانغاندا مۇلازىمەت قىلاتتى. شەربەت، مېۋە ۋە تاماقلارنى سۇنۇش ئىشى ئامبارچى ئۇستامنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ئىشى ئىدى. پادىشاھنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىنى يۇيۇپ – تازىلايدىغانلارنىڭ بېشىدىكى كىشى «كىرچى ئۇستام» دېيىلەتتى. ھەرەمدىكى ئائىلىلەرنىڭ كىرلىرى تاشتىن ياسالغان داسلاردا ئوردىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىكى كىرخانىدا يۇيۇلاتتى. كىرچى ئۇستامنىڭ ئۆيى بۇ يەردە بولاتتى. كىر يۇيىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاق رەختتە كىيىم كىيەتتى. كىيىم – كېچەكلەر يۇيۇلغاندا ئۇستام دائىم قاراپ تۇراتتى. يۇيۇلىدىغان كىيىم – كېچەكلەر يەتتە كۈمۈش داستىن ئۆتكۈزۈلەتتى. يۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، چوڭ سىۋەتلەرگە قويۇلۇپ، باغچىدا پادىشاھنىڭ كىيىملىرىلا ئېسىلىدىغان تۈۋرۈكلەرگە تارتىلغان ئاغامچىلارغا يىيىلاتتى. كىر كالفالىرى قۇرۇغان كىيىملەرگە دەزمال سالغاندىن كېيىن، ئۈچىنچى ياكى تۆتىنچى خەزىنىدارغا تاپشۇراتتى.

پادىشاھنىڭ يۈز – قولىنى يۇغاندا ۋە تاھارەت ئالغاندا ئىۋرىقچى بولاتتى. ئۇنىڭ ياردەمچىسى «ئىككىنچى ئىۋرىقچى» دېيىلەتتى. ئىۋرىقچىنىڭ يېنىدا يېتەرلىك دەرىجىدە كالفالىرى بولاتتى. ئىۋرىقچى ئۇستام پادىشاھ ئىشلىتىدىغان داس، ئىۋرىق ۋە لۆڭگىلەرىنى قوغداشقا مەسئۇل ئىدى. پادىشاھ يۈز – قولىنى يۇغاندا كالفا داسنى بىر تىزى ئۈستىگە قويۇپ يۈكۈنۈپ ئولتۇراتتى. بۇ ھەرىكەت خۇددىي جانبازلىققا ئوخشايتتى. سۇ تۆكۈلۈۋاتقان داسنىڭ ئىۋرىقچى كالفانىڭ بىر تىزى ئۈستىدە ئۆرۈلۈپ كەتمەي تۇرۇشىنى ئويلىغىنىمىزدا، ئىۋرىقچىنىڭ ناھايىتى كۆپ مەشىق قىلغانلىقىنى چۈشىنىۋالالايمىز. كالفالاردىن بىرى بىر تىزىنى ئالدىغا چىقىرىپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرغاندا، يەنە بىر كالفا ئۇنىڭ تىزىنىڭ ئۈستىگە داسنى قوياتتى، ئۈچىنچى كالفا بولسا، پادىشاھقا ئىۋرىقتىن سۇ قۇياتتى. يەنە بىرى لۆڭگىنى تۇتۇپ تۇراتتى، ئەڭ يېڭى كالفا بولسا، قولىدا سوپۇن قۇتىسىنى تۇتۇپ تۇراتتى. 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بۇ خىل ئادەت ۋە خىزمەت دەرىجىسى ئەمەلدىن قالىدى. چۈنكى پادىشاھلار سۇخانىدا يۈز – قولىنى يۇيۇشقا ئادەتلىنىشكە باشلىدى. پادىشاھنىڭ كۈندىلىك تازىلىقىنىڭ مۇھىم قىسمى بولغان چاچ – ساقال تازىلىقىغا مەسئۇل بولغان ۋە بۇنىڭغا لازىملىق بۇيۇملارنى قوغدايدىغان ساتىراش ئۇستام بىلەن ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى ھەمدە كالفالىرى، خاندانلىقنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان خىزمەت تۈرىگە ئايلاندى.

ھەرەمدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ بىر قىسمى قەھۋە پىشۇرۇش ۋە قەھۋە مۇلازىمىتىگە مەسئۇل ئىدى. ئۇلارنى قەھۋەچى ئۇستام باشقۇراتتى. قەھۋەچى ئۇستامنىڭ ياردەمچىسى «ئىككىنچى قەھۋەچى» دېيىلەتتى. بۇلاردىن باشقا قەھۋەچى كالفالار بولاتتى. قەھۋە مۇلازىمىتىنىڭ بىر قائىدىسى بار ئىدى. كۈچتۈڭگۈر، بەستىلىك، ئېگىز بويلۇق بىر كالفا كۈمۈشتىن ياكى ئالتۇندىن ياسالغان يۇمۇلاق لىگەننى قولىغا ئېلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرغان كالفا نىپىز ۋە ناھايىتى نەپىس توقۇلغان ياپقۇچنى لىگەننىڭ ئۈستىگە قويغان ھالدا بىرلىكتە مۇلازىمەت قىلاتتى. يەنە بىر كالفا كۈمۈش لىگەننىڭ ئۈستىگە پىشۇرۇلغان قەھۋەنى قويۇپ ئېلىپ كېلەتتى. بەشىنچى كالفا بولسا، قەھۋەنى چوڭ لىگەندىكى ئىستاكانلارغا قۇيۇپ، كىچىك تەخسىنىڭ ئۈستىگە قويغاندىن كېيىن مېھمانلارغا سۇناتتى. بۇ ۋاقىتتا قەھۋەچى ئۇستام ئالدىنقى رەتتە تۇرۇپ، خاتالىق يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلارنى دىققەت بىلەن كۆزىتەتتى. قەھۋەچى ئۇستام ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى توي – تۆكۈن، بولۇپمۇ ھېيت – بايراملاردا ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى. بايراملارنى تەبرىكلەپ كەلگەن ئاياللارغا ۋە سۇلتانلارغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قەھۋە تەييارلاپ سۇنۇش ئۇلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. قەھۋەچى ئۇستام پادىشاھ تەرىپىدىن ئوردېن بىلەن مۇكاپاتلانغان بولسا، مەيدىسىگە تاقىۋالاتتى.
 

 

سەلتەنەتلىك 100 يىل فىلىمىنىڭ تارىخى ئەھۋالى  23-بۈلۈم

37977e78d0a03c46da7ef0a25bfd4e10.jpg

 ھەرەمدىكى بارلىق چۆرىلەرنىڭ بېشى ھېسابلىنىدىغان خەزىنىدار ئۇستام، چۆرىلەر بۆلۈمىدە ياشايدىغان چۆرىلەرنى ئۆزىنىڭ نامىدا باشقۇرۇش ئۈچۈن بىر ۋەكىل تەيىنلەيتتى. بۇ كىشى «ۋەكىل ئۇستام» دېيىلەتتى. ۋەكىل ئۇستام داۋاملىق چۆرىلەرنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، قىلىنىدىغان ئىشلار توغرىسىدا ئۇلارغا يوليورۇق بېرەتتى، خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىشلارنىڭ يېتىشىشى ئۈچۈن ياردەم قىلاتتى. ۋەكىل ئۇستامنىڭ تۇرىدىغان جايى چۆرىلەر بۆلۈمىدە بولاتتى. چۆرە ۋە كالفالارنىڭ ياشتا ئەڭ چوڭى، ئەڭ تەجرىبىلىك، كۆپنى كۆرگەن «كەتھۇدا خانىم» ئىدى. ئۇ ھەرەمنىڭ تەشكىللىگۈچىسى بولۇپ، ھەرەمدىكى پۈتۈن مۇراسىملارنى باشقۇراتتى. مۇراسىمغا قاتناشقانلارنىڭ پادىشاھ ۋە خاندانلىق ئەزالىرىغا قانداق يېقىنلىشىشىنى، قانداق ھەرىكەت قىلىپ، قانداق گەپ قىلىشىنى ئۆگىتەتتى. ھوقۇقىنى ۋە نوپۇزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كۈمۈشتىن ياسالغان ئەگرى تاياق ئېلىۋالاتتى. ئۇچىسىغا بولسا، پەسىلگە ئاساسەن ئەتراپى رەڭلىك يىپلار بىلەن ئىشلەنگەن دۇخاۋىدىن ياكى يىپەكتىن تىكىلگەن كىيىم كىيەتتى. مەيدىسىگە قاپاق چېچىكىگە ئوخشاپ قالىدىغان بەش ياپراقلىق، بەش دانە جاۋاھىراتتىن ئىشلەنگەن گۇلاپكا تاقىۋالاتتى. پادىشاھنىڭ ئۆيىدىكى ئەشيالارنىڭ مۆھۈرى ئۇنىڭدا بولاتتى.

ھەرەمدە ئىشى ئەڭ قىيىن بولغىنى باش كاتىپ ئىدى. ھەرەمنىڭ تەرتىپىنى، ئىنتىزامىنى ساقلاشقا مەسئۇل ئىدى. تۆت ياردەمچىسىدىن باشقا «كاتىبە كالفالار» بار ئىدى. ھەرەمنىڭ كونىلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ ئۆتكۈر ۋە ئىشنىڭ يولىنى بىلىدىغانلار «كاتىبە كالفا» لىققا تاللىناتتى. كاتىبە كالفالار مۇراسىملاردا كەتھۇدا خانىمغا ياردەم قىلاتتى. ئىشلارنى تەكشۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ھەرەمدىكى ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى. ھەرەمگە كىرىپ – چىققانلارنى تەكشۈرۈش، يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئەتىگەندىن كەچكىچە ھەرەمدە ئايلىنىپ يۈرەتتى. ئۇزۇن ئېتەكلىك كىيىم ياكى خالات كىيەتتى. قولىغا جاۋاھىراتلار قادالغان ھاسا ئېلىۋالاتتى. 2 – ئابدۇلھەمىتنىڭ قىزى ئايشە سۇلتاننىڭ يازغىنىغا ئاساسلانغاندا، 1909 – يىلى سۇلتان رەشاد پادىشاھ بولغاندا نازمەلەك ئىسىملىك باش كاتىپقا ئالتۇن تاقالغان ھاسا بېرىپ، «بىر كۈنى ساڭا لازىم بولىدۇ» دېگەنكەن. ھەقىقەتەنمۇ ئۇ خانىم كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھاسىسىنى سېتىپ، ئۆزىگە بىر ئۆي ئالىدۇ ۋە پادىشاھنى چىن يۈرەكتىن ياد ئېتىدۇ.

پادىشاھنىڭ قىزلىرى ۋە ئەرلىرىنىڭ ھاممامدا يۇيۇنىشى، ئۇلار ئىشلىتىدىغان ھاجەتخانىلارنىڭ تازىلىقىنى قىلىش ۋە كىيىم – كېچەكلىرىگە قاراش، قۇتىچى ئۇستام بىلەن ياردەمچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئىدى. ئوردا خانىملىرىنىڭ ياسىنىپ – تارىنىشىغا ياردەمدە بولۇش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن قولى ئەپلىك بولۇشى كېرەك ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەلىكىلەر ۋە كادىن ئەپەندىلەر پەقەت ئۆزىگىلا خىزمەت قىلىدىغان قۇتىچىلارنى تۇتتى. مۇنچىغا قارايدىغان ئۇستام، ھەرەمدىكى ھامماملارنىڭ تازىلىقىغا مەسئۇل چۆرىلەرنىڭ باشلىقى ئىدى. ئۇنىڭ مۇھىم خىزمىتىدىن بىرى پادىشاھقا تەقدىم قىلىنىدىغان چۆرە ۋە ئوردا قىزلىرىنى يۇيۇپ تاراش ئىدى. ھەرەمدە كېسەل بولۇپ قالغانلارغا قارايدىغانلار «ھەمشىرە ئۇستام» دېيىلەتتى. ھەرەمدە تۇغۇت ئىشلىرى ياكى بالا چۈشۈرۈشكە تۇغۇت دوختۇرى مەسئۇل ئىدى. پادىشاھلارنىڭ ئۆزىنىڭ تۇغۇت دوختۇرلىرىغا ھۆرمەت كۆرسەتكەنلىكى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ يېقىنلىرىنى ھەرەمگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى بىلىنىدۇ. مەسىلەن، «دەلى» لەقەملىك سۇلتان ئىبراھىم تۇغۇت دوختۇرىنىڭ كۇيىئوغلىنى ئەدىرنەنىڭ مالىيە بېگىلىكىگە تەيىنلىگەن ئىدى. تۇغۇت دوختۇرىغا ئوخشاش، ھەتتا ئۇلاردىنمۇ بەكرەك ئېتىبارغا ئېرىشىدىغىنى پادىشاھلارنى ئەمگۈزگەن ئېنىكئانىلار ئىدى. پادىشاھلارنىڭ قىزلىرى بىلەن ئوغۇللىرىنى ئېمىتىش ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن ئېنىكئانىلار يولدىشى ۋە ئائىلىسىگە قاراپ تاللىناتتى. سېتىۋېلىنغان ئېنىكئانىلار بالىلىرى بىلەن ئېلىناتتى. بالىلىرى ھەرەمنىڭ سىرتىدا تۇرغۇزۇلاتتى. ئۆزلىرى بولسا، ھەرەمدە پادىشاھنىڭ بالىلىرىنى ئەمدۈرۈپ چوڭ قىلاتتى. پادىشاھنىڭ بالىلىرىغا سۈت بەرگەنلىكى ئۈچۈن كۆپ ئەتىۋارلىناتتى. ئېنىكئانىنىڭ بالىلىرى پادىشاھنىڭ ئېمىكداشلىرى ھېسابلىناتتى. بالا باققۇچى ۋە ئېنىكئانىدىن باشقا ھېچكىم پادىشاھنىڭ بالىلىرىنى قۇچىقىغا ئالالمايتتى ۋە سۆيەلمەيتتى. پادىشاھلارنىڭ بالا باققۇچىلىرىنى ھۆرمەت قىلغانلىقىرى ۋە ناھايىتى كۆپ سۆيۈنچە بەرگەنلىكلىرى قەيت قىلىنىدۇ. 2 – مەھمەتنىڭ ئېنىكئانىسى ھۇندى خاتۇننىڭ ئۆزىگە بېرىلگەن مال – مۈلۈكتىن ئالغان پايدىسىغا ئەدىرنەدە بىر، ئىستانبۇلدا ئىككى مەسچىد سالدۇرغانلىقى بىلىنىدۇ. قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ ئېنىكئانىسىمۇ ۋەقپە سالدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قىلغان كىرىمىدىن پايدىلىنىپ 1530 – يىلى بىر جامە سالدۇرىدۇ. پادىشاھنىڭ ئېنىكئانىلىرى سالدۇرغان جامە ۋە مەسچىتلەرنىڭ نامى ئۆزىنىڭ ئىسمىدە ئەمەس، «دايە خاتۇن مەسچىتى» ياكى «جامەسى» دەپ ئاتىلاتتى. 3 – مەھمەت تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئېنىكئانىسى ھەلىمە خاتۇننى مانىسادا شاھزادە بولۇپ تۇرۇۋاتقان چېغىدىلا ئۇستازى مەھمەت پاشا بىلەن ئۆيلەندۈرىدۇ. ھەلىمە خاتۇنمۇ ئۆزىگە بېرىلگەن مال – مۈلۈكتىن قىلغان كىرىمىدىن پايدىلىنىپ، ئاقھېسارنىڭ مارمارا دېگەن جايىدا كۈنىمىزدىمۇ كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان جامە، مەدرىسەلەرنى سالدۇرىدۇ.

پادىشاھنىڭ سۆيگۈ ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ھەرەم خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا بالا باققۇچىلارنىمۇ ساناپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. پادىشاھنىڭ بالىلىرىغا قارايدىغان چۆرىلەر، «كالفا» ۋە «ئۇستام» دەرىجىسىگىچە ئۆسەلەيتتى. 2 – ئابدۇلھەمىتنىڭ قىزى ئايشە سۇلتان ئەسلىمىسىدە ئۆزىنى باققان چۆرە ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ: «ئۇنىڭغا ناھايىتى كۆنۈكتۈم. كىچىكىمدە مېنى ياتقۇزۇپ، ئاياغ تەرىپىمدە ئولتۇراتتى. مەن ئۇخلىغىچە تاتلىق ئاۋازى بىلەن ئەللەي ناخشىسى ئېيتاتتى، كۈندۈزلىرى چۆچەك ئېيتىپ بېرەتتى. چەكسىز كۆيۈمچانلىق، شەپقەت ۋە مۇھەببەت بىلەن مېنى كىيىندۈرۈپ، ھەممە ئىشىمنى قىلاتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ مەڭزىلىرىگە سۆيۈپ، ‹مېنىڭ كىچىك ئانام› دەيتتىم. ئۇمۇ مېنى ‹مېنىڭ ئومىقىم، پەرىشتە سۇلتانىم› دەيتتى. »

پادىشاھلارمۇ ئۆزىنى مۇھەببەت بىلەن بېقىپ چوڭ قىلغان باققۇچىلىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەنلىكلىرى ئۈچۈن مۇھىم كىشىلەر بىلەن ئۆيلەندۈرەتتى. مەسىلەن، 3 – مۇرات ئۆزىنىڭ باققۇچىسىنى ئەيۇپ پاشا بىلەن ئۆيلەندۈرگەندىن كېيىن، پاشانى مىسىرنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلىگەن ئىدى.

ھەرەمدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئۇستاملار ئۇزۇن كىيىم كىيەتتى. سەلتەنەتنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئىككىنچى دەرىجىنى كۆرسىتىدىغان ئىزنەك تاقايدىغان بولدى. ھەممىسىگە يېتەرلىك مائاش بېرىلگەندىن سىرت، سۆيۈنچىلەرمۇ بېرىلەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، كىيىم ياردىمى قىلىناتتى. ئوردا ھۆججەتلىرىگە قارالغاندا، ئوخشاش دەرىجىلىك ئۇستاملارنىڭ مائاشىدىكى پەرق، خىزمەت قىلغان ۋاقتىغا ئاساسەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئۇستاملار خالىغان ۋاقتىدا پېنسىيەگە چىقالايتتى.
 

 

سەلتەنەتلىك 100 يىل فىلىمىنىڭ تارىخى ئەھۋالى  24-بۈلۈم

f61cf0f0accb51516829cad86e45018b.jpg

ئوردىغا كىرگەن چۆرىلەر تەربىيەلىنىپ يېتىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، «كالفا» دەرىجىسىگە يۈكسېلەتتى. كالفالار چىرايى ۋە قابىلىيىتىگە ئاساسەن پادىشاھقا، پادىشاھنىڭ ئانىسىغا، كادىن ئەپەندىگە، پادىشاھنىڭ باشقا ئاياللىرىغا ۋە ئوغۇللىرىغا خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە شۇ كىشىلەرنىڭ سارايلىرىغا تارقىتىلاتتى. كالفالار خىزمەت ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقىغا ئاساسەن چوڭ كالفا، ئوتتۇرانچى كالفا، كىچىك كالفا دەپ ئۈچكە بۆلۈنەتتى. ھەر بىر سارايدىكى كالفالارنىڭ ئەڭ كونىسى ۋە ياشتا ئەڭ چوڭى شۇ ساراينىڭ ئەڭ چوڭ كالفاسى ئىدى. چوڭ كالفا ئېغىر ئىشلارنى ئۆزى قىلمايتتى. ئوتتۇرانچى ۋە كىچىك كالفالار ئۇنىڭ قول ئاستىدا بولاتتى. كالفالار ئۆزلىرى تۇرغان ئۆينىڭ پۈتۈن ئىشىنى قىلاتتى. تازىلىق، ھەر خىل مۇلازىمەت، بىخەتەرلىك قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ خىزمەت دائىرىسىگە كىرەتتى. ھەرەمدە ھەر ئاينىڭ بېشىدا ئومۇمىي تازىلىق قىلىناتتى. ئوتتۇرانچى كالفالار بىلەن كىچىك كالفالار پۈتۈن ئۆي ۋە كارىدورلارنى، پەشتاقلارنى، ھامماملارنى ۋە ئاستىنقى قەۋەتتىكى ئۆيلەرنىمۇ تازىلايتتى. يەر ۋە يەرگە سېلىنغان نىپىز مىسىر گىلەملىرى سوپۇن كۆپۈكى بىلەن تازىلىناتتى. كالفالار نۆۋەت بويىچە ئىشلەيتتى. بەزىدە ھەپتىلىك نۆۋەت تۇتاتتى. پەيشەنبە كۈنى پۈتۈن ئۆيلەرنى تازىلاپ، جۈمە كۈنى باشقا كالفاغا ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن نۆۋىتى كەلگىچە دەم ئالاتتى. كالفالارنىڭ تازىلىق نۆۋىتىدىن باشقا تاماق نۆۋەتلىرى بار ئىدى. ھەر بىر ئۆينىڭ كالفاسى يېنىدىكى باشقا كالفالار بىلەن بىرلىكتە، ئۆيلەرگە كەلتۈرۈلگەن يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ، داستىخانغا تىزاتتى. داستىخاننىڭ تازىلىقىنى ۋە قاچا – قۇچىلارنى يۇيۇش ئىشىنى يېڭى كالفالار قىلاتتى. يەنە بىرىگە كېچە نۆۋەتلىرى بار ئىدى. ساراينىڭ ئەڭ كونىسى بولغان بىر كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەر كۈنى كېچىسى 20 – 15 كالفا نۆۋەت تۇتاتتى. ھەرەمنىڭ پادىشاھقا ئايرىلغان بۆلۈمىدە سەھەرگىچە ئولتۇرۇپ، 3 – 2 تىن بولۇپ پۈتۈن ساراي ۋە باغچىلارنى ئايلىناتتى. كېچىدە بىرەر ۋەقە يۈز بەرسە ياكى بىرەرسى كېسەل بولۇپ قالغان بولسا، دەرھال باش كاتىپقا خەۋەر بېرەتتى. بىر قىسمى ئايلانغاندا، باشقىلىرى ئۇخلاپ قالماسلىق ئۈچۈن ئويۇن ئويناپ، تاماق يەيتتى.

پادىشاھ ئالماشقاندا، كالفا ۋە ئۇستاملار يېڭى پادىشاھنىڭ خىزمىتىگە تەئەللۇق بولاتتى. پەقەت ھەرەمنىڭ باش خىزمەتچىسى ھېسابلىنىدىغان خەزىنىدار ئۇسىتام بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى كالفالار پادىشاھ ئوردىسىدىن ئايرىلىپ، ۋاپات بولغان پادىشاھنىڭ ئانىسى ۋە ئاياللىرىغا ئوخشاش، كونا ئوردىغا كۆچەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، يېڭى پادىشاھ ياقتۇرمىغان ئۇستام ۋە كالفالارمۇ كونا ئوردىغا كېتەتتى ۋە ئۇ يەردە ئۆز تەقدىرىنى كۈتەتتى. ئۆلگەن پادىشاھنىڭ ئاياللىرى، قىزلىرى ۋە شاھزادىلىرىنىڭ كالفالىرى ھەرەمدە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇراتتى. كالفالار خىزمەت ۋاقتىنى تاماملىغاندا سىرتقا چىقىش ئەركىنلىكى بولاتتى. ئەمما، بىر قىسمى ئوردىدىن ئايرىلماي داۋاملىق خىزمەت قىلاتتى. كالفالار ئوردىدىن چىقىپ، ئۆيلىنىشنى خالىسا، بۇ تەلىپى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئورۇنلىناتتى. مۇنداق مەقسىتى بولغان كالفا ھېيت – ئايەملەردە ياكى قۇتلۇق كۈنلەردە چوڭ بىر قەغەزگە «قۇلنىڭ ئارزۇسى مۇراد، ئىھسان قىلىش خوجايىنىمنىڭدۇر» دەپ يېزىپ، ئىمزاسىنى قويۇپ، كۆزگە كۆرۈنىدىغان بىر جايغا قويۇپ قوياتتى. ئاندىن خوجايىنىغا كۆرۈنمەسلىك ئۈچۈن ئۆيىگە كىرىۋالاتتى. بۇ خەتنى كۆرگەن خوجايىنى ئۇنىڭغا تويلۇق مال بۇيرۇتۇپ، پۇل بېرەتتى ۋە قول ئاستىدىكى باشقا خىزمەتچىنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىۋىتەتتى. ئوردىدىن ئايرىلىپ، ئۇ ئۆيدە ياشاشنى باشلىغان كالفا، مۇۋاپىق بىرسى چىققاندا ئۆيلەندۈرۈلەتتى.

ئوسمانلى ئوردىسىدىكى ئاياللار سەلتەنەتى دېگەندە، كىشىنىڭ ئەقلىگە پادىشاھنىڭ ئاياللىرى ۋە ئانىلىرى كەلسىمۇ، بەزى باشقۇرغۇچى ئاياللارنىڭمۇ بۇ سەلتەنەت ئىچىدىن ئورۇن ئالغانلىقى بىلىنىدۇ. مەسىلەن، 16 – ئەسىردە ئۆتكەن پادىشاھلاردىن 3 – مۇراتنىڭ ئانىسى نۇربانۇ سۇلتان كېلىنى سافىيە سۇلتان بىلەن بولغان زىددىيىتىدە ئۆزىنى قوللىغان كەتھۇدا جانفەدا خاتۇننى ناھايىتى ياخشى كۆرگەن. ئوغلى 3 – مۇراتقا جانفەدانى قوغداشنى ۋەسىيەت قىلغان. 3 – مۇرات ئانىسى ئۆلۈم گىرداۋىدا ياتقاندا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، جانفەدا خاتۇنغا چوڭ ھۆرمەت كۆرسەتكەن ۋە ئۇنىڭ ھەممە تەلىپىنى ئورۇنلىغان. جانفەدا خاتۇننىڭ تەلەپلىرى ئۇنچىۋالا ئاددىي تەلەپلەرمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇ ئىنىسىنى دىيارباكىرنىڭ بەگلىك مەنسىپىگە تەيىنلەشنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇ تەلىپى يېرىگە كەلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، جانفەدانىڭ ئۆزىدىن ئىش قىلدۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت ئورۇنلىرى بىلەن ۋاستىچى بولۇش تەلەپ قىلىنغاندا پارا ئالغانلىقى ۋە ئىلتىماس يازدۇرغانلىقىمۇ تارىخقا يېزىلدى. يەنە بىر ئوردا خىزمەتچىسى 3 – مەھمەت زامانىدا ئىسيان يۈز بېرىشكە سەۋەب بولۇش بىلەن تارىخقا يېزىلدى. چەت دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى بىلەن ۋالىدە سۇلتاننىڭ مۇناسىۋىتىنى ساقلايدىغان ۋە «كىرا» ئىسمى بىلەن تونۇلغان يەھۇدىي ۋاستىچىلەردىن باشمۇساھىبەلەر چەت ئەللىك ئەلچىلەر تەرىپىدىن بەك ھۆرمەتلىنەتتى. بىر ۋېنېدىك ئەلچىسى ۋالىدە سۇلتان بىلەن بولغان ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن «كىرا» دېگەن يەھۇدىي ئايال بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى يازغان ئىدى. قانۇنى سۇلتان زامانىدىن بېرى تاشقى مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇل بولغان كىرا ئېسپېرانزا مالىكى، دۆلەت مەنسەپلىرىنى ئۆزىگە كۆپ پارا بەرگەنلەرگە بېرىۋەرگەن ئىدى. ئۇ بۇ يول بىلەن ئىنتايىن باي بولغان ئىدى. ئۇ 3 – مەھمەت پادىشاھ بولغاندا ئوغلى بىلەن بىرلىكتە ئىستانبۇل تاموژنىسىنىڭ پايدىسىنى قولىغا كىرگۈزۈپ، «سىپاھى» دەپ ئاتىلىدىغان ئەسكەرلەرگە تۆۋەن قىممەتلىك تەڭگە پۇل تارقىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن ۋالىدە سۇلتان سافىيەنى جاۋابكار دەپ بىلگەن سىپاھى ئەسكەرلەر، ۋالىدە سۇلتاننى كىرا ئېسپېرانزا مالىكى ئارقىلىق پارا ئالدى، دەپ ئىشىنىدۇ. سىپاھى ئەسكەرلەر 1600 – يىلى كىرا ئېسپېرانزا مالىكىنى خەنجەر بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. پادىشاھ ئانىسىغا نەسىھەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىشلىرىنى تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئىسىياننى بېسىقتۇرىدۇ. سافىيە سۇلتان بىرى باش ۋەزىر بولغان ئىككى كۇيئوغلىدىن ۋاستىچىسىنى قوغدىيالمىغانلىقىدىن ئاغرىنىپ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، 3 – مەھمەتنى قايىل قىلالمايدۇ. پارا ئېلىش، ھەرەمدىكى ئاياللار ئەڭ كۆپ ئەيىبلىنىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ھەرەمدە خىزمەت قىلىدىغان ئۇستام ۋە كالفالار ئارىسىدا، پادىشاھنىڭ تەختتىن چۈشۈشىدە باش رول ئوينىغان ئايال كاتىپلار، پادىشاھقا قارشى تەشكىلاتلارغا خەۋەر يەتكۈزگەن خەزىنىدارلارمۇ بولغان ئىدى. نامى تارىخقا يېزىلغان ھەرەم خىزمەتچىلىرى پەقەت بۇ تەرەپلىرى بىلەنلا يېزىلمىدى. مەسىلەن، 19 – ئەسىردە سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىڭ 5 – خەزىنىدارى ئارزىنىياز كالفا بىلەن چۆرە شەمسىجىھان ئارىلىرىدىكى بىنورمال مۇناسىۋەت تۈپەيلىدىن تارىخقا يېزىلدى. ھۈسەيىن ئاۋنى پاشا بىلەن سىياسىي ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن مۇناسىۋەت ئورناتقان ھەرەم ئاياللىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئىستانبۇلدا ئاڭلىمىغان ئادەم قالمايدۇ. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە ھۈسەيىن ئاۋنى پاشا شەھەردىن سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

سەلتەنەتلىك 100 يىل فىلىمىنىڭ تارىخى ئەھۋالى  25-بۈلۈم

37977e78d0a03c46da7ef0a25bfd4e10.jpg

 

 ھەرەمدە تۆت تام ئارىسىدا ئۆتىدىغان تۇرمۇش چۆچەكلەردىكىدەك بايان قىلىنىپ كەلگەن، دەرۋازىلارنىڭ ئارقىسىدا داۋاملىشىدىغان تۇرمۇشنىڭ ئىزلىرىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىشنى مەقسەت قىلغان بۇ بىر يۈرۈشلۈك پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، ھەرەمدىكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز...

 

ھەرەم سىرتىغا چىقىش، ھەرەم خەلقى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ كۆڭۈل ئاچىدىغان پائالىيەتلەردىن بىرى ھېسابلىناتتى. ھەرەم خەلقىنىڭ باغچىلاردا ۋە كۆڭۈل ئېچىش يەرلىرىدە سەيلە قىلىشى «ھالۋەت» دېيىلەتتى. پادىشاھقا ئائىت باغچىلارغا بېرىشقا توغرا كەلسە، پادىشاھ تەرىپىدىن خەت ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلاتتى ۋە ناھايىتى تېزلىكتە تەييارلىقلار باشلىناتتى. باغچىدا ئاياللار ۋە چۆرىلەر ئايلىنىدىغان يوللارنىڭ سىرتتىن قارىغاندا كۆرۈنمەسلىكى ئۈچۈن ئوڭ – سول تەرىپى پەردىلەر بىلەن توسۇلاتتى. بۇ يوللارنىڭ ئۈستىگە ۋە ئەتراپىغا چېدىرلار تىكىلەتتى. بۇ چېدىرلارنىڭ بەزىلىرىدە ئولتۇرۇپ دەم ئېلىناتتى، بەزىلىرىدە ناماز ئوقۇلاتتى، بەزىلىرىدە ئويۇن ئوينىلاتتى، بەزىلىرىدە تاماق يىيىلەتتى. چېدىرلارنىڭ ئىچىگە ھەرەمدىن ئېلىپ كېلىنگەن ئالاھىدە ئىشلەنگەن پەردە- ياستۇقلار ۋە ھەر خىل كۆرپىلەر قويۇلاتتى. باغچىغا چىقىش ئۈچۈن ھەرەم ئاغىسىنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا «ھالۋەت!» دەپ ۋارقىرشى كۈتۈلەتتى. باغۋەنلەر ۋە گۈزەتچىلەر باغچىدىن ئايرىلغاندا، ھەرەم ئاغىسىنىڭ ئاۋازىنىڭ ئاڭلىنىشى بىلەن دەرۋازىلار ئېچىلاتتى. پادىشاھ باغچىغا ئاياللىرى ۋە قىزلىرى بىلەن، بەزىدە شاھزادىلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقاتتى. پۈتۈن خىزمەتچىلەر ئۇلارغا قاراپ تۇراتتى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا نۆۋەتچىلەردىن باشقا پۈتۈن ھەرەم خەلقى سەلگە ئوخشاش ھەرەمگە قاراپ ئاقاتتى. كەچ كىرگىچە ھەرەم ئاغىسىنىڭ يەنە «ھالۋەت!» دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلانغىچە باغچىدا سەيلى قىلاتتى ياكى ھەر خىل ئويۇنلار ئوينايتتى. «ھالۋەت!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلانغاندىن كېيىن بولسا، باغچىدىن ئۈزۈۋالغان گۈللەر، يوپۇرماقلار ۋە مېۋىلەرنى قوللىرىدا كۆتۈرگىنىچە قايتاتتى. ھەرەم ئاغىلىرى باغچىنىڭ ھەممە جايلىرىنى ئايلىنىپ، ھېچكىمنىڭ ئۇخلاپ قېپقالمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، دەرۋازىلارنى تاقايتتى. ھالۋەت باھار ۋە ياز ئايلىرىدا بىر قانچە قېتىم بولاتتى.

ھەرەم خەلقى سەيلە قىلىش ئۈچۈن ئوردىنىڭ يېنىدىكى ياكى شەھەرنىڭ باشقا تەرىپىدىكى پادىشاھ باغچىلىرىغىلا بېرىپ قالماستىن، باشقا جايلارغىمۇ باراتتى. پەقەت ھەرەم خەلقى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن سەيلە قىلىنىدىغان جايلارغا نۆۋەت بىلەن باراتتى. سەيلە قىلىنىدىغان جايغا بېرىشتىن بۇرۇن ئالدىنئالا چېدىرلار تىكىلىپ، ئىچىگە پەردىلەر تارتىلاتتى، گىلەم، كۆرپە سېلىنىپ، ياستۇقلار قويۇلاتتى. بۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا چېدىرلار ھالۋەت يوللىرى بىلەن بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرۇلاتتى، ئاياللار بىلەن چۆرىلەر بىر چېدىردىن يەنە بىر چېدىرغا ھېچكىمگە كۆرۈنمەستىن چىقالايتتى. كۆپچىلىك سەيلە قىلىنىدىغان جايغا بېرىپ كەلگىچە ئالدى – كەينىدە ۋە يان تەرەپلىرىدە ئاتلىق ھەرەم ئاغىلىرى ھەمراھ بولاتتى. پەيتۇنلارنىڭ پەردىلىرى يېرىم چۈشۈرۈلۈپ تۇراتتى. بەزىدە ئۇزۇن ۋاقىتقىچە تۇرۇپ قىلىش مەقسىتىدە ئىستانبۇلدىن ئەدىرنەدىكى ئوردىغا سەيلە ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى. 18 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ پادىشاھلار ئەدىرنەدىكى ئوردىغا سەيلىگە بارمىدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ھاۋا ئىسسىغاندا بوغۇز ساھىلىدىكى ئوردىغا كۆچۈپ تۇردى.

ھەرەمدىكى تۆت تامنىڭ سىرتىغا چىقىش ئەڭ چوڭ كۆڭۈل ئېچىش ھېسابلانسىمۇ، ھەرەمدە پائالىيەتلەر كەم ئەمەس ئىدى. ئوسمانلىدا مۇزىكا مۇھىم ئىدى. ئوردىنىڭ بارابان ئەترىتىدىن باشقا، پادىشاھنىڭ ئەرلەردىن تەشكىللەنگەن مۇزىكا ئەترىتىمۇ بار ئىدى. 15 – ئەسىردە 1 – سەلىم چالدىران ئويمانلىقىدا ئىران ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، ئىراندىكى مەشھۇر سازەندىلەرنى يىغىپ ئىستانبۇلغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ھەرەمدە چۆرىلەردىن تەشكىل قىلىنغان ئۇسسۇل ۋە سازەندىلەر ئەترىتى بار ئىدى. ھەرەمگە كىرگەن چۆرىلەرگە مۇزىكا دەرسى بېرىلەتتى. «سازەندە» دېيىلىدىغان چۆرىلەر «كالفا» لىققا يۈكسېلەتتى. ئۇلار مۇزىكا بىلەنلا ھەپىلەشمەستىن، ئوردىنىڭ باشقا ئىشلىرىغىمۇ ياردەملىشەتتى. سازەندىلەرنىڭ بېشىدىكى چۆرە «باش سەزەندە» دېيىلەتتى. ھەپتىدە بىر – ئىككى كېچە ئالاھىدە مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەندىن باشقا، پۈتۈن ھەرەم خەلقى قاتناشقان مۇزىكا كېچىلىكىمۇ ئۆتكۈزۈلەتتى. 19 – ئەسىردە ھەرەمدە چېلىنىدىغان ئۇت، ئىسكىرىپكا، داپ، نەي، تەمبۇر قاتارلىق چالغۇ ئەسۋاپلىرىغا پىيانىنو قوشۇلدى. نۇرغۇنلىغان مەلىكە – شاھزادىلەر ھەتتا كادىن ئەپەندىلەرمۇ پىيانىنو چېلىشنى ئۆگەندى. بۇ جەرياندا، مەلىكىلەردىن شادىيە سۇلتاننىڭ فىرانسىيەدىن چىلتار ئەكەلدۈرۈپ چېلىشنى ئۆگەنگەنلىكى بىلىنىدۇ.

ئۇسسۇلمۇ ئوسمانلى ئوردىسىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە ئىدى. ئوردىدا ئەر – ئايال ئۇسسۇلچىلار بار ئىدى. داڭقى چىققان ئەر ئۇسسۇلچىلار، بولۇپمۇ توي مۇراسىملىرىدا ھەرەمگە چاقىرتىلاتتى. «چەنگى» دەپ ئاتىلىدىغان ئايال ئۇسسۇلچىلار 12 كىشىدىن بولۇپ گۇرۇپپىغا بۆلۈنەتتى. ئۇلار ئۇزۇن چاچلىرىنى قويۇۋېتىپ، كۆكرەك قىسمىنى يېرىم ئېچىپ قوياتتى. ھەر خىل رەختتىن تىكىگەن كۆڭلەك، كەنجە ۋە كەڭرى يوپكا كىيەتتى. بەللىرىگە سىرتمىلىق كەمەر باغلاپ، بارماقلىرىغا قوڭغۇراق ئېسىۋالاتتى. ئۇسسۇلغا چۈشكەندە ئېتىكى خۇددىي پاراشوتتەك ئېچىلىپ قالاتتى. پادىشاھ ياقتۇرغان نومۇرنى ئورۇنلىغان سازەندە ياكى ئۇسسۇلچىغا ھەدىيە تەقدىم قىلاتتى. «تاۋشان (توشقان) ئويۇنى» ھەرەمدە ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان ئۇسسۇللارنىڭ بىرى ئىدى. توشقان قىياپىتىگە كىرىۋالغان چۆرىلەر ئايىغىغىچە كېلىدىغان شالۋار، ئۈستىگە تار كەلگەن كىيىم كىيىپ، بەل قىسمىغا رەڭلىك يېپىنچىلارنى ئورىۋالاتتى. بېشىغا بولسا، كۇلا كىيەتتى. ناھايىتى تېز ئوينىلىدىغان تاۋشان ئۇسسۇلىدا، مۇزىكىنىڭ رىتىمىگە ئۇيغۇن ھالدا بەدىنىنى تولغاپ، قورساق ئېتىلاتتى، چېچى بولسا، يەلپۈگۈچتەك ئېچىلىدىغان شەكىلدە بېشىنى ئالدى – كەينىگە سىلكىيەتتى.

مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلدىن باشقا، ھەرەم خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا رەڭ قوشۇش مەقسىتىدە ھەرەمنىڭ سىرتىدىنمۇ پات – پات سازەندىلەر تەكلىپ قىلىنىپ تۇراتتى. ھەرەم خەلقى بۇ ۋاقىتلاردا كۈنىمىزدىمۇ يالغۇز كىشىلىك ئويۇن دېيىشكە بولىدىغان «مەدداھلىق»، ئەنئەنىۋى كۆلەڭگە ئويۇنى ھېسابلىنىدىغان «قاراكۆز» ۋە يەنە ئەنئەنىۋى كۈلدۈرگە تىياتىرى بولغان «ئورتا ئويۇنى» نى كۆرەتتى. 18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئوسمانلى ئوردىسىغا ئوپېرا ۋە تىياتىر سىڭىپ كىردى. 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تىياتىر ھەرەم خەلقى ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. ھەرەم خەلقى، ئويۇن كۆرۈشتىن باشقا، ئۆز ئارىلىرىدا ھەر خىل ئويۇنلارنى ئويناپمۇ كۆڭۈل ئاچاتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە «توققۇز تاش» قا ئوخشاش ئويۇنلار بار ئىدى. 19 – ئەسىردە بۇ كونا تاش ئويۇنىغا تاۋلا، دامكا، دومىنو تېشى قاتارلىق ئويۇنلار قېتىلدى. قەرت ئويۇنلىرى شۇملۇقنىڭ بىشارىتى دەپ قارىلىپ، ئوردىدا ئويناش چەكلەندى. 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بولسا، بۇ ئويۇنلارمۇ ئوردا خانىملىرى ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشتى.

سەلتەنەتلىك 100 يىل فىلىمىنىڭ تارىخى ئەھۋالى  26-بۈلۈم

37977e78d0a03c46da7ef0a25bfd4e10.jpg

 ئوسمانلى ھەرىمىدىكى ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى، تۇغۇت، چاي ئىچۈرۈش ۋە توي مۇراسىملىرى بىلەن تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە بولاتتى. مۇراسىملارنىڭ كۆپىنچىسى دىنىي مۇراسىملار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىمى «جۈمە سالاملىقى(ئازنىلىق)» ئىدى. ئوسمانلى پادىشاھىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ۋاقتىدا جۈمە كۈنى خەلق بىلەن بىللە جامەدە ئۆزىگە ئايرىلغان يەردە ناماز ئوقۇش ئادىتى «ئازنىلىق» دېيىلەتتى. ئوسمانلىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پادىشاھلار جامەگە ئانىسى ۋە ھەرەمنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىسىدىكى ئايال خىزمەتچىلەردىن خەزىنىدار ئۇستا بىلەن بىللە باراتتى. ئايالى ۋە قىزلىرى تەلەپ قىلسا، بۇ مۇراسىمغا قاتنىشالايتتى. ئوسمانلى پادىشاھلىرى ھەر يىلى ھەج مەزگىلىدە مۇقەددەس جايلار ۋە ھەج يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلايدىغان مەككە شەرىفلىرى بىلەن ھىجاز رايونىدا ياشايدىغانلارغا پۇل ۋە قىممەتلىك ئەشيالارنى ئەۋەتەتتى. ئەۋەتىلگەن ئەشيالار «سۇررە»، بۇلارنى ئاپارغانلار «سۇررە ئالايى» دەپ ئاتىلاتتى. سۇررە ئالايى يولغا چىقىدىغان ۋاقىتتا ھەرەمنىڭ باغچىسىدا دۇئالار بىلەن ئۇزۇتۇپ قويۇلاتتى. ھەرەم ئاياللىرى يوللۇق رەختلەرنى بېرەتتى. كالفالار ھەدىيە قىلىنغان رەختلەر بىلەن ئەشيالارنى ئوراپ بېزەيتتى. بېزەش ئىشلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، ئەشيالار قىزلار ئاغىسىنىڭ ئۆيىدە بىر كېچە قويۇپ قويۇلاتتى. ھەرەمدىكى مەككىدە دوستى بار ئاياللار تېرە خالتىدا پۇل ۋە باشقا ھەر خىل ھەدىيەلەرنى ئەۋەتەتتى. يىپ بىلەن ئاغزى ئېتىلگەن خالتىلارغا «بارسۇن، كەلسۇن سالامەت» دېگەن خەت يېزىلغان مۆھۈر بېسىلاتتى. ھەرەم خەلقى ئەتىسى ئەتىگەندە سۇررە ئالايى يولغا چىققاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمنى قىزىقىش ئىچىىدە كۆرەتتى.

رامىزان ئېيىدا ئوردا ۋە ھەرەمدە ياشايدىغانلارنىڭ ھەممىسى روزا تۇتاتتى. پادىشاھ دۆلەت ئەركانلىرىنىلا ئەمەس، ھەرەمدىكى ئاياللارنىمۇ ئىپتارغا چاقىراتتى. ئىپتارغا كەلگەن ئاياللارغا دەرىجىلىرىگە قاراپ بىرەردىن ھەدىيە بېرەتتى. ئىپتار ئاخىرلىشىپ، تەراۋى نامىزىدىن كېيىن، زوھۇر ۋاقتىغىچە ھەر خىل پائالىيەتلەر بولاتتى. رامىزاننىڭ 27 – كېچىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان قەدىر ئالايىغا ھەرەمدىكى پۈتۈن كىشىلەر قاتنىشاتتى. رەڭلىك چىراغلار ۋە پانۇسلار بىلەن بېزەلگەن جامە مەيدانى ۋە بۇ مەيدانغا بارىدىغان يوللاردىن ئۆتىدىغان ئالايغا، ھەرەم خەلقى ئىككى ئات قوشۇلغان ھارۋىلار بىلەن قېتىلاتتى. ئۇلار مەيداندا ئۆزىگە ئايرىپ بېرىلگەن جايدا پەردىلىرى چۈشۈرۈلگەن ھالدا ھارۋىلىرىدىن چۈشمەي ساقلاپ تۇراتتى. پادىشاھ جامەگە كىرگەندىن كېيىن، مەيداندىكى ئەسكەرلەرگە قاتلىما ۋە شەربەت تارقىتىپ بېرىلەتتى. ناماز ئاخىرلاشقىچە ساليوتلار ئېتىلاتتى. نامازدىن كېيىن، ھەرەم خەلقى شەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن قىسقىغىنە سەيلە قىلىپ، ھەرەمگە قايتاتتى.

ھېيت تەبرىكلەش مۇراسىملىرىمۇ ھەرەم خەلقى ئۈچۈن مۇھىم مۇراسىملار ھېسابلىناتتى. ھېيت كۈنى ئەتىگەندە پادىشاھ ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن جامەگە نۇرغۇن كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن ئالاي گۇرۇپپىسى بىلەن باراتتى. ھەرەمدىكى ئاياللار ئالاي گۇرۇپپىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ھەرەمدىن چىقىشتىن بۇرۇن ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ، يولنىڭ ئىككى ياقىسىدا ساقلاپ تۇراتتى. ھېيت كۈنى ئەتىگەندە پادىشاھنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئوردىنىڭ سىرتىدا تۇرىدىغان مەلىكىلەر بىلەن ۋەكىللەرنىڭ ئاياللىرى ھەرەمگە كېلەتتى. كەتھۇدا خانىم ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىمۇ بۇلار بىلەن بىللە سالامغا كىرەتتى. ئەگەر سالامغا كەلگەن پادىشاھنىڭ قىزى بولسا، كەتھۇدا خانىم بىلەن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى كاتىبە ئالدىدا، كالفالارنىڭ چوڭلىرى ئىككى تەرىپىدە، قالغان ئىككى كالفا بولسا، مەلىكىنىڭ ئېتىكىنى كۆتۈرگىنىچە ماڭاتتى. ئۇلار مېھمانلار ئۈچۈن ئايرىلغان جايدا پادىشاھ بىلەن كۆرۈشكىچە ساقلاپ تۇراتتى. ھېيتلىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كۆپچىلىك پادىشاھنىڭ ھەرەمگە كېلىشىنى كۈتەتتى. پادىشاھ ھەرەمگە كەلگەندە ئىككىنچى خەزىنىدار ھاسىسىنى ئاسمانغا ئېتىپ، قىزغىن قارشى ئالاتتى. سازەندىلەر مۇزىكا چېلىشقا باشلايتتى. پادىشاھنىڭ سول تەرىپىدە خەزىنىدار ئۇستا، كەينىدە خەزىنىدار كالفالار ماڭاتتى. قولىدا ئالتۇن ھاسا ئېلىپ ماڭغان باش كاتىبە، مېھمانلارنى پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىشقا چاقىراتتى. مېھمانلارنىڭ ھەممىسى ئەمەل دەرىجىلىرى بويىچە رەتكە تىزىلىپ، ئىگىلىپ تۇرۇپ پادىشاھقا سالام بېرەتتى. مېھمانغا كەلگەن ئاياللار يۈزىنى ئاچقان ھالدا پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرەتتى. باش كاتىبە ئۇلارنىڭ يولدىشىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ ھۆرمەت كۆرسىتەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن، پادىشاھ ئۆزى بىلەن ھېيتلىشىشقا كەلگەن ئاياللىرى ۋە قىزلىرىنى يوقلايتتى. ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ھېيتلىشالمىغان ھەرەمدىكى باشقا كىشىلەر، پادىشاھقا تەبرىك خېتى يېزىپ ئەۋەتەتتى. ھەرەمدىكى ئاياللار 4 – 3 كۈن داۋاملىشىدىغان دىنىي بايراملار ئاخىرلاشقىچە بىر – بىرىنى ھېيتلىشاتتى. ئوردىدا ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلەتتى. مېھمانلار قاتناشقان بەزى پائالىيەتلەر يېرىم كېچىگىچە داۋاملىشاتتى.

ئوسمانلى تارىخىنى ئەسلىگىنىمىزدە، 15 – ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ، ھەرەمدە «دەۋشىرمە» ئۇسۇلى يولغا قويۇلغان ئىدى. ئوسمانلى دۆلەت قۇرۇلمىسى دەۋشىرمە ئورگىنىغا تايىناتتى. چۈنكى، دەۋشىرمە قىلىنغانلارنىڭ پادىشاھقا بولغان ساداقىتى، ھەر قانداق بىر كۈچلۈك ئائىلىگە مەنسۇپ بولغانلاردىن ئىشەنچلىك، دەپ قارىلاتتى. شۇڭا ئوسمانلىلار ئۆزلىرىدىن باشقا بىر تۈرك ئائىلىسىنىڭ يۇقىرىغا قاراپ يۈكسېلىشىگە يول قويمىدى. بۇ سەۋەبتىن، پادىشاھ ئائىلىسى قىز ئېلىپ بېرىدىغان باشقا يۇقىرى تەبىقىگە مەنسۇپ ئائىلە يوق ئىدى. 15 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، پادىشاھلار كۈچىنى زورايتىش ئۈچۈن چەت ئەل دۆلەتلىرىدىنمۇ قىز ئېلىپ بېرىشقا كېرەك قالمىغانلىقتىن دەۋشىرمە قىلىنغان قىزلار بىلەن ئۆيلىنىشكە باشلىدى. ئەمما، دەۋشىرمە قىلىنغان ئوغۇل بالىلار دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورنىغا ئۆسەلىگەن بولسا، ھەرەمگە ئېلىنغان چۆرىلەرمۇ ھەر خىل باسقۇچلاردىن ئۆتۈپ، ھەرەمدىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇن بولغان پادىشاھنىڭ ئانىسى بولۇش مەرتىۋىسىگە ئېرىشىپ، دۆلەت ئىچىدە كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە بولالايتتى.

ئۇنداقتا، ھەرەم قاچان بىكار قىلىندى؟ 20 – ئەسىرگە كەلگەندە 1908 – يىلى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ 2 – ئابدۇلھەمىتنى تەختتىن چۈشۈرۈپ «ھۆررىيەت» نى ئېلان قىلغانلار، چۆرىلەرنىمۇ ئەركىنلىككە چىقىرىش مەقسىتىدە ئاللىبۇرۇن تاشلىۋېتىلگەن توپكاپى سارىيىغا ئەۋەتىۋېتىدۇ. كونا ئوردىغا ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى چەركەزلەر ئىدى. ئوسمانلى ھۆكۈمىتى، چەركەزلەر ياشايدىغان شەھەرلەرگە تېلېگرامما يوللاپ، ئابدۇلھەمىتنىڭ ھەرىمىدىكى چۆرىلەرنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىنى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ كېلىپ ئۇلارنى ئېلىپ كەتسە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇقتۇرۇشتىن خەۋەر تاپقانلار ئىستانبۇلغا كېلىپ تۇغقانلىرىنى تاپىدۇ. ھەرەمدە چوڭ بولغان چەركەز قىزلىرى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇغان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ھۆججەتلەر ئوتتۇرىغا چىقارغان يەنە بىر ئەمەلىي ئەھۋال بولسا، نۇرغۇنلىغان چەركەزلەرنىڭ ئوسمانلى ھەرىمىگە كىرىش ئۈچۈن يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى ئالاھىتەن ئەكېلىپ ئوردىغا بەرگەنلىكى ئىدى. بۇنداق قىلىش بۈگۈنكى كۈندە غەلىتە ئەھۋال ھېسابلانسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى شارائىتلار ئاستىدا ھەرەمدە ئايال بولۇشنىڭ سىرتتا ئايال بولۇشتىن تېخىمۇئەۋزەل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا