
يەر شارى تورىنىڭ 24-دېكابر خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللاھ 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆزىنىڭ 6-ئوغلى مىشائال بىن ئابدۇللاھ بىن ئابدۇلئەزىزنى مەككە ئۆلكىسىنىڭ باشلىقىغا تەيىنلىگەن. مەككە ئىسلام دىنىنىڭ بىرىنچى مۇقەددەس جايى بولۇپ، مەزكۇر ئۆلكىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. تەھلىلچىلەرنىڭ دېيىشىچە، پادىشاھنىڭ بۇ قارار ئوغلىنىڭ ۋارىسلىق قىلىشى ئۈچۈن «شارائىت ھازىرلاش» ئۈچۈن ئىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى خان جەمەتى پەرمانى ئېلان قىلىپ، مىشائال شاھزادىنى خالىد بىن فايسال بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ ئورنىغا مەككە ئۆلكىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەن، خالىد بىن فايسالنى مائارىپ مىنىستىرلىكىگە تەيىنلىگەن، سەئۇدى ئەرەبىستان مېدىيەلىرى بۇ ئۆزگىرىشكە قاتتىق دىققەت قىلغان.
مىشائال شاھزادە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، سىياسەت دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك مۇھاپىزەت ئەترىتى كومپيۇتېر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىدە مۇھىم خىزمەت ئۆتىگەن. 2009-يىلى 4-ئايدا، مىشائال ناجران ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولغان ھەمدە ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن.
يەرلىك مېدىيەلەرنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پادىشاھ ئابدۇللاھنىڭ باشقا ئوغۇللىرى ۋە جىيەنلىرى نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، دۆلەت مۇھاپىزەت ئەترىتى ھەمدە ئاخبارات ئورگىنىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە، يەنە نەچچىسى ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ باشلىقى ياكى مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.
تەرجىمىدە: نەپرەت