ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ياپونىيە ئۆسمۈرلىرىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى يەر شارى بويىچە 6-ئورۇندا تۇردى

ۋاقتى : 2013-12-25  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 25-دېكابر خەۋىرى: ب د ت بالىلار فوندى ۋە دۆلەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت نوپۇس مەسىلىسى تەتقىقات ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە ئۆسمۈرلىرىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى 31 ئىلغار دۆلەت ئىچىدە 6-ئورۇندا تۇرغان، گوللاندىيە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
ياپونىيە ئاخبارات تورى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تۈردىكى تەكشۈرۈش ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلاملىقى، تۇرالغۇ مۇھىتى ۋە باياشاتلىق دەرىجىسى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرگە ئاساسەن سېلىشتۇرما قىلغان. بۈگۈنگە قەدەر، ياپونىيەنىڭ سانلىق مەلۇماتى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن رەت تەرتىپكە كىرەلمىگەن، بۇ يىل تۇنجى قېتىم رەت تەرتىپكە كىرگەن.
ياپونىيە «مائارىپ» ۋە «كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى خەۋپ-خەتەر» قاتارلىق ئىككى ساھەدە بىرىنچى بولغان. ئوتتۇرا، ئالىي مائارىپتا ئوقۇش نىسبىتى %88.6 بولغان، ئىشسىزلار نىسبىتى %4.1 بولغان. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى خەۋپ-خەتەر تۈرىدە، سېمىز بالىلار ھەمدە ھەپتىدە بىر قېتىمدىن يۇقىرى ھاراق ئىچكەنلەر ئىستاتىستىكىسى بارلىق دۆلەتلەر ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن بولغان.
بۇنىڭدىن سىرت، ھەر كۈنى ناشتىلىق قىلىدىغان بالىلار ئەڭ كۆپ بولغان. ئەمما مەكتەپ زوراۋانلىقى ياكى بوزەك قىلىشقا ئۇچراپ باققان بالىلار %27.4 بولۇپ 12-ئورۇندا تۇرغان. 
 
تەرجىمىدە: نەپرەت        

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا