ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئامېرىكىنىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تالىبانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ۋاقتى : 2013-12-25  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم


جۇڭگو ئاخبارات تورى 25-دېكابىر خەۋىرى: چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ 12-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تالىبانلار ئاتقان ئىككى راكېتا بومبا كابۇلدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا چۈشكەن، نۆۋەتتە خادىملارنىڭ يارىلىنىشىغا ئائىت دوكلات يوق.
ئامېرىكىنىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئېيتىىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى 6 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىككى راكېتا بومبا ئەلچىخانىغا چۈشۈپ، يۈزلىگەن دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ۋە ياردەمچى خادىملارنى ئاكوپ ئىچىدە روژدېستۋو بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان.
ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئېيتىىشىچە، ئۇلار راكېتا بومبا كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى مۆلچەرلەۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە كابۇل شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان مەزكۇر ھەيۋەتلىك بىنانىڭ قايسى قىسىمىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
ھۇجۇم يۈز بېرىپ ئىككى سائەتتىن كېيىن، ئەلچىخانا خادىملىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى، ئاكوپتىن ئايرىلىپ ئەلچىخانا ئىچىدە ئەركىن ھەرىكەت قىلسا بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇش قىلىنغان.

نۆۋەتتە ئەلچىخانىدىكى خادىملارنىڭ يارىلىنىشىغا ئائىت دوكلات يوق، بىراق كابۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە، باشقا ئىككى راكېتا بومبا شەھەرنىڭ باشقا قىسىملىرىغا چۈشكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى چۈشكەن ھامان پارتىلىمىغان بولۇپ، ساقچىلار بومبىنى چۇۋۇشقا ئۇرۇنغاندا پارتىلاپ 3 ساقچىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يەنە بىرسى خادىملارنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان.
تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى مۇجاھىد Twitter دا تالىبانلارنىڭ مەزكۇر ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئۇ بايانات ئېلان قىلىپ، تالىبانلار قويۇپ بەرگەن 4 راكېتا بومبىنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا چۈشۈپ، ئېغىر دەرىجىدىكى يارىلىنىش ۋە ئۆلۈش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەرجىمىدە: ئاينۇر
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا