ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىكى «سۇمالى دېڭىز قاراقچىلىرى»

ۋاقتى : 2013-12-25  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئابدۇللا كۆرۈلىشى : قېتىم

 10.jpg

 

سۈرەتتە: فىرانسىيەلىك تۆت نەپەر تۇتقۇن قىلىنغۇچىلار (سولدىكى ئۈچ كىشى ۋە ئوڭدىن ئۈچىنچى كىشى) قويۇپ بېرىلدى، بىراق ئۇلار نىمىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ؟ بۇنىڭدا يەنىلا نۇرغۇن سىر يوشۇرۇنغان.
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئامېرىكا «خىرىستىيان دىنى پەن-تېخنىكا ئۇچۇرى گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 25-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 30-كۈنى كېچىدە بىر دانە ئايروپىلان فىرانسىيەنىڭ پارىژ ئايرودرومىغا قوندى، ئايروپىلاندىن چۈشكەن تۆت كىشى مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلىپ قىلدى. ئۇلار فىرانسىيەلىك يادرو ئىلىكتىر ساھەسىدىكى گىگانىت Areva NINETC نىڭ خادىملىرى بولۇپ، 2010-يىلى نىگىرىيەدە بازا تەشكىلاتىنىڭ شىمالى ئافرىقا تەشكىلاتى بولغان «ئىسلام مەغرىبى بازا تەشكىلاتى» تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى، ئۇلار 1000 كۈندىن ئارتۇق جاپالىق كۈننى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئاخىرى قۇتۇلۇپ چىقتى ۋە ۋەتىنىگە قايتىپ كەلدى.

11.jpg

 

كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، مەيلى فىرانسىيە بولسۇن ۋە ياكى نىگىرىيە تەرەپ بولسۇن يېقىندا ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇش ئۈستىدە ھەربىي ھەركەت ئېلىپ بارمىغان. ئۇنداقتا بۇ تۇتقۇنلار زادى قانداق قىلىپ قۇتۇلۇپ چىقتى؟ ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ مۇخبىرلىرى يېقىندا بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىكى پۇلغا تۇتقۇننى ئالماشتۇرۇش سودىسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئەھۋالىنى جامائەتچىلىككە ئاشكارلاپ بەرگەن.
سەھرايى كەبىر قۇملۇقى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق بولۇپ، شەرقى غەربىنىڭ ئۇزۇنلىقى 5600 كىلومىتىر، جەنۇبى شىمالىنىڭ كەڭلىكى 1600 كىلومىتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي يەر مەيدانى توققۇز مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومىتىر كېلىدۇ، يەنى جۇڭگونىڭ قۇرۇقلۇق يەر مەيدانى بىلەن تەخمىنەن باراۋەر كېلىدۇ، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.

12.jpg

 

قۇملۇقنىڭ ئەتراپىدا ماۋرىتانيە، مالى جۇمھۇرىيىتى، ئالجىرىيە، نىگىرىيە، تۇنىس، لىۋىيە، چاد، مىسىر ۋە سۇدان قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەت ۋە رايون بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سەھرايى كەبىر قۇملۇقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە قاتتىق جەلىپ قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى ھەرگىزمۇ ئۇ يەرنىڭ ئىسسىق ھاۋا رايى ۋە ياكى كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان مەنزىرىسى ئەمەس، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بۇ جايدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرى سەۋەبلىكتۇر.
2010-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كىچىسىدە تۆت نەپەر فىرانسىيەلىك نىگىرىيەنىڭ پايتەختى نىئامېيدىن تەخمىنەن 804 كىلومىتىر كېلىدىغان كىچىك بازار ئارلىت بارىزى (Town of Arlit) دا تۇتقۇن قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار Areva NINETC نىڭ ياللانما خادىملىرى بولۇپ، نىگىرىيەدە نىفىت ئېتىزلىقى ئىزدىگىلى بارغان ئىدى. Areva NINETC نىڭ كۆپ ساندىكى ئۇران كانىنىڭ ئاساسلىقى نىگىرىيەدە.

13.jpg

 

تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، نىگىرىيەدىكى «ئىسلام مەغرىبى بازا تەشكىلاتى» دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ فىرانسىيەلىكلەرنى ئۆزلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان فىرانسىيە ۋە نىگىرىيە تەرەپ بۇ تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خېلى بېشىنى قاتۇردى، بىراق تاكى بۇ يىل 10-ئايغا كەلگەندە ئۇلار ئاندىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلەلىدى. «تايمىس گېزىتى» خەۋەر قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«فىرانسىيە تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بازا تەشكىلاتىغا 25 مىليون ياۋرو (تەخمىنەن 210 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) تاپشۇردى.»
فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بۇ خەۋەرنى ئۇققاندىن كېيىن دەرھال دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىيۇسنى چىقىرىپ بايانات ئېلان قىلدى:«بىز تېرورچىلار بىلەن ئويۇن ئوينىمايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرگىزمۇ باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ پۇلىنى ئاپىرىپ تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزمايمىز.»

14.jpg

 

نىگىرىيە زۇڭتۇڭى يۈسۈف (Yusuf) نىڭ بۇ خەۋەردە بولغان ئىنكاسى سەل تۇتۇق بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى:«مېنىڭچە كىشىنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغىنى ئۈچ يىل جاپا تارتقان ئۇ تۇتقۇنلار ئاخىرى ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلەن جەم بولالىغان» بىراق يۈسۈف تۇتقۇن قىلغانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پۇل تۆلىگەن ياكى تۆلىمىگەنلىكى سورالغاندا سۆز قىلىشنى رەت قىلىپ تۇرىۋالدى.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا