
بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 24-دېكابر خەۋىرى: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مەخپىي شېفىر يەشكۈچى ئالېن تۇرىڭ (Alan Turing) ھەمجىنىسلارنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشتى دەپ ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئىدى، ئۇ ئۆلۈپ 59 يىلدىن كېيىن، ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىغا ئېرىشكەن.
ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى» خەۋەر قىلىشىچە، بۇ داڭلىق ماتېماتىكا ئالىمى مەخپىي شېفىرنى يەشكەنلىكتىن، ئۇرۇشنى مۇددەتتىن 2 يىل بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرغان. ئەدلىيە كاتىپى كرىس گېريلىڭ (Chris Grayling) نىڭ تەلىپى تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئايال پادىشاھ «خان جەمەتى كەچۈرۈم قىلىش ئالاھىدە ھوقۇقى» (Royal Prerogative of Mercy) دىن پايدىلىنىپ تۇرىڭنى كەچۈرۈم قىلغان.
ئالېن تۇرىڭ ھازىرقى زامان كومپيۇتېر ئىلمىنىڭ ئاتىسى دەپ قارىلىدۇ. ئۇ مەخپىي كودنى يېشىپ، گېرمانىيەنىڭ كومپيۇتېر مەخپىيەتلىكىنى يەشكەن. ئۇ بىر ئەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، 1952-يىلى ئۇنىڭغا ئېغىر ئەخلاقسىزلىق قىلمىشىغا قاتناشتى دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان.
ئۇنىڭغا خىمىيىلىك ئاختا قىلىش جازاسى بېرىلگەن، ئۇنىڭ جىنايەت خاتىرىسىدا داۋاملىق ھۆكۈمەت ئالاقە باش شتابى (GCHQ) غا خىزمەت قىلىشقا ئامالسىز قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئۇ 1954-يىلى سىيانىد بىلەن زەھەرلىنىپ 41 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
كرىس گرېيلىڭ:«تۇرىڭ دوختۇر ئالاھىدە بىر ئەر، ئۇنىڭ ئەقىللىق كاللىسى بار. ئۇنىڭ ئەقىللىقلىقى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەخپىي كودنى يېشىشكە ھەمدەمدە بولۇپ، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، نەچچە مىڭلىغان ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىدا نامايان بولدى» دېگەن.
تەرجىمىدە: نەپرەت