ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى: ئەسەد ھەلەبنى بومباردىمان قىلىشنى توختاتمىسا

ۋاقتى : 2013-12-25  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

سۇرىيەدە ئەسەد كۈچلىرىنىڭ بومباردىمانلىرى داۋاملاشماقتا؛ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلەردىكى ھۇجۇملاردا بالىلار قوشۇلۇپ 105 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
 

79f61f28-9ede-45c5-ac56-7202ced6969c-444x333.jpg

ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھەلەبتە 43، دەمەشقتە 38، ئىدلىب، ھۇمۇس، دېرئا ۋە لازىقىييە شەھەرلىرىدە 24 ئادەم ئۆلدى؛ ئۆلگەنلەرنىڭ 22 سىنىڭ كىچىك بالا ئىكەنلىكى بىلدۈردى . 

سۇرىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە قاراشلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىنىڭ ۋارىل بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

ھەلەبتىكى ھۇجۇملاردا كۆپلىگەن ئۆي – ماكانلارنىڭ گۆمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكى، چۆل دوختۇرخانىلىرىدا يارىدارلار ئۈچۈن جىددىي قان ئېھتىياجى بارلىقىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۆكتىچىلەر بولسا، ھەلەبكە قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋاملاشقان تەقدىردە، 22- يانۋاردا چاقىرىلىدىغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك جەنۋە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، جۈمە كۈنى موسكۋادا سۇرىيەدىكى خىمىيەلىك قوراللارنى تازىلاش مەسىلىسى بويىچە يىغىن چاقىرىلىدۇ.

يىغىنغا رۇسىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ، سۇرىيە ۋە خىمىيەلىك قورال چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئىشتىراك قىلىدۇ.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا