ئاپتۇرى: رايىز ھىيرمان (تۈركىيە)
تەرجىمىدە: جان پولات

تۈركىيە يېقىنقى 20 نەچچە يىلدا دۆلەت قۇرۇلغاندىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ئۈزلۈكسىز سۈركىلىشلەر نەتىجىىسدە مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي سەۋىيەدە نىگىزلىك ئۆزگىرىشلەرگە شاھىد بولدى. ھەتتا بۇ ئۆزگىرىشلەر بۇ باسقۇچتا ئەڭ چوقىسىغا يەتكەن بولۇپ ئۇ بولسا ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىنىۋاتقان سىياسىتىدۇر.
بۇ ماقالە تۈركىيەدىكى دىنىي دۆلەت بىلەن مەدەنىي دۆلەت ئارىسىدىكى مەدەنىيەت توقۇنۇشىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا كىرىشنى نىشان قىلغان بولۇپ ، بۇ توقۇنۇش 90 يىل بۇرۇن ئىسلامىي خەلىپىلىك يېقىتىلغاندىن كېيىن تۈركىيەدە «مىللىي دۆلەت» نىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن باشلانغان ۋە بۇ توقۇنۇشنىڭ نەتىجىلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرقى 25 يىلدا روشەن ئىپادىلىنىشكە باشلىغان.
بۇ كىتابنىڭ ئاپتۇرى گېرمانىيەلىك ئىقتىساد پەنلىرى كەسپى ئاسپرانتى بولۇپ ئىسلام دىنى بىلىملىرىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئائىلىسى بىلەن ئىستانبۇلدا 17 يىل تۇرغان. ئۇ ھازىر تۈركىيە مەسىلىلىرىگە مەسئۇل گېرمانىيەلىك كەسپىي ئاخباراتچىلارنىڭ بىرى.
دىن ۋە دۆلەت
بۇ كىتاب يېقىنقى يېرىم ئەسىردە تۈركىيەدە بولۇپ ئۆتكەنلەرنى ئىلمانىي «دەھرىي» دۆلەتتىكى «دىن ھەرىكىتى» كۈرىشى دەپ خۇلاسىلەيدۇ. ئۇ يەنە ھەم دۆلەت مەركىزىنىڭ باشقا رايونلار بىلەن بولغان كۈرىشىدۇر.
خەلق ، مىللەت ۋە دىنلار كۆپ بولغان ئوسمانىيە ئىمپىرىيىسىدىن تۈركىيە مىللىي دۆلىتىگە يۆتكىلىش ئېچىنىشلىق بولسىمۇ بىراق بۇ نەتىجىدە كېيىن يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئۇتۇق قازىنالمىدى. ئاخىرىدا كۆپ مەدەنىيەتلىك تۈركىيەنى بىر مەدەنىيەت ئوچىقىدا ئېرىتىشتىكى ئىلمانىيلىق پىلانى مەغلۇب بولدى.
تۈركىيە ئىرقى ۋە دىنىي كۆپ سانلىق بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىر دۆلەت بولۇپ تۈركىيەدە ئالبانلار، بۇلغارلار، ئەزەرلەر، تاجىكلار، تاتارلار، ئۆزبەكلەر، گۇرجىلار، ئەرمەنلەر، بوسنىيەلىكلەر، چېچەنلەر،كۈرتلەر ۋە ئەرەبلەر بار. شۇنداقلا ھەم سۈننىيلەر، شىيئەلەر، ئورتدوكسلار، ئەرمەنلەر، يەھۇدىيلار ۋە باشقا دىننىڭ ئەگەشكۈچىلىرىمۇ بار. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈركىيە جەمئىيتىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ئوسمانىيە خەلىپىلىكى دەۋرىدە دىنى، ئىرقىغا قارىماستىن ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ ئەركىن ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيتتى، ئەكسىچە بىراق يېڭى دۆلەت قۇرۇلۇپ دەسلەپتىلا مۇستاپا كامال ئەتراپىدا شەكىللەنگەن ئىلمانىي گۇرۇپىلار ئۆزلىرىنىڭ ئېقىمىدىكى بىر بۆلۈك مۇسۇلمانلارنى خىرىستىئانلارنى «ياتلار» دەپ قاراشقا ئېلىپ باردى.
ئاپتۇرنىڭ كۆرسىتىشىچە؛ 1924-يىلى مۇستاپا كامال قۇرغان «جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسى»دىكى ھۆكۈمدارلار ئاساس قىلغان ئىدىيە دۆلەت ئۇ بىردىنبىر «مەركەز»، دۆلەت مەركەزنى سىرتتىكى چەت رايونلاردا «ھۆكۈم سۈرىۋاتقان ياۋايىلار»غا قارشى مۇستەھكەم قەلئەگە ئوخشايدۇ، ئۇلاردىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇش كېرەك دەپ قارايتتى.
يەنى دۆلەت جەمئىيەتنى يىتەكلىشى ۋە قەتئىنەزەر ئۇنى يېڭىلاشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك. بۇلار پايتەخىت ئەنقەرەدە كەڭ دائىردە داۋاملىشىپ كەلدى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسى كامالىزىمچىلار «جاھىل ياكى مەدەنىيەتسىز قالاق مۇھىت» دەپ قارايدىغان يېزا رايونلىرىغا سىڭىپ كىرەلمىدى.
مۇستاپا كامال چاقىرىۋاتقان پىرىنسىپلارنىڭ خۇلاسىسى بولسا-ئەركىنلىشىش. شۇڭلاشقا خەلق پارلامېنتى 1934-يىلى ئۇنىڭغا «ئاتا تۈرك» دېگەن نامنى بەردى. ئۇنىڭ نۇتۇقلىرى ۋە سۆز-ئىبارىلىرى كېيىنچە «كامالىزىم»نىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى. بۇ كامالىزىم تېزلا دۆلەتنى ئۈستى تەرەپتىن باشقۇرىدىغان، ۋە تەرەققىي قىلۋاتقان جەمئىيەتكە ئاستىدىن بېسىم قىلىدىغان مۇستەبىت ئىدئولوگىيەگە ئايلاندى.

ھازىر تۈركىيە ئۆزىنىڭ كۆپ تۈرلۈك ئىكەنلىكىنى بايقاپ ئىجادىي بىر شەكىلدە پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ ئىنسسانىي ھوقۇق جەمئىيەتلىرى قۇرۇلدى ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقى ئىسلاھاتلىرىنى تەتبىلاش خىزمىتى بىر تۈرلۈك سىياسىي لېبىرالىزىمنى پەيدا قىلدى.
تۈركىيە جەمئىيىتىدە بىر تۈرلۈك تۈرك كىملىكى ئورنىغا كۆپ تۈرلۈك كىملىكلەر ئورۇن ئېلىپ كۆپ تۈر ئالاھىدىلىكى ئېتىراپ قىلىندى. ھەممە بىر كىملىككە بەلكى «دۆلەت قانۇنى»غا بويسۇنۇش كېرەك بولغان «مىللىي دۆلەت» ئاساس ئورنىدىن چۈشتى، بۇ پىكىرنى مۇقەررەرلەشتۈرۈشتە ياۋرۇپا ئىتىپاقى كەسكىن ھەسسە قوشتى.
ئاپتۇر كامالىزىملار قۇرغان دۆلەتنىڭ ئۈچ ئاساسى ھەققىدە توختىلىپ؛ بىرىنجىسى-ئۆزىنى دۆلەت قۇرۇشقا قاتناشقاندىن كېيىن زامانىۋى تۈركىيەنىڭ ئاتىسى دەپ قارايدىغان ئارمىيە. ئارمىيەدىكى گېنىراللار ئۇنىڭدىن كېيىن مەركىزى ھۆكۈمەتنى قوغداش، مۇستەبىت ئىلمانىزىمنى چىڭ تۇتۇش، ئاشقۇن دىنىي ھەرىكەتلەرنى چەكلەشنى نىشان قىلىپ دېموكراتىك قانۇن بىلەن بەھرىلىنىدىغان دۆلەت سىياسىتىدىن ئىبارەت يېڭى سىياسىي سەۋىيەگە يۆتكەلدى. ئارمىيە ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىلشىلىرىدە قانۇن بېكىتكەن مەجبۇرىيەتلىرىگە تايانغان.
ئىككىنجى ئاساس-يۇقارقى نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئارمىيە بىلەن بىرگە تۇرىدىغان ئالىي سوت. بۇ مۇستەقىل بولمىغان، سىياسەتكە بويسۇنمايدىغان سوت. خۇسۇسەن ئالىي سوت ئارمىيەنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئابدۇللاھ گۈلنىڭ پرېزىدېنتلىققا سايلىنىشىنى چەكلەش ئۈچۈن 2007-يىلى مايدا دۆلەتنىڭ يېڭى پرېزىدېنت سايلىمىغا پارلامېنىت ئاۋاز بېرىشىنىڭ دەسلەپكى قېتىملىقىنى بىكار قىلغان. شۇنداقلا ئاساسى قانۇن مەھكىمىسى ئېنىق سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەيلى سولچىل ياكى ئىرقىي، ياكى ئىسلامىي بولسۇن نۇرغۇن سىياسىي پارتىيەلەرنى تاقىۋەتكەن.
ئەمما ئۈچىنجى ئاساس بولسا- 1950-يىلغىچە 27 يىل ئۆزى يالغۇز ھاكىمىيەت بېشىدا ئولتۇرغان دۆلەت پارتىيسى بولغان«جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسى»، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېينلا دېموكراتىيەنى تەتبىقلاش ۋە كۆپ پارتىيە بولۇش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن سايلامدا شۇنىڭدىن كېيىن پەقەت ئۇتۇق قازىنالمىدى.
2007-يىلدىكى سايلامدا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسى «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى» بىلەن قارمۇ-قارشى كەلگەندە ئادالەت ۋە تەرققىيات پارتىيسى تۈركىيەنىڭ بارلىق ۋىلايەتلىرىدە ۋە مەمۇرىي دائىرىلەر ۋە ياشلار نەزىرىدىمۇ ئۇتۇق قازاندى. شۇنىڭدەك 20% بايلاردىن سىرىت بارلىق سايلىغۇچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. بىراق جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسى سايلىغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئەمەس، دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلغانلىقى ئۈچۈن سايلامدا ئۇتۇپ چىقالمىدى.

كامالىزىملارنىڭ ئېڭىدا ئىلمانىي ئىدىيە دىننىڭ ئورنىغا چۈشكەن. ئۇلار ئىسلامنى قاتارغا ئالمىغان. ھالبۇكى ئىرقىي ۋە دىنىي تۈرنى ھۆرمەتلەش دۆلەتنى ئالاھىدە قىلىپ تۇرىدىغان نەرسە. كامالىزىم شەكىللەندۈرگەن يېڭى ئىدىئولوگىيە بولسا 1931-يىلىدىن بېرى 6 چۈشەنچىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇلار: مىللەتچىلىك، دۆلەتچىلىك، ئىلمانىزىم. جۇمھۇرىيەتچىلىك، ئىنقىلابچىلىق، ۋە خەلقچىللىق. كامالىزىمچىلار غەربكە مەپتۇن بولغان ۋەھالەنىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك 6 چۈشەنچىنىڭ بىر قىسمىمۇ بولمىغان.
ئىلمانىزىم دۆلەتنىڭ دىننى باشقۇرۇشتىكى ۋاستىسى، ئۇ ئىسلامنى ئومۇمى ھاياتتىن يىراقلاشتۇرۇش قورالى. بىراق بۇ ئۇزۇن مۇددەت ئۇتۇق قازىنالمىدى، دېموكراتىيەگە يۆتكىلىشتىن كېيىن ئىسلامىزىمچىلار ئومۇمى مەيداننى قايتۇرىۋالدى ، خۇددى ئىسلام شەكىللىرىدىن بىر شەكىلنىلا مانا بۇ ئومۇمى ھاياتقا ئارىلاشمايدىغان ئىسلام دەپ قاراش مەغلۇپ بولغىنىدەك....
ئاپتۇر ئىسلامىي ئىدىيەلەردىن كېلىپ چىققان پارتىيەلەرنىڭ قۇرۇلىشى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ 1969-يىلى پروفىسور نەجمىددىن ئەرباقان قۇرغان «مىللىي نىزام پارتىيسى» دىن باشلانغان. بۇ پارتىيە كېيىن 1971-يىلى چەكلەنگەن ۋاقىتتا ئەرباقان يەنە 1980-يىلىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشكە قەدەر داۋاملاشقان، ئۈچ تەرەپلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قاتناشقان «مىللىي سالامەت پارتىيىسى»نى قۇردى.
ئىلمانىي ھۆكۈمەت بىلەن بولغان توقۇنۇشلار 1994-يىلىدىكى يەرلىك سايلاملاردا ئەڭ كۈچلۈك پارتىيە بولغان ۋە 1995-يىلى پارلامېنتتا بىرىنجى بولغان «رەفاھ پارتىيسى» مەيدانغا چىققانغا قەدەر داۋاملاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئەرباقان 1996-يىلى ئىيۇندا تۈركىيە باش مىنىستىرى بولۇپ سايلاندى. بىراق ئارىدىن بىر يىل ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ھەربىي ئۆزگىرىش بېسىمى ئاستىدا مەجبۇرى ئىستىپا بەردى.
21-ئەسىرنىڭ باشلىنىشى بىلەن كونا جۇمھۇرىيەت ئاجىزلىشىشقا باشلىدى ۋە تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەر ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى پىلانلىرى ۋە پىكىرلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن سايلىغۇچىلارنى جەلب قىلىشتىن توختاپ قالغان بىر مەزگىلدە تۈركىيە ئىقتىسادىي ۋەزىيتى قىيىن شارائىتلارغا دۇچار بولدى. تۈركىيە يېڭىلىققا ۋەكىل بولىدىغان سىياسىي يېڭى ئەۋلاتلارغا ئېھتىياجلىق ئىدى، مانا بۇ دەل 2001-يىلى ئاۋغۇستتا «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى» قۇرۇلغان بىر مەزگىل. بۇ پارتىيە باياشاتلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئەۋزەل ئىقتىسادىي سىياسەتكە ۋە تۈركىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا ئەزا بولۇشى ئۈچۈن دېموكراتىيەنى كەڭرى يولغا قۇيۇشقا چاقىرغان.
«ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى» ئۆزىنى ئىسلامىي ئىدىيەدىن ئەمەس، ئىلمانىي ئېقىم ئىچىدىكى مۇھاپىزەتكار سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىقارغان بولۇپ، 2002-يىلىدىكى قاتناشقان تۇنجى سايلامدا غەلبىگە ئېرىشكەن. ۋە پارلامېنتتا ئىسلاھات قارارلىرىنى ئىجرا قىلدۇرغان، شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە 2002 ۋە 2004 ئارىسىدا كۆپ تۈرلۈك ئەركىن دېموكراتىك ئېقىم بىلەن زور پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

«ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى» ۋە «رەجەب تاييىپ ئەردوغان» تەقلىدى پارتىيەلەر ، سىياسەتچىلىرى ۋە كونا تۈزۈملەر يوق قىلىنىپ ، ئورنىغا يېڭىدىن ئىزباسار سايلىنىش تەلەپ قىلىنۋاتقان بىر ۋاقىتتا مەيدانغا چىققان، پارتىيە 2007-يىلى ئىيۇلدىكى سايلامدىمۇ تۈركىيەدە يېڭى دېموكراتىيە بەرپا قىلىنىش جەريانىدا بۇرۇنقىدىن بەكرەك قوللاشقا ئېرىشىپ غەلبە قىلغان.
ئاپتۇر تۈركىيەدىكى يېڭى سىياسىي ئىزباسارلارنىڭ يولىنى مۇنۇ ئۈچ ساھە ئارقىلىق ئوتتۇرغا قويىدۇ، بىرى- ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا ئەزا بولۇش، چۈنكى ئىسلام بىلەن ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە مۇئامىلە قىلىش كېيىنكى مەزگىللەردە ياۋرۇپانىڭ ئاساسلىق تېمىسىغا ئايلىنىدۇ، چۈنكى ياۋرۇپا قىتئەسىنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ بارلىق تەرەپلىرىدە كاۋكاز رايونىدىن ئوتتۇرا شەرق ئارقىلىق ئاتلانتىك ئوكيانغا قەدەر سوزۇلغان كىرزىس بەلۋىغى قورشىۋالغان.
تۈركىيە ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، تەلەپ قىلىنغان ئىسلاھاتلار دېموكراتىيەنى ئاشۇرۇشنى ۋە ئاز سانلىقلارنىڭ ھەق-ھۇقۇقلىرىغا رىئايە قىلىشنى تەقەززا قىلماقتا. ئەزالىق سالاھىيتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇشلار ھېلىھەم داۋاملاشماقتا.
ئىككىنجى ساھە: ئوتتۇرا شەرقتىكى تاشقى سىياسەت، چۈنكى تۈركىيە ئوتتۇرا شەرقتە تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە ياخشى نىيەتلىك رايونلۇق كۈچكە ئايلاندى. ئۇ ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا ئوخشاش رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى خالايدۇ، پەلەستىن مەسلىسىنى ھەل قىلىشقا ھەسسە قوشۇش ، ئىراقنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىنى ۋە ئىراننىڭ يادرو بومبىسى ئىشلەپچىقىرىشىنى چەكلەشنى خالايدۇ.
ئەمما ئۈچىنجى ساھە بولسا- گۈللىنىش ھالىتىگە ئېلىپ بارىدىغان ئىقتىسادى سىياسەت، كۆپ يىللاردىن بېرى تۈركىيەگە يىللىق سېلىنغان مەبلەغلەر 1 مىليارد دوللاردىن ئاشمىغان ئىدى، بىراق 2005-يىلى تۈركىيەگە سېلىغان چەتئەل مەبلىغى 9 مىلياردقا ئۆرلىدى ۋە كىلەركى يىلى 20 مىلياردقا چىقتى.
تۈركىيەگە 15 مىڭدىن كۆپ چەتئەل شىركەتلىرى مەبلەغ سالغان بولۇپ ئۇنىڭ يېرىم ياۋرۇپا ئىتىپاقى ئەللىرىدىن كەلگەن. 2006-يىلى تۈركىيە ئىقتىسادى تۇنجى قېتىم مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 400 مىليارد دوللارغا يىتىپ، بىلگىيە، شىۋىتسارىيە، شىۋىتىسيە قاتارلىق ئىقتىسادى گەۋدىلەرنى بېسىپ چۈشكەن. ئەردوغان تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ كىلەر يىلى ياۋۇپادىكى ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ 6-سى بولۇشى ئۈچۈن پىلان تۈزىۋاتىدۇ.

ئاپتۇر ھازىرقى تۈركىيە ۋەزىيتىدىكى بىر قانچە ئاجىزلىق نوقتىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بىرىنجىسى-تۈركىيەدە كۈرتلەر، شىيئە ئالەۋىي تائىپىسى، خىرىستىئانلار ۋە ئاز سانلىق يەھۇدىيلارغا ئوخشاش ئايرىمچىلىققا دۇچار بولىۋاتقان توپلار بار. مانا بۇلار ھازىرقى ۋەزىيەت سەۋەبلىك ئەمەس، بەلكى ئىلمانىي دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاسارىتى سەۋەبىدىن ئايرىمچىلققا دۇچار بولىۋاتقان دىنىي،ئىرقىي توپلارنىڭ مىسالى.
ئاپتۇرنىڭ قارىشىچە ئىككىنجى ئاجىزلىق نوقتىسى- «تىرەن دۆلەت» يەنى دۆلەت ئىچىدە دۆلەت شەكىللەندۈرىۋاتقان ھەربىي سىياقتىكى گوروھلارنىڭ مەۋجۇتلىقى، ۋە سىياسىي قەستلەش ھەرىكەتلىرى. شۇنىڭدەك يەنە ئار-نۇمۇس جىنايەتلىرى ۋە ئاياللارغا قارشى زوراۋانلىق مەسىلىلىرى. بۇلارمۇ بىز يۇقاردا دەپ ئۆتكىنىمزدەك زامانىۋى تۈركىيە قۇرۇلىشى بىلەن باشلانغان مۇستەبىت ئىلمانىزىم قالدۇقىنىڭ تەسىرلىرى.
ئەمما كۈچ نوقتىسىغا كەلسەك بىرىنجىسى-گېرمانىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى ھەمكارلىق. ئىككى دۆلەت قورال ۋە ئىقتىساد ھەمراھى. تۈركىيەنىڭ گېرمانىيەگە چىقارغان يىللىق ئىكىسپورت نىسبىتى 10% دىن ئارتۇق نىسبەتتە ئېشىپ 9.1 مىليارد دوللار ياۋرۇغا يەتكەن. مەسىلەن؛ ماشىنا سانائىتى ئىككى دۆلەت ئىقتىسادى ئارىسىدىكى مۇستەھكەم ئالاقە نوقتىسى دەپ قارىلىدۇ.
ئىككىنجى كۈچ نوقتىسى-ياۋرۇپا ئېقىمىغا ئىگە تۈرك مەدەنىيتىنىڭ مەۋجۇتلىقى. بۇنىڭ قارشىسىدا كۆپ تۈر بولۇش ۋە تۈركىيە ئاناتولىيە رايونىغىمۇ يۈزلىنىش ئېقىمى بار. شۇنداقلا ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا يۈزلىنىشتىن كېيىن مەدەنىيەت-سەنئەتنىڭ زور ئىلھاملاندۇرىشى ۋە قوللىشى بىلەن تۈركىي ئۆزگىچە رايون ھاسىل بولۇشمۇ باشلاندى.
كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن خۇلاسىلەش مۇمكىن بولىدىغان ئاخىرقى مۇلاھىزە شۇكى، بەلكى بۇ ماۋزۇ كىتابنىڭ مەزمۇنىنى ئىنچىكە ئىپادىلەپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن، بەلكىم تۈركىيە جەمئىيتىنىڭ 80 يىلدىن كۆپ ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن بولسىمۇ زاۋاللىقا يۈزلىنىۋاتقان كامالىزىم ۋە ئىلمانىزىم بىلەن قىلغان كۈرىشىنى يارقىن ئىپادىلەيدىغان ياخشىراق ماۋزۇ تاللاش كېرەكتۇر.
مەنبە: ئەلجەزىرە تورى