ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

مېھىر-مۇھەببەتلىك «مېھىر كېچىسى» شېئىر-نەسىر كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

ۋاقتى : 2013-11-21  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

زىمىستان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرى بولغان 20-نويابر كۈنى كەچتە، مېھرى ئىللىق گۈزەل ئۈرۈمچى شەھىرىمىزدىكى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇزىكا زالىدا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر كېچىلىك ئۆكۈزۈلدى. ئەدەبىيات ئىجادىيتى ۋە دېكتور-رىياسەتچىلىك ساھەسىدە نەچچە يىللاردىن بىرى ئۈن-تىنسىز ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان دوستىمىز گۈلئارە سادىر ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىپ، دىلىمىزدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى يەنە بىر قېتىم قوزغاتتى.

شۇ كۈنى كەچتە، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ 2012-يىللىق چوڭلار مائارىپى دېكتور-رىياسەتچىلىك سىنىپىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىسى، كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ياش نوتىمىز گۈلئارە سادىر، ئۆزى ئىجات قىلىپ ئۆزى ئورۇنداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھەر قايسى ساھەدىكى مەدەتكارلىرىنىڭ ئىلھامى بىلەن بىرلىكتە، «مېھىر كېچىسى» نامىدا شېئىر-نەسىر دېكلىماتسىيە سەنئەت-كېچىلىكىنى ئۆتكۈزدى.

ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ۋە ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز مەنىۋىي قىممەت يارىتىۋاتقان بۇ تىرىشچان دوستىمىز گۈلئارە سادىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سىستېمىلىق تەربىيەسى ۋە ئوتلۇق مېھرى ئۇنى ئانا مەدەنىيىتىمىزنى قىزغىن سۆيىدىغان، مۇقەددەس تۇپرىقىمىزغا ۋە ئاقكۆڭۈل خەلقىمىزگە چىن مېھرىنى بەرگەن مۇھەببەتلىك قەلب ئىگىسى قىلىپ يېتىشتۈرگەن ئىدى.

ئۇ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئانا تىلدا تاماملاپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەنزۇ تىل – ئەدەبىياتى كەسپىگە ئوقۇشقا كىردى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ ئەڭ چوڭ مەرىپەت باغچىسىدا خەنزۇ تىل – يېزىقىنى پىششىق ئىگىلىگەندىن سىرت، ئەدەبىياتتىن مول بىلىمگە ئىگە، ئالغا ئىنتىلىشچان بىر ياشقا ئايلاندۇردى. بۇ مەزگىلدە گۈلئارەدە مۇئەييەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىقتىدارى يېتىلگەنلىكتىن، بىر بۆلۈك پىروزا ئەسەرلىرىنى يېزىپ، قەلىمىنى يۈكسەلدۈرگەن ئىدى.

كىچىكىدىنلا دىكتورلۇق، رىياسەتچىلىكنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گۈلئارەنىڭ بۇ ئىشتىياق ھەممىنى بېسىپ چۈشكەچكە ۋە 2004-يىلىدىكى دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن ھاياتلىقنىڭ تولىمۇ قىسقا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەچكە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىدىن ۋاز كىچىپ، قىسقا ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە، مۇراسىملارغا ئاكتىپلىق بىلەن رىياسەتچىلىك قىلىپ، كەسپىي ساپاسىنى يۈكسەلدۈردى. ئۇ يەنە بەزى نوپۇزلۇق تور بېكەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، "قەلب كۆزنىكى"، "دىلىستان" نامىدىكى تور رادىيوسى ۋە تور تېلېۋىزىيەسى پىروگراممىلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئۆز تالانتى ۋە ئىقتىدارىنى جارىي قىلدۇردى. بۇ پىروگراممىلارغا چۈشكەن ياخشى ئىنكاسلار ۋە رىغبەتلەر گۈلئارەگە زور مەدەت بولدى. بۇ مەزگىل گۈلئارەنىڭ كەسىپتە پىشىپ يېتىلىش، ئۆز ئالاھىدىلىكىنى ھەقىقىي نامايان قىلىش باسقۇچى بولدى.

كۈنسايىن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان گۈلئارە دىكتورلۇق – رىياسەتچىلىك ساھەسىدە مەزمۇت پۇت دەسسەپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۆز كەسپىي ساپاسىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ، 2012 – يىلى باھار پەسلىدىن تارتىپ شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدا دىكتورلۇق – رىياسەتچىلىك كەسپىي بويىچە ئوقۇشنى باشلىدى. بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدىكى يۇقىرى ساپالىق ئۇستازلارنىڭ مېھنىتى ۋە ئۆزىنىڭ توختاۋسىز تىرىشچانلىقى ئۇنى بۈگۈنكى كۈندە مول كەسپىي بىلىمگە، ئەمەلىي تەجرىبىگە، پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بىر ياش قىلىپ يېتىلدۈردى.«مېھىر كېچىسى»نامىدىكى بۇ ئۇنتۇلماس كېچىلىكىمۇ گۈلئارەنىڭ مېھىر – مۇھەببەتلىك قەلبىدىكى ئۆچمەس ئوتنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

گۈلئارەنىڭ بۇ قېتىمقى «مېھىر كېچىسى» ناملىق شېئىر-نەسىر كېچىلىككە 200 گە يېقىن تاماشىبىن قاتناشتى. گۈلئارەنىڭ سۈزۈك ۋە يېقىملىق ئاۋازى مەيداندىكى ھەر بىر تاماشىبىننىڭ يۈرەك تارىنى تىتىرەتكەن ئىدى. تەسىرلىك نەسىر ۋە شېئىرلىرىدىن مۇڭلانغان تاماشىبىنلار گاھىدا قايغۇرسا گاھىدا تەسىرلىك كۆز يىشى قىلىشتى.

تاماشىبىنلارنىڭ، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىنىڭ ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ بۇ قەيسەر ۋە ئىرادىلىك قىزغا قايىل بولۇپ ياڭراتقان ئالقىشى توختىماي ياڭرىغان ئىدى.
شۇ ئارزۇ-ئارمانلىرى بىلەن گۈلئارە قەلبىنى قەيسەر ئىرادىگە تولدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى، تاتلىق تەبەسسۇمى بىلەن ئەل قەلبىگە ئەڭ گۈزەل تۇيغۇلارنى بەخش ئېتىش ئۈچۈن توختاۋسىز ئىلگىرىلىمەكتە، سەھنىلەردە كۈيلىمەكتە، مېھىر – ۋاپا، ساداقەتتىن سۆزلىمەكتە، مۇھەببەتلىك يۈرىكى ئەل ئىشقىدا كۆيمەكتە. بىز ئۆز نامىمىزدىن ساۋاقداش گۈلئارەنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك تىلەيمىز.

كېچىلىك نەق مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق - ئالاقىلىشىش تېلفۇنى :13999939240 _ 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا