ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا خەلق ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان پىرېزىدېنتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان جون ف. كېنېدى سۈيىقەستكە ئۇچرىغانلىقىنىڭ 50 - يىللىقى مۇراسىملار ئارقىلىق خاتىرىلەنمەكتە
پىرېزىدېنت باراك ئوباما، رەپىقىسى ۋە سابىق پىرېزىدېنت بىل كىلىتون بىلەن بىرلىكتە داللاستىكى ئارلىڭتىن قەبرىستانلىقىدا كېنېدىنىڭ مازىرىغا گۈلچەمبىرەك قويدى. ئاندىن بىل كىلىنتون، سۆھبەت پىروگراممىسى يېتەكچىسى ئوپرا ۋىنفرى قاتارلىق 16 نەپەر كىشىگە كېنېدى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان، ھازىرقى زامان ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ مۇكاپات ھېسابلىنىدىغان پىرېزىدېنت ئەركىنلىك ئوردېنى تەقدىم قىلدى.
1961 - يىلى 20- يانۋار كۈنى ئاق سارايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 35 - پىرېزىدېنت كېنېدى، 1963 - يىلى داللاستا سۈيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.
سۈيىقەستنىڭ جاۋابكارى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنغان لى ھارۋى ئوزۋىلنىڭ سوتلانغان كۈنى ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنىڭ يوشۇرۇلۇشى قانچىلىغان سۈيىقەست نەزەرىيەلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بەرگەنىدى.
كېنېدى ۋەقەسى، ئارىدىن 50 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ھازىرغىچە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولۇشىغا قارىماي قانچىلىغان قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى ۋە سىياسىي ئانالىز قىلىندى، ئەمما بۇ سۈيىقەستنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ھەقىقىي سىر ھازىرغىچە يېشىلەلمىدى.