
ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى 26-ئۆكتەبىر خەۋىرى: مىسىردا ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋېتىلگەن خەلق سايلىغان تۇنجى پرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىينى ئاقلاش ئۈچۈن بىر قانچە سىياسىي ساھەلەردىن 25 ئادۋوكاتنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىلتىماس سۇنغانلىقى بىلدۈرۈلدى . ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى ئىتىپاق ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى قانۇن كومىتېتىغا مۇرسىي سوتلىنىدىغان داۋادا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئادۋوكاتلىق قىلىش ئۈچۈن 25 كىشى ئىلتىماس سۇندى.
داۋا قاراپ چىقىلىدىغان مەھكىمىنىڭ ئورنى تېخى بېكىتىلمىگەن بولۇپ مۇرسىينى ئاقلاش ھەيئىتىنىڭ رەھبەرلىكىنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى قانۇن كومىتىتى باشلىقى ئەلى كامالنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. مۇرسىي، مۇسۇلمان قېرىنداشلار رەھبەرلىرى ۋە پرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن كىشىلەر ھەققىدە « ئالدىنقى يىلى 5-دېكابىردا پرېزىدېنتلىق سارىيى ئالدىدا ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قارشىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈشكە تەشۋىق قىلغان» دېگەن باھانىلەر قاراپ چىقىلغان داۋانىڭ تۇنجى سوتىنىڭ ۋاقتى قاھىرە ئەرز-شىكايەت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 4-نويابىر قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى.