دۆلەت ئىچىدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورىيە ھەربىي زاۋۇتى ئېكىسپورتى قارىماققا «تېشى پال-پال» كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە «ئىچى غال-غال» لاردىن. بىر قەدەر داڭلىق بولغان كورىيەنىڭ K-9زەمبىرىكىنىڭ 2001-يىلى جۇڭگونىڭ PLZ-45ئۆزى يۈرەر زەمبىرىكىنىڭ مەغلۇب قىلىپ تۈركىيەگە ئېكىسپورت قىلىنغانلىق ۋەقەسىدە، كورىيە قارىماققا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى سېتىش جەھەتتىكى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە زىيان تارتىپ تۇرۇپ، «پايدا ئالدۇق» دەپ داۋراڭ سالغان.
2001-يىلى كورىيەنىڭ K-9ئۆزى يۈرەر زەمبىرىكى ئوڭۇشلۇق ھالدا جۇڭگونىڭ PLZ-45ئۆزى يۈرەر زەمبىرىكىنىڭ مەغلۇب قىلىپ تۈركىيەگە ئېكىسپورت قىلىنغان. بۇ ئىش قارىماققا شۇنچىلىك شەرەپلىك تۇيىلىدۇ، ئەمما بۇ ناھايىتى زور زىيان: ئۇلار كورىيەنىڭ زامانىۋى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنى ئۆتىنىپ بېرىپلا قالماستىن يەنە ھەربىر دانە زەمبىرەكنىڭ باھاسى ئاران ئۈچ مىليون دوللارغا بىكىتىلگەن. ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنىنى، K-9ئۆزى يۈرەر زەمبىرەك گىرمانىيە، ئەنگىلىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان زاپچاسلاردىن تۈزۈلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ تەننەرخى ئىنتايىن يۇقىرى. شۇڭا بۇنداق سودا ئېنىقلا زىيان تارتىپ تۇرۇپ، پايدا ئالدۇق دەپ داۋراڭ سالغان سودا بولدى. ھالبۇكى 1997-يىلى جۇڭگونىڭ كۇۋەيتكە ئېكىسپورت قىلغان 27 دانە PLZ-45ئۆزى يۈرەر زەمبىرىكى ۋە يۈرۈشلەشكەن ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى يەتتە مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.
تۆۋەندىكى رەسىملەردىكىسى كورىيەنىڭ تۈركىيەگە ئېكىسپورت قىلغان K-9ئۆزى يۈرەر زەمبىرىكى