ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

لو جياخۇي جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ۋاقتى : 2013-11-21  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم


    جۇڭگو ئاخبارات تورى 20-نويابىر خەۋىرى: نيۇيورك 19-نويابىرىدىكى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى (Gary Faye Locke) لو جياخۇي 11-ئاينىڭ 19-كۈنى يېرىم كېچىدە (ئۈرۈمچى ۋاقتى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن) بايانات ئېلان قىلىپ، 2014-يىلى يىل بېشىدا باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. لو جياخۇي ئۆزىنىڭ ئالاقىدار قارارىنى 11-ئاينىڭ بېشىدا پرېزىدېنت ئوباماغا ئېيتقان.
    لو جياخۇي 11-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلىكىنىڭ «پۈتۈن ئۆمرىدىكى شان -شەرىپى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ كەلگۈسىدىكى جۇڭگو -ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىىرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىلاپنى تىزگىنلەش جەھەتتىكى ئىقتىدارىغا ئىشىنىدىكەن.
    لو جياخۇي بىرلا ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەش جەريانىدا ئېرىشكەن ئاساسلىق نەتىجىلىرىدىن خۇلاسە چىقارغان بولۇپ، ئامېرىكا كارخانىلىرىغا جۇڭگودا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا سالغان مەبلىغىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا بېرىشتىكى سودا ئىشلىرى ۋە ساياھەت ۋىزىسى بېجىرىش ۋاقتىنى قىسقارتىش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
    لو جياخۇي ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سېئاتلدا جەم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، تەپسىلاتىنى ئېنىق ئاشكارىلىمىغان. لوجياخۇي بىرلا ۋاقىتتا يەنە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرىنىڭ خىزمىتىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    لو جياخۇي 2011-يىلى 8-ئايدىن ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق - ئالاقىلىشىش تېلفۇنى :13999939240 _ 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا