ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئوباما كېلەر يىلى ئاسىياغا قايتىپ كېلىدىكەن

ۋاقتى : 2013-11-23  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

10.jpg

2013-يىلى 9-ئايدا، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابي شىنزو (ئوڭدا) رۇسىيىنىڭ پېتىربۇرگ شەھىرىدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
        ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى سۇلى . لەيىس 20-چېسلا جورجىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دىپلوماتىيە سىياسىتى نۇتقى سۆزلىگەن ۋاقىتتا، ئوباما كېلەر يىلى 4-ئايدا ئاسىيادا زىيارەتتە بولىدۇ دېگەن. ئەمما ئوبامانىڭ قايسى دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان. ياپونىيە، كورىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بولسا ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئوبامانىڭ كېلىشىدىكى بېكىتى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئوباما 2014-يىللىق ئاسىياغا قايتىش زىيارىتى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ «ئاسىياغا قايتىش» ئىستراتېگىيىسىنى مۇقىملاشتۇرىدىكەن.
       لەيىس : «گەرچە بىز ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 10-ئايدا زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ ئاسىيا سەپىرىنى بىكار قىلغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغان بولساقمۇ، ئەمما بىز ناھايىتى خۇشاللىنارلىق ھالدا ئېلان قىلالايمىزكى، ئۇلار ئۇزۇنغا قالماي ئاسىياغا سەپەر قىلىدۇ». ئالدىنقى ئايدا، ئوبامانىڭ ئاسىياغا قىلغان زىيارىتىنى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بىكار قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئوبامانىڭ ھىندونېزىيە، مالايسىيا ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەردە بولىدىغان زىيارىتى سۇغا چىلاشقان.
لەيىس بايانات ئېلان قىلىش جەريانىدا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسىياغا قايتىش مۇھىم نۇقتىسىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. ئۇ تەكىتلەپ : «ئاسىيا تىنچ ئوكياننىڭ قايتا تەڭپۇڭلىشىشى ئوباما ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئاساسى ئۇل تېشى، مەيلى دۇنيانىڭ قانداق بىر جايدا قانچىلىك قىزىق تېمىلار بارلىققا كېلىشىدىن قەتئىي نەزەر بىز يەنىلا ئاسىيا ئىستراتېگىيىسىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە بېرىمىز» دېگەن. لەيىسنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى پىلانى بۇيىچە ئالغاندا، %60 دېڭىز ئارمىيە كۈچى 2020-يىلىدىن بۇرۇن ئاسىيا رايونىغا كېلىپ ئورۇنلىشىدىكەن ۋە ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن ھەمدە بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاسىيانىڭ تەرتىپىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.
   ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا رايونىدىكى مۇھىملىق دەرىجىسى توغرىلىق سۆزلەنگەن ۋاقىتتا، لەيىس : «ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى دوستلىرى چوقۇم تولۇقلاشقا ئېرىشىدۇ ۋە ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىكلىرىنىڭ دىققەت قىلىشىغا ئەرزىيدۇ» دېگەن. ئۇ مىسال كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېرىي كۆپ قېتىم ئاسىيادا زىيارەتتە بولغان، ئۇنىڭدىن باشقا كەلگۈسىدىكى نەچچە ئاينىڭ ئىچىدە ئۇ داۋاملىق ئاسىيادا زىيارەتتە بولىدىكەن. 12-ئاينىڭ دەسلىپىدە، ئامېرىكا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بايدىن جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولىدىكەن.
  ئەمما، لەيىس ئوبامانىڭ ئاسىيا سەپىرىدىكى تەپسىلىي ئىشلارنى ئاشكارىلىمىغان، ھەتتا ئۇنىڭ قايسى دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان، ئەمما بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدە پەرەز قىلىشقا باشلىغان. «ھىندىستان سودا ساھەسى» نىڭ تەھلىل قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، ئوبامانىڭ پىلانىدىكى ئاسىيا سەپىرى بولسا يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدىكەن، ئەمما ھىندىستاننىڭ كېلەر يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمى ئويلىشىلغان ۋاقىتتا، ھىندىستاننىڭ بىرىنچى بېكەت بولۇش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىكەن. تەكىتلەپ ئېيتقاندا، ياپونىيە، كورىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بولسا ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئوبامانىڭ كېلىشىدىكى بېكىتى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئوباما 2014-يىللىق ئاسىياغا قايتىش زىيارىتى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ «ئاسىياغا قايتىش» ئىستراتېگىيىسىنى مۇقىملاشتۇرىدىكەن.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق - ئالاقىلىشىش تېلفۇنى :13999939240 _ 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا