
شىنخۇا تورى 22-نويابىر خەۋىرى: شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن ئەڭ يېڭى ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ داۋاملىق قۇتقۇزۇشى ۋە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى سىتاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 11-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 14 تىن 23 مىنۇت ئۆتكىچە، شەندۇك ئۆلكىسى چىڭداۋ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يەنى خۇاڭداۋ رايونى) ماي ئۇزۇتۇش تۇرۇبىسى پارتىلاپ 22 ئادەم ئۆلگەن، باشقا ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى دەلىللىنىۋېتىپتۇ.
تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، پاتىلاش يۈز بەرگەن تۇرۇبا يولىنىڭ جۇڭگو نېفىت-خىمىيە تۇرۇبا يولى ساقلاش-توشۇش شۆبە شىركىتى خۇاڭداۋ ماي ئىسكىلاتىدىن ۋېيفاڭغىچە بولغان يەر ئاستى ماي يوللاش تۇرۇبا يولى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. 11-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەردە، جۇڭگو نېفىت-خىمىيە قارمىقىدىكى شىركەت تۇرۇبا يولىنى جىددىي رېمونت قىلىۋاتقاندا پارتىلاش يۈز بەرگەن.

چىلۇ تورى چىڭداۋ 22-نويابىر خەۋىرى: چىلۇ تورى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو نېفىت خىمىيىسى خۇاڭۋېي ماي يوللاش تۇرۇبا لىنىيىسىدىكى بىر ماي يوللاش تۇرۇبىىسى يېرىلىپ كەتكەن بولۇپ، رېمونت قىلىش جەريانىدا پارتىلاش يۈز بەرگەن.