
تىبىي تەتقىقات كېڭىشى دېيىشىچە، سانگېر 11-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كامبىرىج رايونى ئاددېنبرۇك (Addenbrooke) دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
سانگېر «گېن ئاتىسى» دېگەن نامغا سازاۋەر بولغان، 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىملارنىڭ بىرى. ئۇ ئىككى قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۆتىنچى ئالىم، ئىككى قېتىم خىمىيە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىردىنبىر ئالىم.
سانگېر ئىنسۇلىننىڭ ئامىنو كىسلاتا تەرتىپىنى مۇكەممەل بېكىتىپ چىققان بولۇپ، ئاقسىلنىڭ ئېنىق قۇرۇلمىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، 1958-يىلى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى دىئوكسىرىبونۇكلېئوتىد (DNA) تەرتىپىنى تېز سۈرئەتتە ئۆلچەش تېخنىكىسى «دىئوكسى توختىتىش ئۇسۇلى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 1980-يىلى باشقا ئىككى ئالىم بىلەن نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
فېدرىك سانگېر 1918-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەنگلىيەنىڭ گلوسېستېر رايونىدا تۇغۇلغان، كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، دادىسى دوختۇر بولۇپ، ئۇنىڭغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن.