ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇردى

ۋاقتى : 2013-11-21  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش توغرۇلۇق سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇردى

afd71ea1-4f54-4eb9-9511-83663aca0e17-444x333.jpg

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئۈچىنچى كومىتېتىدا، سۈرىيە مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپى قوبۇل قىلىندى. قانۇن تەكلىپى 13 كە قارشى 123 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى، 46 دۆلەت ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋازكەچتى. رۇسىيە بىلەن جۇڭگو رەت قىلىپ ئاۋاز بەرگەن قانۇن تەكلىپىدە، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان رايونلارغا دەرھال ياردەم بېرىلىشىگە رۇخسەت قىلىشى ۋە بىيۇروكراتىك توسالغۇلاردىن ۋازكېچىشى تەلەپ قىلىندى. قانۇن تەكليىپىدە، 21 - ئاۋغۇست گۇتا ۋەقەسىگە ئورۇن بېرىلىپ، ھۇجۇمنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايوندىن ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونغا پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەكىتلەندى. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى مەسىلىسىدە سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە نۇرغۇنلىغان جەھەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن قانۇن تەكلىپىدە، قايسى تەرەپ بولسا بولسۇن ھەرقانداق بىر زوراۋانلىق ئەيىبلىنىپ، تېررورلۇق ھۇجۇملىرى، مەزھەپ خاراكتېرلىك توقۇنۇشلار ۋە تۈرلۈك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىلىشى چاقىرىق قىلىندى. كومىتېت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان قانۇن تەكلىپىنىڭ، ئومۇمىي كېڭەشتىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بىراق ئومۇمىي كېڭەش قارارلىرىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىدەك ئىجرا قىلدۇرۇش كۈچى يوق ئىكەن.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق - ئالاقىلىشىش تېلفۇنى :13999939240 _ 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا