
بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 15-نويابر خەۋىرى: گامبىيە پرېزىدېنت ئىشخانىسى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، گامبىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزىدىغانلىقىنى، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
رېيترس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گامبىيە ھۆكۈمىتى تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش «دۆلەت ئىستىراتىگىيىلىك مەنپەئەتى» سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
گامبىيە ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى كىچىك دۆلەت، گامبىيە ئىلگىرى ئافرىقىدىكى بۇركىنافاسو ۋە سۋازىلاند قاتارلىق نەچچە ئافرىقا دۆلىتىگە ئوخشاش، تەيۋەننىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلاتتى.
بىراق گامبىيە پرېزىدېنتى يەھيا جاممەھ گامبىيەنىڭ يەنىلا تەيۋەن خەلقى بىلەن «دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاش» نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گامبىيە 1995-يىلى 7-ئايدا تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.
گامبىيەدە تۇرۇشلۇق تەيۋەن ئەلچىسى جىيا جۈ 11-ئاينىڭ 15-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە ئالاقىدار ھېچقانداق ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالمىغان. جىيا جۈ تەيۋەن بىلەن گامبىيەنىڭ مۇناسىۋىتىدە يېقىندا ھەر قانداق كۆڭۈلسىزلىكنىڭ بولغانلىقىنى ئىنكار قىلغان؛ گامبىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغان ئورناتمايدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئاڭلىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.