بۇنيامىن نېتانياھۇ ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ رۇسىيەنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل دىپلوماتىك ئۇسۇلدا ھەل قىلىنىشىنى تەكلىپ قىلدى.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ رۇسىيەنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل دىپلوماتىك ئۇسۇلدا ھەل قىلىنىشىنى تەكلىپ قىلدى.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ رۇسىيەدە ئېلىپ بارغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە پايتەخت موسكۋادىكى كرىملىن سارىيىغا بېرىپ پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.
نۇقتىلىق كۈنتەرتىپىنى ئىران مەسىلىسى تەشكىل قىلغان يىغىندا نېتانياھۇ، تېھران دائىرىلىرىنىڭ يادرو پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ سۇرىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلغانغا ئوخشاپ كېتىدىغان تىنچ ۋە دىپلوماتىك ئۇسۇلدا ھەل قىلىنىشىنى تەكلىپ قىلدى.
ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى سۇرىيەنىڭ خىمىيەلىك قورالغا ئىگە بولۇشىغا ئوخشاتقان نېتانياھۇ، رۇسىيە ۋە باشقا كۈچلەرنىڭ سۇرىيەنىڭ پۈتۈنلەي قورالسىزلاندۇرۇلۇشى توغرىسىدا چىڭ تۇرغانلىقىنى ئەسلەتكەن ھالدا، «دۇنيا كۈچلىرىنىڭ سۇرىيەنىڭ زامانىۋى قوراللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك لايىھەسىدىن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ئالالىشىمىز مۇمكىن، دەپ قارايمەن» دېدى.
نېتانياھۇ، «خەلقئارا جەمئىيەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئوران قۇيۇقلاندۇرۇشنىڭ توختىتىلىشى، مەركەزدىن قاچۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يوقىتىلىشى، قويۇقلاشتۇرۇلغان ماددىلارنىڭ ئىراندىن ئېلىنىشى ۋە ئىراقتىكى رېئاكتورنىڭ يوقىتىلىشىغا دائىر لايىھەنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى يېقىندىن كۆزىتىشى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ يەنە ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرى ۋە «يادرو قوراللىرىنى ياساش تەشەببۇسلىرى» نىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلغانلىقى پىكرىنى تەكرارلىدى.