سەلتەنەتلىك 100 يىل فىلىمىنىڭ تارىخى ئەھۋالى13-بۈلۈم
بۇ بۆلۈمىدە، ئوسمانلى تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر، ئەڭ كۈچلۈك، ئەمما ئەڭ ياخشى كۆرۈلمىگەن ئاياللىرىدىن «كۆسەم سۇلتان» ھەققىدە توختىلىمىز...
كۆسەم سۇلتاننىڭ بوشناق نەسىللىك ئىكەنلىكىگە دائىر قاراشلار بار، ئەمما ئېنىق مەلۇمات يوق. سۇلتان ئەھمەت تېخى 14 ياش ۋاقتىدىلا كۆڭلىنى ئۇنىڭغا بېرىپ قويغانلىقى ئېيتىلىدۇ. بىراق، بۇ توغرا بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى سۇلتان ئەھمەتنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ئانىسى كۆسەم سۇلتان ئەمەس. سۇلتان ئەھمەت شۇ كۈنگىچە داۋاملاشقان ئەنئەنىلەر بويىچە ۋە بارلىق شاھزادىلەرگە ئوخشىمىغان ھالدا ئايماقتا ۋەزىپە ئۆتىمەستىن، يەنى ھېچقانداق ھاكىمىيەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولماستىن تەختكە چىققان ئىدى. ياش پادىشاھ بىلەن ئايالى كۆسەم تەڭ ياشتا بولۇپ، ئوردىدا ئايرىم قالغان ۋاقىتلاردا بىر – بىرىگە يازغان خەتلەر ئاشىقلىقنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بۇلارنىڭ بىرىدە 1 – ئەھمەت، «ئەتىگەن يېنىمدىن ئايرىلغان ۋاقىتتا چىرايىڭىز بىر ئاز تۈرۈگلۈك ئىدى، ئەجىبا سىزنى خاپا قىلىدىغان بىر ئىش قىلدىممۇ؟» دەپ يازىدۇ. كۆسەم، «دۇنيا ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئۆز قولۇم بىلەن دەملىگەن قەھۋەنى يېرىم ئاشۇرۇپ قويدىڭىز، يىغلاپ كەتكەنلىكىمدىن كۆزلىرىم قانغا تولدى» دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ. كۆسەمنىڭ خېلى كۆپ قىز پەزەنتلەر ۋە ئەڭ ئاز تۆت ئوغۇل تۇغقانلىقى بىلىنىدۇ. 1612 – يىلى ۋېنېدىك ئەلچىسى كونتارىنى كۆسەم ھەققىدە توختىلىپ، «ناھايىتى گۈزەل، ھىيلىگەر، ئىقتىدارلىق، ناخشىنى ياخشى ئېيتىدۇ. پادىشاھ ئۇنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، دائىم ئۇنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما ئەقىل بىلەن ئىش قىلىپ پادىشاھ بىلەن دۆلەت مەسىلىلىرى بويىچە كۆپ سۆھبەت قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ» دەپ يازىدۇ. كۆسەمنىڭ بۇ نۇقتىدىكى ئېھتىياتچانلىقى، دادىسىغا ئوخشاش ئايالىنىڭ تەسىرىدە ئىكەنلىكىدەك كۆرۈنۈشنى بېرىشىدىن قاچىدىغان سۇلتان ئەھمەدنى ئۈركۈتۈپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئەمما، يولدىشى ساق ۋاقتىدا دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغان كۆسەم سۇلتان، ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ھاكىمىيەت تىزگىنىنى قولىغا ئېلىۋالىدۇ.
غەربتە «ماۋى جامە» دەپ بىلىنىدىغان ئىستانبۇلدىكى مەشھۇر سۇلتان ئەھمەت جامەسىنى سالدۇرغان 1 – ئەھمەت 1617 – يىلى تۇيۇقسىز كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەندە 28 ياشتا ئىدى. كۆسەم سۇلتان ئەھمەتنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ھۆكۈمرانلىق كۈرىشىگە ئاتلىنىدۇ. ئۇنىڭ سۇلتان ئەھمەتنىڭ بىر باشقا ئايالدىن تۇغۇلغان ئەڭ چوڭ ئوغلى ئوسماننىڭ تەختكە چىقماسلىقى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى نەتىجە بېرىدۇ. ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن ئوسماننىڭ يېشىنىڭ كچىك ئىكەنلىكى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلىپ، تەختكە چىقىرىلمايدۇ. ئەسلىدە دادىسى ئاساسەن ئۇ ياشتا تەختكە چىققان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئورنىغا تاغىسى مۇستاپا ئوسمانلى تەختىگە چىقىدۇ. بىراق، «ساراڭ» لەقەملىك مۇستاپانىڭ ئۈچ ئايدىن كېيىن، تەختتىن ۋاز كېچىشى سەۋەبىدىن ئوسمان پادىشاھ بولىدۇ. «گەنچ ئوسمان» دېگەن لەقەم بىلەن ئاتىلىدىغان 2 – ئوسمان ئۇ ۋاقىتتا 14 ياشتا ئىدى. ئۇ يېشىغا باقماي ناھايىتى ياخشى يېتىشكەن بولۇپ، ئەرەبچە، فارسچە، لاتىنچە، گىرېكچە ۋە ئىتاليانچىنى بىر – بىرىگە ئۆرۈيەلەيدىغان شەكىلدە ياخشى بىلىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. ئۇ جەسۇر ۋە ئىسلاھاتچى ئىدى. ئۇ تەختكە چىقار – چىقمايلا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت مەسئۇللىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلايدۇ. ھەرەمدە چۆرىلەر بىلەن ئۆيلەنمەستىن، ئوردىنىڭ قائىدىلىرىنى بۇزۇپ، دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دىنىي خادىمى شەيخۇلئىسلام ئەسەت ئەپەندىنىڭ قىزىغا نىكاھلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كۆسەم ناھايىتى ئەنسىرەيدۇ. يەنى، ئوسمان ئۆلگەندە سەلتەنەت ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مىراس قالاتتى، بۇنداق بولغاندا كۆسەم «ۋالىدە سۇلتان» بولالمايتتى. گەنچ ئوسماننىڭ تەختتىن چۈشۈرۈلۈپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلتۈرۈلۈشىدە كۆسەم سۇلتاننىڭ قولى بار ئىدى. كۆسەم بۇ ۋەقە بىلەن ئوسمانلى تارىخىدىكى تۇنجى «پادىشاھ قاتىلى» بولۇپ قالىدۇ. كۆسەم پەقەت گەنچ ئوسماننى ئۆلتۈرۈش بىلەنلا قالمايدۇ. ھەتتا، كېيىنكى يىللاردا ئۆز ئوغلىنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. كۆسەم سۇلتان دەسلەپتە 12 ياشلىق ئوغلى 4 – مۇرات تەختكە چىققاندا سەلتەنەت نائىبى بولىدۇ ۋە سەككىز يىل ئىمپېراتورلۇقىنى باشقۇرىدۇ. بۇ جەرياندا، نۇرغۇنلىغان پاشالارنى نازارىتى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن بالا ياشتىكى قىزلىرى بىلەن ئۆيلەندۈرىدۇ. 4 – مۇرات 1632 – يىلى 21 ياشقا كىرىپ، ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىنمۇ تەسىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. 4 – مۇرات ئۆزىنى تەنقىد قىلغان شەيخۇلئىسلام ئاھىزادە ھۈسەيىن ئەپەندىنى ئانىسىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن دارغا ئاسىدۇ. بۇ تارىختا تۇنجى قېتىم بىر شەيخۇلئىسلامنىڭ دارغا ئېسىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تارىختا رەھىمسىزلىكى بىلەن تونۇلغان 4 – مۇرات ھاراق ئىچىش ۋە تاماكا چېكىشكە ئۆلۈم جازاسى بېرىش قانۇنىنى يولغا قويىدۇ. ئەمما، ئۆزى ھاراق ۋە تاماكىغا بېرىلىدۇ. پادىشاھ 4 – مۇرات جىگەر قېتىشىش كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
ئوغلى 4 – مۇراتنىڭ ئۆلۈمى بىلەن كۆسەمنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئىبراھىم تەختكە چىقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆسەمنىڭ نوپۇزى قايتىدىن مۇستەھكەملىنىدۇ. ئۇ ئوغلىنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىشلىرىدا ئاكتىپ رول ئويناشقا باشلايدۇ. ئاياللارغا ناھايىتى ئامراق بولغان ئىبراھىم ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاياللىرىنىڭ كۈشكۈرتۈشى ئاستىدا ئانىسىنى ئوردىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. پادىشاھ ئاياللىرىغا ئىمپېراتورلۇقنىڭ ئەڭ مۇنبەت زېمىنلىرىنى كىرىم مەنبەسى قىلىپ كېسىپ بېرىدۇ. تارىخچىلار بۇ دەۋردە ھەممىنىڭ مەرتىۋە ۋە كېلەچىكىنى پادىشاھ ئىبراھىمنىڭ ئاياللىرىدىن ئىزدەشكە باشلىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. كۆسەم سۇلتان ئوغلى ئىبراھىمدىن ئىنتىقامىنى ئالىدۇ. ئۇ 1648 – يىلى ئوغلىنى تەختتىن چۈشۈرۈپ، 10 كۈندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلۈشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىسيانچىلار پادىشاھ ئىبراھىمنىڭ ئوغلى، يەنى كۆسەم سۇلتاننىڭ نەۋرىسى 4 – مەھمەتنى تەختكە چىقىرىدۇ. 4 – مەھمەت ئۇ ۋاقىتتا يەتتە ياشتا بولغانلىقى ئۈچۈن ھاكىمىيەتنى كۆسەم سۇلتان قولىغا ئالىدۇ. بىراق، ئەنئەنىلەرگە ئاساسەن، كۆسەم كونا ئوردىغا كېتىشى، 4 – مەھمەتنىڭ ئانىسى تۇرخان سۇلتان «ۋالىدە سۇلتان» بولۇش سۈپىتىدە توپكاپى سارىيىدا قېلىشى كېرەك ئىدى. بۇ سەۋەبتىن، ئىككى تەرەپنىڭ ئاياللىرى ۋە ئادەملىرى ئارىسىدا بەزىدە مەخپىي، بەزىدە ئوچۇق توقۇنۇش باشلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، كۆسەم سۇلتان نەۋرىسى بالا پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپ، ئورنىغا كىچىك ئوغلى شاھزادە سۇلايماننى تەختكە چىقرىشنى پىلان قىلىدۇ. ئالدى بىلەن 4– مەھمەتنىڭ سۈننىتىدە قان يېتىشمەسلىكتىن ئۆلۈشى ئۈچۈن پىلان تۈزىدۇ. بۇ پىلان ئىشقا ئاشمىغاندىن كېيىن، بالا پادىشاھنى زەھەرلىك ئۇستىرا بىلەن چېچىنى ئېلىپ، ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. ئىشلەتكەن ئۇستىرانىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالغان ھەرەم ئاغىسى مىسىرغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. كۆسەم سۇلتان بۇنىڭلىق بىلەن نەۋرىسى 4 – مەھمەتنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىدىن ۋاز كەچمىگەن بولسىمۇ، ھەر قېتىمدا كېلىنى تۇرخان سۇلتاننىڭ تەدبىرلىرى ئاستىدا پادىشاھنىڭ ھاياتى قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئەڭ ئاخىرى 1651 – يىلى 9 – ئاينىڭ 3 – كۈنى تۇرخان سۇلتاننىڭ ئادەملىرى كۆسەم سۇلتاننى ھەرەمدىكى ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، ئۇنى بوغۇپ تاشلايدۇ. ئۇنىڭ مىيىتى يولدىشى 1 – ئەھمەتنىڭ سۇلتان ئەھمەت جامەسىدىكى قەبرىسىگە قويۇلىدۇ.
سەلتەنەتلىك 100 يىل فىلىمىنىڭ تارىخى ئەھۋالى14-بۈلۈم
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدە ھۆكۈمرانلىق ۋە ئاياللار مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان پىروفېسسور لېزلى پىغىرس، ۋالىدە سۇلتانلارنىڭ ئالدى بىلەن «پادىشاھنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە ئىشەنچلىك يېتەكلىگۈچىسى» بولۇپ، رول ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇ قوغداش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسى، پادىشاھ شاھزادە ۋاقتىدىلا باشلىناتتى. شاھزادىنىڭ رەقىپلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرى، ئۆزىنى قوغدايدىغان بىر گۇرۇھنىڭ بولۇشى ۋە ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان ئانىسى بىلەن ئانىسىنىڭ تەرەپدارلىرىغا باغلىق ئىدى. پادىشاھ ئانىلىرى ئوغۇللىرىنىڭ رەقىپ شاھزادىلەرگە قارشى مۇستەھكەم تۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەر قاچان ھوشىيار تۇراتتى. بولۇپمۇ 17 – ئەسىردە بالا ۋاقتىدىلا تەختكە چىققان پادىشاھلار دەۋرىدە ئانىلار ئوغۇللىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتە تەربىيەلىنىش يۈكىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۈستىگە ئالاتتى. بۇ نۇقتىدا، «ئۇلارنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالايدىغان ئىقتىدارى بارمىتى؟» دېگەن سوئال كىشىنىڭ ئەقلىگە كېلىدۇ. بۇ سوئالنىڭ جاۋابى مۇنداق: ھەرەمنىڭ يۇقىرى ئورۇنلىرىدىكى ئاياللار، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا كۆپ كۆرۈنمىگەن بىلەن سىياسىي ھاياتنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ئىدى. پادىشاھ ئاياللىرىنىڭ سىياسىي تەلىم – تەربىيە ئىشلىرى، ھەرەمدىكى باشقا ئاياللار تەرىپىدىن بېرىلەتتى. ۋالىدە سۇلتانلار بالا ياشتىكى ئوغۇللىرى تەختكە چىققاندا سەلتەنەت نائىبلىقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالاتتى؛ بۇنىڭ ئارقىسىدىن ياش پادىشاھلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇراتتى. ۋېنېدىكلىق نۇربانۇ سۇلتاننىڭ ئۆلۈم يېقىنلاپ كەلگەندە، ئوغلى 3 – مۇراتنىڭ يېتىم قالىدىغانلىقى، سەلتەنەت ئىشلىرىدا قوللايدىغان ياردەمچىسى ۋە مەسلىھەتچىسىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ، پەريات قىلىپ، يىغلاپ كەتكەنلىكى ئېيتىلىدۇ. كۆسەم سۇلتاننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھۆكۈمدار بولۇشقا ياخشى تەييارلىنىشى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغانلىقى كۆرۈلىدۇ. دەلى ئىبراھىم تەختكە چىققان ۋە تەربىيەلىنىشكە ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىتلاردا، تەجرىبىلىك دۆلەت ئەربابى كوچى بەيدىن ئوغلىغا نەسىھەت دۇردانىلىرى تەييارلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. كوچى بەي بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ كۆسەمنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئوغلى 4 – مۇراتقا دۆلەتنىڭ قانداق تەشكىللىنىدىغانلىقىغا ئائىت بىلىملەر بايان قىلىنغان مەكتۇپلارنى سۇنغان ئىدى. كۆسەم بۇ ئارقىلىق باشقا شاھزادىلەرگە ئوخشىمىغان ھالدا ئايماقلارغا ئەۋەتىلمەستىن، تەختكە چىققان ئوغۇللىرىنىڭ تەجرىبە كەمچىلىكىنى نەزىرىيەۋى بىلىملەر بىلەن تولۇقلاشنى ئۈمۈد قىلغان ئىدى. ۋالىدە سۇلتانلارنىڭ ئوغۇللىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى دۆلەت ئىشلىرىنى بەلگىلەشكىچە تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى، ھەممە بىلىدىغان ئەھۋال ئىدى. پادىشاھلارنىڭ ئانىلىرى، دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭ پادىشاھنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى ئۈچۈن قوللىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغان ۋە پايدىلىنىدىغان ئورگان ئىدى. مەسىلەن، يەمەن ۋالىيسى ئەسكەر يېتىشمەسلىكىدىن ئاغرىنىپ، پادىشاھتىن بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىگەندە، ۋالىدە سۇلتان سافىيەگە ئىلتىماس سۇنغان ئىدى.
ئوسمانلىنىڭ ۋالىدە سۇلتانلىرى، ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە خاندانلىقنىڭ بېشى ئىدى، شۇنداقلا خاندانلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەسئۇلىيىتى ئۇلاردا ئىدى. سىياسىي نوپۇز نەتىجە ئېتىبارى بىلەن پادىشاھقا ئامانەت قىلىنغان ئىدى. ئەمما، ۋالىدە سۇلتان ھەرەمنىڭ بېشى بولۇش سۈپىتىدە پادىشاھ ئائىلىسى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە ئىدى. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ۋالىدە سۇلتانلارنىڭ ھەرەمدىكى نوپۇزىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى كۆرۈلىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ۋالىدە سۇلتانلار خاندانلىقنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدا ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ھالقا شەكىللەندۈرۈپ ۋە كىشىنى قورقىتىدىغان تەھدىت ئوتتۇرىغا چىققاندا خاندانلىقنىڭ ئىزچىللىقىنى سىمۋوللاشتۇرۇپ، سۇلتان ئائىلىسىنىڭ ھەممىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھالغا كېلىدۇ. مەقسىتى خاندانلىقنىڭ يوقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەسئۇل بولغان ۋالىدە سۇلتانلار، بۇ ۋەزىپىنى ھەم شاھزادىلەرنىڭ تۇغۇلۇشىنى قوللاپ ھەمدە ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغان ھالدا ئورۇنلايتتى. ۋالىدە سۇلتانلارنىڭ بالا يۈزى كۆرمەي تۇرۇپ تەختكە چىققان تۇنجى پادىشاھ 1 – ئەھمەتتىن باشلاپ، ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىشلىرىنىڭ، ئوغۇللىرىنى دادا بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بالىلار ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىشلار تولا يۈز بېرىدىغان ئۇ ۋاقىتلاردا، پادىشاھنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ تۇغۇلۇشى ھەممىنى خۇشال قىلسىمۇ، بۇ يېتەرلىك بولمايتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم بىر قانچە ئوغلى بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، قىز پەرزەنتلەرمۇ ئۆيلىنىش يوللىرى بىلەن تەشكىل قىلىنىدىغان سىياسىي ئىتتىپاقلار سەۋەبلىك خاندانلىق ئۈچۈن كېرەكلىك، دەپ قارىلاتتى. پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلۈمىدە، ئوسمانلى تارىخىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ۋالىدە سۇلتانلاردىن كۆسەم سۇلتان ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. كۆسەمنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا «دەلى» لەقىمى بىلەن خاتىرىلىنىدىغان ئوغلى ئىبراھىم تەختكە چىققاندىن كېيىنكى دەسلەپكى ئىككى يىل خەتەرلىك يىللار ئىدى. چۈنكى روھىي كېسىلى بولغان ئىبراھىمنىڭ بالىسى بولمايتتى. ئۇنىڭغا تۇنجى چۆرىسى تۇرخاننى ئانىسى كۆسەم سۇلتان ھەدىيە قىلغان ئىدى. بىر پاشا تەرىپىدىن كۆسەم سۇلتانغا سوۋغا قىلىنغان تۇرخاننى، ئىبراھىمنىڭ ئاچىسى شەخسەن ئۆزى يېتىشتۈرگەن ئىدى. تۇرخاننىڭ ئوغلى مەھمەتنىڭ دۇنياغا كېلىشى، ئوردا ئىچىدە ۋە سىرتىدا خۇشاللىقلارغا ۋەسىلە بولغان ئىدى.
پادىشاھ ئىبراھىم 1648 – يىلى ئانىسى كۆسەم سۇلتانمۇ قول تىققان بىر سۈيىقەستنىڭ نەتىجىسىدە تەختتىن چۈشۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلگەندە ئوغلى 4 – مەھمەت يەتتە يېشىدا تەختكە چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىر نائىبقا ئىھتىياج بار ئىدى، ئەمما ئانىسى تۇرخان تېخى 23 – 22 ياشتا ئىدى. چوڭ ئانىسى كۆسەم سۇلتان بولسا، كۆپ تەجرىبىگە ئىگە ئىدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، «پادىشاھنىڭ شەپقەتلىك ئانىسى تېخى ياش ۋە دۇنيا ئەھۋالى مەسىلىسىدە ھەقىقەتەنمۇ مەلۇماتسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ دۆلەتنىڭ بېشىغا چىققاندا دۆلەت مەنپەئەتلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى» سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلىپ، «چوڭ ۋالىدە سۇلتانغا يەنە بىر مەزگىل تەربىيەلەش ۋە نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ بېرىلىشى» قارار قىلىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا، كۆسەم سۇلتان «ۋالىدەئى مۇئاززاما» بولۇپ خاندانلىققا ۋاكالىتەن ھۆكۈمەت ئىچىدىن ئورۇن ئالاتتى. باش ۋەزىر سوفو مەھمەت پاشا بىلەن ھوقۇق مەسىلىسىدە زىددىيەتلىشىپ قالغان كۆسەم سۇلتان، دۆلەتنىڭ ئالدىنقى قاتارلىرىدا تۇرىدىغان بارلىق دۆلەت ئەركانلىرى توپلاشقان قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدا، ئۆزى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ، نەۋرىسى كىچىك پادىشاھقا باش ۋەزىرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئورنىغا يەنىچەرى ئاغىسى قارا مۇرات پاشانى ۋەزىپىگە تەيىنلەتكۈزىدۇ. كۆسەم سۇلتان مۇراسىم ئەھلىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنى تەنقىد قىلغانلارنى جىمىقتۇرىدۇ. ۋەزىپىسىدىن ئېلىنغان باش ۋەزىرنىڭ قۇسۇرلىرىنى ساناپ تۈگەتكەندىن كېيىن: «بەزى پادىشاھ ئىرادىلىرى چىقىرىلغاندا، سۇلتانغا ‹ سىزگە بۇلارنى سۆزلەشنى كىم ئۆگەتتى؟› دېدى. پادىشاھلارغا مۇنداق چوڭچىلىق قىلىشقا رۇخسەت قىلغىلى بولمايدۇ. ھەم پادىشاھلارغا بۇلار ئۆگىتىلگەن بولسا نېمە بوپتۇ؟» دەيدۇ. ۋەزىپىدىن ئېلىنغان باش ۋەزىر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلىرى كىچىك ۋالىدە سۇلتاننىڭ، يەنى 4 – مۇراتنىڭ ئانىسى تۇرخان سۇلتاننىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، سەلتەنەت نائىبى بولۇشىنى قوللاشقا باشلايدۇ. يېڭى باش ۋەزىرمۇ بۇ گۇرۇپپىنى قوللايدۇ. كۆسەم سۇلتان بولسا، يەنىچەرى ئاغىلىرىغا تايىنىدۇ. ئۇ نەۋرىسى 4 – مۇراتنى يوقىتىش پىلانىنى تۈزۈپ، ئورنىغا 4 – مەھمەتنىڭ كىچىك ئىنىسى سۇلايماننى تەختكە چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ. چۈنكى سۇلايماننىڭ ئانىىسى دىلاشۇب، تۇرخاندىن خېلى بەكلا ياۋاش بولۇپ، ۋالىدە سۇلتانلىق نوپۇزىنى ئىشلىتىشكە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيتتى. ناھايىتى ئەپسۇس، تۇرخاننى قوللايدىغان گۇرۇپپا بىر كۈنى كېچىسى كۆسەمنىڭ ھۇجرىسىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ.
سەلتەنەتلىك 100 يىل فىلىمىنىڭ تارىخى ئەھۋالى15-بۈلۈم
بۇ بۆلۈمىدە، ئوسمانلى تارىخىدا «ئاياللار سەلتەنىتى» دەپ ئاتالغان دەۋرنىڭ ئاخىرلىشىشى ھەققىدە توختىلىمىز...
كىچىك ياشتا تەختكە چىققان ئوغۇللىرى 4 – مۇرات ۋە ئىبراھىم بىلەن نەۋرىسى 4 – مەھمەت سەلتەنەت سۈرگەن جەرياندا نائىبلىق قىلغان كۆسەم سۇلتاننى ئىلگىرىكى پىروگراممىلىرىمىزدا بايان قىلغان ئىدۇق. كۆسەم سۇلتاننىڭ كىچىك ياشتىكى پادىشاھ نەۋرىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئورنىغا ئانىسى ياۋاش يەنە بىر نەۋرىسىنى تەختكە چىقىرىش نىيىتى بار ئىدى. كۆسەم سۇلتاننىڭ نىيىتىنى بىلىۋالغان پادىشاھنىڭ ئانىسى تۇرخان سۇلتان كۆسەمنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى قوللىغان ئىدى. تارىخچىلار، تۇرخان سۇلتاننىڭ قىيىنۋالىدىسىنىڭ كۆسەم سۇلتاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە كۆز يۇمغانلىقىنى يازىدۇ. ئەمما، كۆسەم سۇلتان ئەتراپىدىكىلىرىنى قورقۇتقانغا ئوخشاش، ھۆرمەتكە ئېرىشكەن بىر سۇلتان ئىدى. خەلق ئوردا ئىچىدىكى ھىيلە – نەيرەڭلەرنى بىلمەيتتى. چوڭ ۋالىدە سۇلتاننىڭ جىنايەت ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغانلىقى خەۋىرى تارقىلىشى بىلەن ئىستانبۇلدا خەلق ئۈچ كۈن ماتەم تۇتۇپ، جامە ۋە بازارلارنى تاقايدۇ. كۆسەم سۇلتاننىڭ ئۆلۈمى سىياسىي كىرىزىسقا يول ئاچىدۇ. ئارقىدىن كېلىنى تۇرخان سۇلتان پادىشاھنىڭ نائىبلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئالدى بىلەن، كۆسەم سۇلتاننىڭ قوللىغۇچىلىرى تازىلىنىدۇ، كۆسەم سۇلتاننى قوللايدىغان يەنىچەرىلەر بىلەن ھۆكۈمەتنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان قوللىغۇچىلىرى ئۆلۈمگە بۇيرۇلىدۇ. بىراق، بۇ ئۆلۈم جازالىرى پەيدا قىلغان خاتىرجەمسىزلىكنى تىنجىتىش ئۈچۈن جازانى ئىجرا قىلغان باش ۋەزىر ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
پىروفېسسور لېزلى پىغرىس «ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىدا ھۆكۈمرانلىق ۋە ئاياللار» تېمىلىق كىتابىدا، كۆسەم سۇلتان بىلەن كېلىنى تۇرخان سۇلتان ئوتتۇرىسىدىكى ھاكىمىيەت كۈرىشىنىڭ، 17 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوسمانلى سىياسىي ھاياتىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى ۋالىدە سۇلتاننىڭ ھاكىمىيەت كۈرىشى، بىزنى ئوردا ئىچىدىكى سىياسىي بىلەن دۆلەت ھاكىمىيىتى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇرەككەپلىكى توغرىسىدا پىكىرگە ئىگە قىلىدۇ. ئەمما، ۋالىدە سۇلتاننىڭ پادىشاھنىڭ ۋاسىسى ۋە ۋەكىلى بولۇش رولى 17 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە قانچىلىك دەرىجىدە سىستېمىلاشقانلىقىنىڭ يەنە بىر بەلگىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ خاندانلىقنىڭ ۋەكىللىكىگە چوڭ ئەر ئەزا بولمىغان بۇ دەۋردە، ئىككى ۋالىدە سۇلتاننىڭ ئەۋلادلار ئارىسىدىكى رىقابەت، كېيىنچە تەختكە چىقىش مەسىلىسى بويىچە دادا بىلەن ئوغۇل ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان يىرىكچىلىكنىڭ بىر خىل داۋامىغا ئوخشاش كۆرۈنمەكتە.» پىروفېسسور لېزلى پىغرىس، تۇرخان سۇلتاننىڭ ۋالىدە سۇلتان بولۇشى بىلەن ئۆزىنى ھۆكۈمەتنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا كۆرگەنلىكىنى؛ بالا سۇلتانغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر ئادەمنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى، ئەمما سەلتەنەت نائىبلىقىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئوردا ئىچىدە ھەر دائىم باش ياردەمچىسى سۇلايمان ئاغا ۋە كىچىك پادىشاھنىڭ ئۇستازى خوجا رەيھان ئەپەندى بىلەن مەسلىھەتلەشكەنلىكىنى يازىدۇ. تۇرخان سۇلتان نائىب بولغان مەزگىلىدىكى مەكتۇپلارنى تەتقىق قىلغان پىروفېسسور پىغرىس، ئۇنىڭ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ، مەسلىھەتچىلەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەنلىكىنى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ تىزگىنىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتقانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. نەتىجىدە ئىمپېراتورلۇقنى ۋالىدە سۇلتان بىلەن باش ۋەزىر باشقۇرىدۇ. تۇرخان سۇلتاننىڭ ئۆرپ – ئادەت ۋە ئەدەب – ئەخلاققا قويغان تەلىپى يۇقىرى ئىدى. كېلىشىم ياكى قانۇنى مەسىلىلەردە توغرىلىقىغا ئىشىنەلمىگەندە، دەرھال بىلىدىغان كىشىلەردىن سورايتتى ياكى قانۇننامىلارنى ئاختۇراتتى. مەسىلەن، بىر قىرىم خانىنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك مەكتۇپتا باش ۋەزىرگە مۇنداق يازغان ئىدى: «ۋارىس ئۈچۈن بىر قىلىچ ۋە بىر كىيىم تەلەپ قىپسىز. ئاڭلىغىنىمغا قارىغاندا، ئادەت بولغان تاتار خانىنىڭ سۇلتانغا ھەدىيەلەر ئەۋەتكەنلىكى ئىكەن. بۇنداق ئىشنى ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغانلىقىم توغرا، ئەمما ئاڭلىغىنىم بۇ. سىز قانۇننامىلەرنى كۆرۈپ چىقىپ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئىش قىلىڭ.» تۇرخان سۇلتان خۇددىي ئۆلتۈرۈلۈشىدىن بۇرۇن قىيىنۋالىدىسىنىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش، نائىبلىق قىلىش جەريانىدا مۇھىم دۆلەت يىغىنلىرىدا پادىشاھ
ئوغلىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. تارىخچىلار بۇ خىل يىغىندىكى ئەھۋاللارنى مۇنداق بايان قىلىدۇ. بىر قېتىملىق يىغىندا ئانادولۇ قازى ئەسكەرلەرنىڭ بېشى مەسئۇد ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان بىر پىكىر ئۈچۈن 10 ياشلىق پادىشاھ پەردە ئارقىسىدا ئولتۇرغان ئانىسىدىن «نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىڭمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ۋالىدە سۇلتان: «توغرا دەۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. يەنە بىر كۈنى ئېچىلغان باشقا بىر يىغىندا تەجرىبىلىرى ۋە يېشىنىڭ چوڭلۇقىنى پەش قىلىپ، ئاپپاق ساقىلىنى ماختىغان گۈرجۈ مەھمەت پاشاغا قارىتىپ: «ئىنساپ قىلىڭ پاشا! ئىش ئاپپاق ساقال ياكى قارا ساقال مەسىلىسى ئەمەس. ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا. مەسئۇد ئەپەندى نېمە دېسە شۇنى قىلىڭ. ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاڭ، ھەممە ئىشنى ئۇنىڭ مەسلىھەتىگە سېلىڭ. سىزنى ئاگاھلاندۇرىمەن، ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە بويسۇنمايدىغان ئىشنى قىلماڭ» دەيدۇ. مەسئۇد ئەپەندى ئاساسىي كۈچلۈك بىر ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئىدى. تۇرخان سۇلتان نائىبلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ توققۇز ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، گۈرجۈ مەھمەت پاشانى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سىياسىي مەقسىتى ئۆزىنىڭكىگە دەل ئەكسىچە بولۇشقا باشلىغان كونا مەسلىھەتچىسى سۇلايمان ئاغانى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلايدۇ. تۇرخان سۇلتان بىرىنچىدىن، ئىبراھىمنىڭ ساراڭلىقى؛ ئىككىنچىدىن، پادىشاھنىڭ كىچىكلىكى سەۋەبىدىن ئاجىزلىشىپ كەتكەن مەركىزىي ھۆكۈمەتتىكى گۇرۇپپىلارنىڭ جېدەللىرىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان كۈچلۈك ۋە ئىقتىدارلىق بىر باش ۋەزىرنى ئىزدەيدۇ. ئۇ ئاخىرىدا كۆڭلىدىكىگە ئوخشاش بىرىنى تاپىدۇ. ۋالىدە سۇلتان بولۇش سۈپىتىدە سەلتەنەتنىڭ داۋام قىلىشىدا ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان تۇرخان سۇلتان، ئالتە ئايدىن كېيىن، ئەسلى ئالبان مىللىتىدىن بولغان كۆپرۈلۈ مەھمەت پاشانى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەپ، مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. ياشىنىپ قالغان كۆپرۈلۈ مەھمەت پاشا، باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ۋالىدە سۇلتانغا بىر قاتار شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرخان سۇلتاننىڭ ئوغلىنىڭ نائىبى بولۇپ قولىدا تۇتۇۋاتقان ھوقۇقلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى باش ۋەزىرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتىمۇ بار ئىدى. تۇرخان سۇلتان يېڭى باش ۋەزىرگە كۆرۈنۈشتە چەكسىز ھوقۇق بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭكىنىلا ئەمەس، ئوغلىنىڭ ھوقۇقلىرىغىمۇ چەك قويغان بولىدۇ. كۆپرۈلۈ مەھمەت پاشا بىلەن باشلانغان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەن دەۋردە، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىق ئىشقا ئاشىدۇ. كۆپرۈلۈ مەھمەت پاشانىڭ باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىنىشى بىلەن تەڭ تۇرخان سۇلتاننىڭ ۋالىدە سۇلتانلىق ۋەزىپىسىنىڭ مۇراسىم خاراكتېرلىك تەرەپلىرى ئالدىنقى پىلانغا چىقىشقا باشلايدۇ. يەنى تۇرخان سۇلتاننىڭ جامە سالدۇرۇش، چەشمە ياسىتىش، قەلئەلەرنى رېمونت قىلدۇرۇش قاتارلىق خەيرىلىك ئىشلارغا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجراتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
سەلتەنەتلىك 100 يىل فىلىمىنىڭ تارىخى ئەھۋالى16-بۈلۈم
بۇ بۆلۈمىدە، پادىشاھلارنىڭ قىزلىرى ھەققىدە توختىلىمىز...
ھەرەمنىڭ ئەركىن ئاياللىرى پەقەت پادىشاھنىڭ ئانىسى بىلەن قىزلىرى ئىدى. پادىشاھنىڭ ئانىلىرى دېدەك بولۇپ كىرگەن ئوردىدا، ئوغلى تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئەركىنلىككە ئېرىشىپ، ھەرەمنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورنىغا چىقاتتى. ۋالىدە سۇلتانلارنىڭ پەقەت ھەرەمدىلا ئەمەس، بەلكى دۆلەت ھاكىمىيىتىدىمۇ گېپى ئۆتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدۇق. پادىشاھ قىزلىرى ئەركىن بولسىمۇ، ھەرەمدىكى ھوقۇق تەرتىپلىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇندا ئەمەس ئىدى. ئەمما، ھەرەم ئىچىدە ھوقۇققا ئىگە ئەمەسلىكىنى ئۇلارغا ئەھمىيەت بېرىلمەيدىكەن، دەپ چۈشەنمەسلىك لازىم. مەلىكىلەر تۇغۇلۇشىدىن تارتىپ، ياتلىق قىلىنغىچە بولغان بارلىق ئىشلاردا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەتتى. ھەتتا، ئۆزلىرى ئۆيلەنگەندە نىكاھ قىلىش مەجبۇرىيىتى بولمىغان پادىشاھلار، قىزلىرىنى جەزمەن نىكاھ بىلەن ياتلىق قىلاتتى. پادىشاھ كۇيئوغلىغا باشقا خوتۇن ئېلىش مەسىلىسىدە چەكلىمە قوياتتى. تۆۋەندە پادىشاھلارنىڭ قىزلىرى ھەققىدە توختىلىشتىن بۇرۇن، قىزلارنىڭ تۇغۇلۇشىدىن باشلايمىز.
ئوسمانلىنىڭ مۇراسىم دەپتەرلىرى ۋە مۇراسىم پىروگراممىلىرى تەتقىق قىلىنغاندا، پادىشاھنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملارغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكلىرىنى، بۇ ئۇسۇل بىلەن ئىمپېراتورلۇقنىڭ دەبدەبىسى ۋە كۈچىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. پادىشاھنىڭ پەرزەنتلىرى دۇنياغا كەلگەندە زور چىقىملار قىلىناتتى. تۇغۇت ئۈچۈن ھەرەمدىكى چوڭ ئۆيلەردىن بىرى ئاجرىتىلاتتى. تۇغۇت ئۆيى ئالدى بىلەن بېزىلىپ، يېڭىلىناتتى. بۆشۈك مالزىمىلىرى قىممەتلىك ئۈنچە – مەرۋايىتلار بىلەن بېزىلەتتى. ئۆي ئىچى قىممەتلىك تاش قادالغان ۋە ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن رەختلەردىن تىكىلگەن پارقىراق كۆرپىلەر، ياستۇقلار، پەردىلەر بىلەن تولدۇرۇلاتتى. بوۋاقلار بۇ پارلاق ۋە رەڭگارەڭ قىممەتلىك تاشلار ھەمدە رەختلەرنىڭ ئارىسىدا دۇنياغا كۆزىنى ئاچاتتى. تۇغۇت ئۆيىنىڭ ئەڭ چىرايلىق زىننەتلەنگەن جايى ئانىسىنىڭ كارۋىتى ئەمەس، بوۋاقنىڭ بۆشۈكى ئىدى. بۈگۈن توپكاپى سارىيىنىڭ خەزىنىسىنى ئايلانغاندا، بۇ بۆشۈكلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۆشۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى ياپقۇچ بىلەن يوتقانلارمۇ قىممەتلىك تاشلار بىلەن بېزىلەتتى. بۆشۈكنىڭ باش تەرىپىگە ئىچىگە قۇرئان قويۇلغان، پارلاق ۋە ئۈنچە – مەرۋايىتلار قادالغان قۇرئان قۇتىسى بىلەن تاشلاردىن ياسالغان كۆز مۇنچاقلار قويۇلاتتى. تۇغۇت چىقىملىرى بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگەپ قالمايتتى. پادىشاھ كەلگۈسىدىكى ئانىغا تۇغۇتتىن بۇرۇن يىپەك رەختتىن تىكىلگەن كىيىم – كېچەكلەر ۋە نۇرغۇنلىغان جاۋاھىراتلار بېرەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ھەرەمدە ياشايدىغان ئاياللارغىمۇ تۇغۇت سەۋەبى بىلەن ھەر خىل رەختلەرنى سوۋغا قىلاتتى.
تۇغۇتقا ياردەم قىلىدىغان تۇغۇت دوختۇرى بىلەن سۈت ئانىسى بۇرۇنلا بەلگىلىنەتتى. تۇغۇت دوختۇرى بوۋاقنى ھەرەمدىكى چۆرىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن تۇغدۇراتتى. ئوردىدا سۇلتاننىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندا بوۋاق ئەركەك بولسا، ئۇنىڭ ھۆرمىتىگە بەش، قىز بولسا ئۈچ دانە قۇربانلىق قىلىناتتى. بۇ خۇشاللىنارلىق ئىشنى خەلققە جاكارلىماق ئۈچۈن توپكاپى سارىيىنىڭ دېڭىز ساھىلىدىكى توپلاردىن ئوغۇل بوۋاق ئۈچۈن يەتتە قېتىم، قىز بوۋاق ئۈچۈن ئۈچ قېتىم ئوق ئېتىلاتتى. توپ ئېتىش كۈندە بەش قېتىم تەكرارلىناتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، مەدداھلار ئىستانبۇلنىڭ كوچا – كويلىرى ۋە بازارلىرىدا پادىشاھنىڭ بالىسىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى ئېلان قىلاتتى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر پەقەت ئىستانبۇللۇقلارغىلا ئەمەس، بەلكى ئىمپېراتورلۇق خەلقىگە پەرمان بىلەن ئۇقتۇرۇلاتتى.
تۇغۇتتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىملاردىن بۇرۇن ئالاي ئۇسسۇلى ئوينىلاتتى. دەسلەپتە «ۋالىدە سۇلتان بۆشۈك ئالاي ئۇسسۇلى» ئوينىلاتتى. ۋالىدە سۇلتان ياسىتىپ ساقلاش ئۈچۈن كونا ئوردىغا ئەۋەتكەن ئالاھىدە بۆشۈك، بۆشۈك ياپقۇچ ۋە يوتقان قاتارلىق مالزىمىلەر ئاغالار تەرىپىدىن كونا سارايدىن ئېلىنىپ، توپكاپى سارىيىغا ئېلىپ كېلىنەتتى. بۇ مالزىمىلەر يول بويىدا قاتار – قاتار تىزىلغان خەلقنىڭ ئالقىش ۋە دۇئالىرى بىلەن باشتىن ئېگىز كۈتۈرۈلگەن ھالدا ئوردىغا يەتكۈزۈلەتتى. بۆشۈك ئوردا مەسئۇللىرىغا تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، مۇراسىمغا قاتناشقانلارغا سوۋغا بېرىلەتتى. مۇراسىمدىن بۇرۇن ئوينىلىدىغان ئۇسسۇللارنىڭ ئىچىدە باش ۋەزىرنىڭ «بۆشۈك ئالاي ئۇسسۇلى» مۇ بار ئىدى. بۇ ئۇسسۇل ۋالىدە سۇلتاننىڭكىدىن تېخىمۇ ھەشەمەتلىك بولاتتى. ئىشتىراكچىلارنىڭ سانىمۇ ناھايىتى كۆپ بولاتتى. بۇ مۇراسىم تۇغۇتنىڭ ئالتىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلەتتى ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى يۇقىرى پەللىگە چىقاتتى. باش ۋەزىر سۇلتانغا قىممەتلىك تاشلار بىلەن بېزەلگەن بۆشۈك ياسىتاتتى، يوتقان ۋە بۆشۈك ياپقۇچلىرىنى تىككۈزەتتى. ئوردىنىڭ بارابان ئەترىتى چالغان مارشلار ۋە ئوقۇغان ئىلاھىي ناخشىلارنىڭ تەڭكەشلىكىدە ماڭغان باش ۋەزىرنىڭ بۆشۈك ئالاي ئۇسسۇل گۇرۇپپىسى، يىراقتىن قارىغاندا ھەرىكەتلىنىۋاتقان گۈل باغچىسىنى ئەسكە سالاتتى. باشقا ئارتىلغان ياغلىقلار، بەدەن قىسمىدىكى رەڭلىك تون ۋە پەلتولار، پۇتقا كىيگەن ھەر خىل رەڭلىك ئاياغلاردىن باشقا، نۇرغۇن ئەمگەك سىڭدۈرۈلۈپ شەكىللەندۈرۈلگەن گۈل باغچىلىرى ۋە شېكەر قۇتۇلىرى بۇ سەھنىنى تېخىمۇ رەڭدار تۈسكە ئىگە قىلاتتى. ئالاي يۈرۈشىدىن كېيىن، بۆشۈك، يوتقان ۋە بۆشۈك ياپقۇچ مۇراسىم ئارقىلىق ئوردا مەسئۇللىرىغا تاپشۇرۇلاتتى، ئارقىدىن ھەرەمگە ئېلىپ كېلىنەتتى. ھەرەم ئاياللىرى ۋە بۇ مۇراسىم مۇناسىۋىتى بىلەن ھەرەمگە تەكلىپ قىلىنغان باشقا ئاياللار تۇغۇت ئۆيىدە باش ۋەزىرنىڭ بۆشۈك ئەترىتىنى كۈتۈۋالاتتى. ئۆينىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە ۋالىدە سۇلتان بىر سىقىم ئالتۇن چاچاتتى، بۇنى باشقا ئاياللار قىزىقىپ كۆرەتتى. تۇغۇت ئانىسى دۇئا قىلغان ھالدا بوۋاقنى بۆشۈككە قويۇپ ئۈچ قېتىم تەۋرەتكەندىن كېيىن قۇچىقىغا ئالاتتى. ئارقىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئاياللار ئېلىپ كەلگەن قىممەتلىك تاشلار بىلەن رەختلەرنى بۆشۈكنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قوياتتى. بۇ سوۋغىلارنىڭ ھەممىسى تۇغۇت ئانىسىغا تەئەللۇق بولاتتى. مۇراسىمدىن كېيىن، ئوردىغا تەكلىپ قىلىنغان ئاياللار ئۈچ كۈن ئوردىدا مېھمان قىلىناتتى. كېچە - كۈندۈز چۆرىلەرنىڭ ناخشا – سازلىرى ۋە ئۇسسۇللىرىدىن كۆڭۈل ئاچاتتى. ئۇلار ھەرەمدىن ئايرىلغاندا قىممەتلىك رەختلەر سوۋغا قىلىناتتى.
پادىشاھنىڭ بالىسىنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقانلىقى، پايتەختتە ھەممە يەر چىراغ بىلەن يورۇتۇلۇپ، ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەشەمەتلىك تەبرىكلىنەتتى. ھەرەمنىڭ ئىچى ۋە سىرتى پانۇس، ھەر خىل چىراغ ۋە قەندىللەر بىلەن بېزىلەتتى. مەسىلەن، 18 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 3 – مۇستاپانىڭ قىزى ھىبەتۇللاھ سۇلتان تۇغۇلغاندا كىشىنى سېھىرلەيدىغان جامە مودېلى ياسالغان ۋە ئىچىگە رەڭلىك قەندىللەر تىزىلىپ، توپكاپى سارىيىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئىدى. ئەتراپىدىكى دەرەخلەرگە بولسا، رەڭلىك پانۇسلار ئېسىلغان ئىدى. بۇنى ئىستانبۇل خەلقى ھەيرانلىق ئىچىدە تاماشا قىلغان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئوردا ۋە ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇھىم كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرى، ھارۋىلىرى قەندىللەر بىلەن بېزىلەتتى. ئەڭ كۆپ ۋە ھەممىدىن كۆركەم قىلىپ بېزەلگەن ئۆيگە قاراپ ئىگىسىنىڭ يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولاتتى. ئائىلىلەر ئۆيلىرىنى بېزەشتە بىر – بىرى بىلەن بەسلىشەتتى. پادىشاھ بالىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئىستانبۇل خەلقىنىڭ كۆڭۈل ئېچىشىغا ۋەسىلە بولاتتى. شەھەردە بارابان ئەترىتى مۇزىكا چالاتتى، پالىۋانلار چېلىشاتتى، خەلق جانبازلار ماھارەت كۆرسەتكەندە پانۇس، رەڭلىك چىراغلارنىڭ يورۇقىدا تاماشا قىلاتتى. بۇ خىل پائالىيەتلەر بەزىدە بەش كۈن، بەزىدە يەتتە كۈن داۋاملىشاتتى. دۆلەت مالىيەسىگە ئېغىر بەدەللەرنى ئېلىپ كېلىدىغان سۇلتانلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە كۆڭۈل ئاچقان خەلق، بۇ پائالىيەتتىن كېيىن پادىشاھنىڭ يەنە بىر بالىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتەتتى.
سەلتەنەتلىك 100 يىل فىلىمىنىڭ تارىخى ئەھۋالى17-بۈلۈم
بۇ بۆلۈمىدە، مەلىكىلەر ھەققىدىكى بايانلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمز...
دۇنياغا كۆز ئاچقانلىقى تەنتەنىلىك تەبرىكلىنىدىغان مەلىكىلەر، يەنى سۇلتانلار تۇغۇلا – تۇغۇلمايلا ئۇلارغا ئايرىم بىر ئۆي ئاجرىتىلاتتى. خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن بالا باققۇچى، سۈت ئانىسى، كالفا، تەجرىبىلىك چۆرىلەر بېرىلەتتى. بوۋاقنىڭ ئانىسى، بالا باققۇچىسى ۋە كالفاسى تەلىم – تەربىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. بوۋاقنىڭ ئايىغى چىقىشقا باشلىغاندىن كېيىن، كالفاسى ياكى باققۇچىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۆزى بىلەن تەڭ دىمەتلىك بالىلار بىلەن ئوينايتتى، باغچىلارغا باراتتى. سۇلتانلارنىڭ يېنىدا كالفاسى ياكى باققۇچىسى بولمىغاندا، سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايتتى. كېلەچەكتە ھەرەم ئاغىلىرى بولۇپ، ھەرەمنى باشقۇرىدىغان قارا تەنلىك ئوغۇل بالىلارمۇ بىللە ئوينايتتى. پادىشاھ پەرزەنتلىرى پەقەت پادىشاھ پەرزەنتلىرى بىلەنلا بىللە ئوينايدۇ، دەيدىغان چەكلىمە يوق ئىدى.
پادىشاھنىڭ قىزى ئوقۇش يېشىغا كېلىپ، دەرس باشلىنىدىغان ۋاقىتتا، پادىشاھنىڭ پەرمانى بىلەن ئوقۇتقۇچى بەلگىلىنەتتى. دەرسلەر بولسا، مۇراسىم بىلەن باشلىناتتى. پادىشاھمۇ مەلىكىنىڭ دەرس باشلاش مۇراسىملىرىغا ئاساسەن دېگۈدەك ئىشتىراك قىلاتتى. پادىشاھ ئالدى بىلەن، مەلىكىگە بىر ئېلىپبە، بىر دانە ئوقۇش قوللانمىسى ھەدىيە قىلاتتى. بۇلاردىن باشقا، بىر يۈرۈش ئوقۇش قوراللىرىمۇ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوقۇش قوللانمىلىرىنى قويىدىغان ئۈنچە – مەرۋايىتلار ۋە قىممەتلىك تاشلار قادالغان بىر سومكا، ئۈستىگە كىتابلارنى قويۇپ ئوقۇيدىغان بىر دانە رەھلە، كۈمۈش يىپلار بىلەن توقۇلغان رەھلە ياپقۇچ، بەش ئالماسلىق گۇلاپكا، ئۈنچە – مەرۋايىت ۋە ئالتۇن – كۈمۈشلەردىن ھەل بېرىلگەن رەختلەردىن تىكىلگەن قىزلار كىيىمى، باش كىيىمى ۋە بوغچىلار بولاتتى.
بۈگۈن توپكاپى سارىيىنىڭ خەزىنىسىدە پادىشاھ پەرزەنتلىرىنىڭ رەھلەلىرى ۋە سومكىلىرىنىڭ بىر قىسىمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
توپكاپى سارىيىدا دەرسلەر شاھزادىلەر دەرسخانىسىدا بېرىلەتتى. ئىمپېرىيە ئوردىسى 19 – ئەسىردە تارىخىي يېرىم ئارالغا جايلاشقان توپكاپى سارىيىدىن بوغۇزدىكى بەشىكتاشقا جايلاشقان يۇلتۇز ئوردىسىغا كۆچكەندىن كېيىن، پادىشاھنىڭ مەلىكىلىرى بىلەن شاھزادىلەرنىڭ مەكتەپلىرى ئايرىۋېتىلدى. ھەممە بالىلارنىڭ ئوقۇش باشلىشى كىچىكىرەك مۇراسىم بىلەن تەبرىكلەنگەندىن باشقا، ئوقۇش يىلى باشلانغاندىمۇ بالىلار مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ مەكتەپكە ئەۋەتىلەتتى.
19– ئەسىرنىڭ ئاخىرى پادىشاھ 2 – ئابدۇلھەمىتنىڭ قىزى ئايشە سۇلتان بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «پۈتۈن ئوردا خەلقى ھەرەم دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا بىزنى ئۇزىتاتتى. ئۇلار ‹ئاللاھ سىلەرنىڭ زېھنىڭلارنى ئوچۇق قىلسۇن› دەيتتى. ئوردىنىڭ ئەرلەرگە تەۋە قىسمىدا تۇرىدىغان ئاغالار ۋە خىزمەتچىلەرمۇ بۇ دۇئانى تەكرارلايتتى.»
ئوسمانلى پادىشاھى ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە خەلىپە بولغانلىقى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمنى توغرا ئوقۇشنى ئۆگىنىشىگە ئالاھىدە ئەھميەت بېرىلەتتى. پادىشاھ مەلىكىلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشنى ئۆگىنىشى شەرەپلىك ئىش ھېسابلىناتتى ۋە بۇ مۇراسىم بىلەن تەبرىكلىنەتتى. قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشتىن باشقا، ئوقۇش – يېزىش، ئارخېمىتىكا، تارىخ، جۇغراپىيە دەرسلىرى ئوقۇتۇلاتتى. 19 – ئەسىرگە كەلگەندە بۇ خىل دەرسلىك پىروگراممىلىرىغا غەربنىڭ مۇزىكا چالغۇلىرى، بولۇپمۇ پىيانىنو دەرسلىرى ۋە فىرانسۇز تىلى دەرسلىكلىرى كىرگۈزۈلدى... 15 – ۋە 19 – ئەسىرلەر ئارىسىدا مەلىكىلەر يازغان مەكتۇپلار تەتقىق قىلىنغاندا، قول پوچۇركىلىرىنىڭ ھەمدە بايانلىرىنىڭ راۋان بولغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ ياخشى مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەنلىكىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. مەلىكىلەرنىڭ مەكتۇپلىرىغا ۋە ئۆزلىرىگە ئائىت قەغەزلەرگە تۆت بۇرجەكلىك مۆھۈر باسقانلىقلىرىنى كۆرىمىز.
مەلىكىلەر بالاغەتكە يەتكەندە بېشىغا رومال ئارتاتتى، سىرتقا چىققاندا بولسا، ئۇزۇن كىيىملەرنى كىيەتتى. ياتلىق قىلىنىش ۋاقتى 14 ياش بىلەن 16 ياش ئارىسىدا بولاتتى. بىراق، 17 – ئەسىرگە كەلگەندە ئۆيلىنىش يېشى كىچىكلىتىلدى. بۇ يولنى 1 – ئەھمەتنىڭ ئايالى، يەنى ئۈچ پادىشاھقا نائىبلىق قىلغان ۋالىدە كۆسەم سۇلتان ئاچتى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدە بىرىنى پادىشاھ قىزى بىلەن ئۆيلەندۈرۈش، ئۇنىڭغا قىلىنىدىغان چوڭ ئىلتىپاتنىڭ بىر ئۇسۇلى ئىدى. ئوردىدا كۇيىئوغۇل بولۇش، بىر تەرەپتىن شۇ كىشىنىڭ سالاھىيىتىنى ۋە نوپۇزىنى ئۆستۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنى پادىشاھقا ۋە پادىشاھ ئائىلىسىنىڭ ھەممىسىگە كۈچلۈك ساداقەت ۋە بۇرچلۇق ھېس قىلىش تۇيغۇسى بىلەن باغلايتتى. كۆسەم سۇلتان، ھاكىمىيەت تىزگىنىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇش، ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قىزلىرى ۋە نەۋرىلىرىنى كىچىك ۋاقتىدىلا دەۋرنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلىرى ۋە كۈچلۈك پاشالىرى بىلەن ئۆيلەندۈردى. ئوغلى ئىبراھىمنىڭ قىزلىرى گۆھەر سۇلتان ياتلىق قىلىنغاندا ئۈچ، بەيھان سۇلتان بولسا ئىككى ياشتا ئىدى. 17 – ئەسىردە باشلانغان بوۋاق ياشتا نىكاھلىنىش ئىشلىرى 2 – مەھمۇتنىڭ دەۋرىگىچە داۋاملاشتى. 2 – مەھمۇت بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىپ، بۇرۇنقىدەك بالاغەتكە يېتىش شەرتىنى قايتىدىن كۈچكە ئىگە قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئوسمانلى تارىخىدا ياشانغاندىن كېيىنمۇ ئۆيلەنگەن پادىشاھ قىزلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. نىكاھ ئىشلىرىدا بۇنداق كېچىكىپ قىلشنىڭ سەۋەبلىرى، دادىلىرىنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى، كېسەللىك، دادىسى تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلمەسلىك، ھەتتا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشلار ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. يولدىشىنى ياقتۇرمىغان ياكى ئۇنىڭ بىلەن چىقىشالمىغان سۇلتانلار پادىشاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئاجرىشالايتتى. پادىشاھ كۇيىئوغلىدىن خاپا بولغاندىمۇ كۇيىئوغۇللۇق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىيالايتتى. ئەمما، مەلىكە بىلەن ئۆيلىنىپ، پادىشاھقا كۇيىئوغۇل بولغان كىشىنىڭ سۇلتاندىن ئاجرىشىش ھوقۇقى يوق ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، باشقا ئاياللار بىلەن ئۆيلىنەلمەيتتى، ھەتتا چۆرىلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەت ئورنىتالمايتتى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆيلەنگەن بولسا، مەلىكە بىلەن ئۆيلەنگەندىن كېيىن، كونا ئايالىنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر ئىدى. تارىخىي ھۆججەتلەر، مەلىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بۇنىڭدىكى بىرىنچى سەۋەب، ياشتا ئۆزىدىن خېلىلا چوڭ پاشالار بىلەن ئۆيلەنگەنلىكى بولسا؛ ئىككىنچى سەۋەب، يولدىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، قايتىدىن ئۆيلەنگەنلىكىدۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ – تۆت قېتىم، ھەتتا 12 قېتىم ئۆيلەنگەن سۇلتانلارمۇ ئۇچرايدۇ.
بىلىنگىنىدەك، پادىشاھ مەلىكىلىرى ئوسمانلى جەمئىيىتىدە ھېچقانداق ئايالغا نىسىپ بولمايدىغان، ئەرلىرىدىن مۇتلەق ئۈستۈن نوپۇزغا ئىگە بولاتتى. بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنىڭ تەسىرى بار ئىدى: پادىشاھلار ئوسمانلىنىڭ قۇرۇلۇش يىللىرى ۋە كېيىنكى يىللاردا قۇللار، يەنى ئوردىغا سېتىپ بېرىلگەن چۆرىلەر ياكى سوۋغا قىلىنغان ئاياللار بىلەن ئۆيلەنگەن بولسا، پادىشاھ مەلىكىلىرىمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئەر قۇللار بىلەن ئۆيلىنەتتى. ئوسمان ئىمپېرىيەسى، ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلغان زېمىنلاردا ئۆزىدىن باشقا خاندانلىقنىڭ بولۇشىغا يول قويمىغان ئىدى. دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورنىدىن ئەڭ تۆۋىنىگىچە بولغان بارلىق قاتلاملاردا دۆلەتكە ۋە پادىشاھقا سادىق بولۇش ئۈچۈن يېتىشتۈرۈلگەن دەشىرمەلەر، يەنى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، «قۇل» لار ئورۇن ئالاتتى. بۇ «قۇل» لۇق غەرب جەمئىيىتىدىكى قۇللۇق چۈشەنچىسىدىن پەرقلىق ئىدى. دېمىسىمۇ، بۇ يەردە ئىستېمال قىلىنغان سۆز، «قۇل» دېگەن سۆز ئەمەس ئىدى. ھەممە پادىشاھنىڭ قۇلى ئىدى، ئەمما «قۇل» سۆزىنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ قارشىسىدىكى بەلگىلەنگەن ئورنىنى بىلدۈرىدىغان مەنىسىمۇ بار ئىدى. يەنى، پادىشاھ ئاللاھنىڭ خەلىپىسى ئىدى.