ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

پىچان قۇملۇقىدا بۇلتۇر ئۆلگەن قىزنىڭ جەسىتى بايقالدى

ۋاقتى : 2014-02-07  مەنبەسى : سىچۈەن لىنىيىسى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

ee09d1be-717b-452a-95fa-a4364a46e0a4.jpg

سىچۈەن لىنىيىسىنىڭ 7-فېۋرالدىكى خەۋىرى (ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى): 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، مىكروبلوگدا «ئۇ كىم؟ تۇغقانلىرى قەيەردە؟» دېگەن ئۇچۇرنى تورداشلار كۆپلەپ تارقاتتى. بۇ مىكرو بلوگنىڭ دېيىشىچە، 2-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتە، موتسكىلىت ھەۋەسكارلىرى پىچان ناھىيىسىنىڭ قۇمتاغدا بىر قىزنىڭ جەسىتىنى بايقىغان. ئۆلگۈچى ھال رەڭ كىيىم، پادىچىلار ئىشتىنى كىيۋالغان، سېرىق رەڭلىك سومكا يۈدۈۋالغان ئىدى، ئۆلگەندە بېشى شەرققە پۇتى غەربكە قارىغان، نۆۋەتە سالايىھىتى تېخى بېكىتىلمىگەن. نۆۋەتتە پىچان ناھىيىتىلىك جىنايى ئىشلار ساقچى ئەترىتى دەسلەپكى قەدەمدە قىزنىڭ ئۆلگەن ۋاقتى 2013-يىلى 11-ئاي ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈش سەۋەبىنىڭ يەنىلا تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۆلگەن قىزنىڭ سومكىسىدا يانفون ۋە كىملىك قاتارلىق ماتېرىياللارنى بايقىمىغان بولغاچقا، سالايىھىتىنى دەلىللەشكە ئامال بولمىغان.

تورداشلار ئۇنىڭ ئۆلىمىگە گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. قىزنىڭ جەسىتى بايقالغان قۇملۇق ساياھەت رايونى بولۇپ، ئېزىپ قېلىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى كىچىك ئىكەن. تورداشلار قىزنى باشقىلار ئۆلتۈرگەن دەپ قارىغان.

2-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر پىچان ناھىيىلىك جىنايى ئىشلار ساقچى ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، دەسلەپكى جەسەت تەكشۈرۈشتە قىزنىڭ تېمىنىدا كۆرۈنەرلىك سىرتقى جاراھەت بايقىمىغانلىقىنى، داۋاملىق تەكشۈرۈدىغانلىقىنى ئېيتقان. ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى مۇخبىرغا جەسەت بايقالغان قۇملۇقنىڭ ساياھەت رايونىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، ھەر يىلى بىر قىسىم تاسادىپىيلىقلار يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. نۆۋەتتە، قىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقمىغان، دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ.

ئەترەت باشلىقى تونۇشتۇرۇپ:«ئۇنىڭ سومكىسىدىن پەقەت بىر قىسىم كىيىم-كېچەك بايقالدى، يانفون يوق، سالايىھەت ئۇچۇرىمۇ يوق. نۆۋەتتە جەسەتنى تونۇيدىغان ئۇچۇرمۇ يوق، ئەينى چاغدا ھاۋا سوغۇق، تېمپراتۇرا نىسبەتەن تۆۋەن، جەسەت مۇزلاپ قالغان، ئەمما يۈزىنى ئېنىق كۆرەلمىدىم. يەرلىك ياكى باشقا جايلىق ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالمىدىم» دېدى.

ئەترەت باشلىقىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قىزنىڭ جەسىتى بايقالغان جايدىن تەخمىنەن 3-5 كىلومېتىر ئەتراپىدا يېمەكلىك، سۇ تاپقىلى بولىدىكەن. ئۇ ئەگەر ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر بولسا، پىچان ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ياكى پىچان ناھىيىلىك جىنايى ئىشلار ساقچى ئەترىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تېپىۋېلىشىغا ياردەم بېرىشىنى ئەسكەرتتى.

پىچان ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تېلېفون نومۇرى: 0995-8367012

پىچان ناھىيىلىك جىنايى ئىشلار ساقچى ئەترىتىنىڭ تېلېفون نومۇرى: 0995-8367092

 

مەنبە: سىچۈەن لىنىيىسى تورى، ئانا تۇپراق تورى تەرجىمە قىلدى.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا