شىنخۇا تورىنىڭ 5-فېۋرالدىكى خەۋىرى (ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى): پاكىستان ھۆكۈمىتى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستان تالىبانلىرى بىلەن 2-ئايدا ئەسلىدە ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزمەكچى بولغان سۆھبەتنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. پاكىستان ھۆكۈمىتى تالىبان ھەيئىتىنىڭ سۆھبەتكە قاتنىشىدىغان ئادەم سانىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
پاكىستان باش مىنىستىرى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى سۆز قىلىپ، 4 كىشىلىك ھۆكۈمەت سۆھبەت ھەيئىتى قۇرۇپ، پاكىستان تالىبانلىرى بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. پاكىستان تالىبانلىرى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى سۆز قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ سۆزلىشىش تەلىپىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە 5 نەپەر دىنىي ۋە سىياسىي رەھبەردىن تەشكىللەنگەن ھەيئەتنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇفتىسى ۋە ھەققانىيەت ھەرىكىتى پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئىمران خان سۆھبەتكە قاتنىشىشنى رەت قىلدى.
تالىبان ھەيئىتىنىڭ مەسئۇلى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەھبىرى سەمى شۇ ھۆكۈمەت ھەيئىتى بىلەن بولغان سۆھبەتكە قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە پاكىستاننىڭ قالغان 3 نەپەر ھەيئەت ئەزاسىنىڭ تولۇق ۋەكىللىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئېيتتى.
ھۆكۈمەت سۆھبەت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ئىرفان سىدىقى ھۆكۈمەتنىڭ سۆزلىشىش رەسىمىي باشلىنىشتىن ئىلگىرى ھەقىقىي مۇددىئانى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.