2014-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى، تەيۋەن " ئىككى قىرغاق مۇلازىمەت سودىسى كېلىشىمى" گە قارشى ئۆكتىچىلەر تەيۋەن مەمۇرىي مەھكىمىسىگە بۆسۈپ كىرىپ "مەمۇرىي مەھكىمىنى ئىشغال قىلىۋالغان بولۇپ، نۆۋەتتە مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ئالدىغا 10 مىڭغا يېقىن كىشىلەر توپلىشىۋالغان. تەيۋەن ساقچى دائىرلىرى 2500 نەپەر ساقچىنى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن بولۇپ، ساقچىلار يۇقىرى بېسىملىق سۇ ماشىنىسى ئارقىلىق نامايىشچىلارنى كونترول چېكىندۈرمەكچى بولغان.
تەيۋەن ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچى تەرەپ ئەڭ ئاۋۋال "مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى بېيپىڭ شەرقىي يولى، تيەنجىن كوچىسى تەرەپتىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرماقچى بولغان بولۇپ، تارقاقلاشتۇرۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈزبەرگەن بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەر يارلانغان.
تەيۋەن جۇڭتىيەن ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا تەيۋەن ئىچكىي قىسىم ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا "ئىككى قىرغاق مۇلازىمەت سودىسى كېلىشىمى" گە قارشى تۇرۇش دولقۇنى ئەۋج ئالغان بولۇپ، 23-مارت سائەت 7 دىن 40 مىنوت ئۆتكەندە "قانۇن چىقىرىش مەھكىمىسى" سىرتىدا ئوقۇغۇچىلار توپلۇشۇپ، تەيۋەن مەمۇرىي مەھكىمىسىگە باستۇرۇپ كىرگەن، ھەمدە "ئىككى قىرغاق مۇلازىمەت سودىسى كېلىشىمى" ئەمەلدىن قالدۇرايلى، "جىياڭيىخۇا تەخىتتىن چۈشسۇن" قاتارلىق شۇئارلارنى توۋلىغان. نۆۋەتتە توقۇنۇش يەنىلا كەسكىن داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ساقچى تەرەپمۇ كۈچىنىڭ بارىچە ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.