پەن-تېخنىكا تورى خەۋىرى: بىز ياشاۋاتقان دۇنيادا ھەرخىل رادىئاتسىيەلەر بار، چوڭ جەھەتتىن ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ: يادرو رادىئاتسىيەسى ۋە ئېلېكترماگنىت رادىئاتسىيەسى. كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدا يادرو رادىئاتسىيەسىگە ئۇچرىمايمىز. ئېلېكترماگنىت رادىئاتسىيەسى ئېلېكترماگنىت دولقۇنىنىڭ رادىئاسىيەسى بولۇپ، تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچرايدۇ، تۇرمۇشىمىزدىكى ئوتتۇرا، تۆۋەن سىجىللىقتىكى ئېلېكترماگنىت دولقۇقىنىنىڭ رادىئاتسىيەسى سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزمەيدۇ.
Wi-Fi بولسا سىمسىز ئەينەنلىك تېخنىكىسى Wireless Fidelity نىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى. Wi-Fi ئەمەلىيەتتە بىر كىچىك قىسمەن تور، ئاساسلىقى سانلىق مەلۇمات ئۇزىتىدۇ. سىمسىز ئەسلىھە بولۇش سۈپىتى بىلەن، Wi-Fi تارقاتقۇچقا ئىگە، ھەقىقەتەن ئەتراپتىكى مۇھىتقا رادىئاتسىيە قويۇپ بېرىدۇ.
Wi-Fi نىڭ رادىئاتسىيەسى ئېلېكترماگنىت رادىئاتسىيەسىگە تەۋە، ئېلېكترماگنىت دولقۇنىنىڭ دولقۇن بۆلىكى 2.4GHz دىن 5GHz غىچە، يانفوندا ئىشلىتىدىغان رادىئو چاستوتىسى دولقۇنى بۆلىكى بىلەن نىسبەتەن ئوخشاپ كېتىدۇ، ئاساسلىقى ئادەم تېنى توقۇلمىسىغا بولغان قىزدۇرۇش رولى سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، نىسبەتەن چوڭ كۈچىنىشى بولغاندا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئىلىم-پەن ساھەسى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بۇ رادىئاتسىيەگە بولغان ئاساسىي قارىشى يەنىلا:«نۆۋەتتە ئاجىز رادىئو چاستوتىسى سىگنالى ئادەم ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچىلىك ئىسپات يوق» دىن ئىبارەت.
ئىككىنچىدىن، Wi-Fi رادىئاتسىيەسى چوڭ-كىچىكلىكى ئاساسلىقى سىگنالنىڭ قۇۋۋىتىگە باغلىق، سىمسىز تور بۆلگۈچتىكى كەڭ بەلباغلىق تور بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. كەڭ بەلباغلىق تور سىزنىڭ ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە ئىپادىلىگەن ئۇچۇر مىقدارىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە باراۋەر، قۇۋۋىتى سىز سۆزلىگەندىكى ئاۋازنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن باراۋەر. WiFi سىگنالى قۇۋۋىتى چوڭ ئەمەس، دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان سىمسىز تور بۆلگۈچنىڭ خىزمەت قۇۋۋىتى 30-500 مىللىۋات ئارىسىدا، ئادەتتىكى يانفون قۇۋۋىتىدىن (تەخمىنەن 125-2 مىللىۋات) كىچىك.
بۇنىڭدىن سىرت، رادىئاتسىيەنىڭ كۈچىنىشى ۋە ئارىلىقى تەتۈر نىسبەت تۈزەيدۇ. ئېلېكترماگنىت رادىئاتسىيەسى پەقەتلا ئادەم تېنىنىڭ تېرىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، پەقەت بەدەننى تەككۈزمىسەكلا، پەيدا قىلغان رادىئاتسىيەسىنى ھېسابقا ئالمىساقمۇ بولىدۇ. يانفونغا سېلىشتۇرغاندا، سىمسىز تور بۆلگۈچ قاتارلىق WiFi ئەسلىھەلىرى بىلەن ئىشلەتكۈچىنىڭ ئارىلىقى كۆپ يىراق، بېتوننى تېشىپ ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى دېمىسەكمۇ بولىدۇ، بۇ چاغدا رادىئاتسىيە قىممىتى پەقەت دۆلەت چەكلىمە قىممىتىنىڭ ئوندىن بىرىگە، ھەتتا نەچچە ئوندىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە تۇرمىشىمىزدا رادىئاتسىيە ھەممە يەردە بار، WiFi دىن سىرت تېلېۋىزور، مىكرودولقۇنلۇق ئوچاق، باسما ماشىنىسى، كومپيۇتېر، يانفون، شامالدۇرغۇچ قاتارلىق ئەسلىھەلەردە رادىئاتسىيە بار، تەجرىبە ئىسپاتلىدىكى، بۇ ئېلېكتر ئەسۋابلىرىنىڭ رادىئاتسىيە قۇۋۋىتى كىچىك، ئادەم تېنىگە بولغان تەسىرى يوق دېيەرلىك، بىراق ماس تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق بىۋاسىتە رادىئاتسىيەدىن ساقلانغىلى بولىدۇ: مەسىلەن مەشغۇلاتتىكى مىكرودولقۇنلۇق ئوچاقتىن يىراقلىشىش، تېلېۋىزور كۆرگەندە ئىككى مېتىر يىراقلىقتا ئولتۇرۇش، كومپيۇتېرنى زىيادە ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتمەسلىك قاتارلىقلار.
تەرجىمان: ئوكيان