
5-ئاينىڭ 19-كۈنى، نەنجىڭ ساقچى تەرەپ ‹‹تىنچ ئامان نەنجىڭ بەرپا قىلايلى.قوراللىق چارلاش قەسەمياد يىغىنى›› ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يېڭىدىن سەپلەنگەن يۈزدىن ئارتۇق چارلاش ماشىنىسى، قوراللىق چارلاش ماشىنىسى، يۆتكىلىشچان ساقچىخانا قاتارلىق ماشىنىلار بىلەن شەھەردىكى ئاساسلىق يوللارغا چىقىپ، چارلاش خىزمىتى ئېلىپ بارغان. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە نەنجىڭ ساقچى تەرەپ مەخسۇس چارلاش ئورگىنى قۇرغان بولۇپ، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى، تارماق ئىدارە چارلاش ساقچى ئەترىتى، ساقچىخانا چارلاش ساقچى ئەترىتى قاتارلىق ئۈچ دەرىجە چارلاش سېستىمىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ھەر كۈنى بەش مىڭ ساقچىنى ئاجرىتىپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، شەھەردىكى مەركىزىي مەيدانلار، پويىز ئىستانسىسى، ساھايەت رايونى قاتارلىق ئادەم توپلىشىدىغان رايونلاردا چارلاشنى كۈچەيتىپ، تۇيۇقسىز ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

