يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ياۋروپانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بالقان يېرىم ئارىلىدا ئۇدا ياغقان يامغۇرنىڭ تەسىرىدە كەلكۈن ئاپىتى كۆرۈلگەن بولۇپ، سېربىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا، پولشا، كىرۇدىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان. خەلقئارالىق ياردەم بېرىش تەشكىلاتى بۇ قېتىملىق كەلكۈن ئاپىتىنى يۈز يىلدا بىر قېتىم ئۇچرايدىغان ئېغىر ئاپەت دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كۆرسىتىلگەن سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ رايوندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغۇچىلارنىڭ سانى 37 كىشىگە يەتكەنىكەن.
رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 18-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئۇدا ياغقان قارا يامغۇرنىڭ تەسىرىدە سېربىيىدە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئۆي-ئىمارەتلەر ۋە يوللار بۇزۇلۇپ كەتكەنىكەن، سېربىيىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىملىرى بۇ قېتىملىق كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئەڭ چوڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلار ئىكەن.









