2014 - يىلى 11 - ماي sosبالىلار كەنتىدە ‹ مەشئەل خەيرى ساخاۋەت كېچىلىكى › ئاخبارات تارقىتىش يىغىنى ئېچىلدى .
‹ مەشئەل خەيرى ساخاۋەت كېچىلىكى › ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى مەشئەل بىلەن تۆمۈر تۇمشۇق مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان چوڭ تىپتىكى ساخاۋەت كېچىلىكى . بۇ كېچىلىكنىڭ تۇنجى سانى 2013 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، ئەينى ۋاقىتتا كىرگەن بارلىق كىرىملار ئىقتىسادتا قىيىنچىلىقى بولغان كىشىلەرگە بېرىلگەچكە ، بۇ قېتىملىق ساخاۋەت كېچىلىكىمۇ نۇرغۇن ساخاۋەتچىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى . بۇ كېچىلىك باش پىلانلىغۇچى مەشئەلنىڭ نامى بىلەن قويۇلغان بولۇپ ، كېچىلىكتە يىغىلغان ئىئانىلەر نەق مەيداندىلا ئىھتىياجلىق بولغان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ . 24 - ماي شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ . كەڭ تورداشلارنىڭ مىھىرلىك قولىنى سۇنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
بۇ قېتىملىق ئاخبارات تارقىتىش يىغىنىنغا SOS بالىلار كەنتىنىڭ كەنىت باشلىقى ، مىھرىبان ئاتىلار ۋەكىلى ، تۆمۈر تۇمشۇق مەدىنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ لىدىرى ۋە ھەر قايسى تاراتقۇلاردىن مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ، خۇيۈ تورى قاتارلىق ئورۇنلار قاتناشتى .







