2014-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، شاڭخەي، روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سابىق دۆلەت رەھبىرى-جىياڭ زېمىن كۆرۈشۈپ ئۆز ئارا سۆھبەتلەشتى. پۇتىن كۆرۈشۈشتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، جۇڭگو-روسىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت مەۋجۇت ئەمەس، ئەكسىچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا ئىشەنچ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان نۇرغۇنلىغان پىلانلار بار دېدى. پۇتىن كۆرۈشۈشتە يەنە جىياڭ زېمىننىڭ جۇڭگو-روسىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە كۆرسەتكەن تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭمۇ بۇ خىل فاڭجېن-سىياسەتلەرگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. زۇڭتۇڭ پۇتىن خۇجىنتاۋ بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو-روسىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش جەھەتلەردە قوشقان تۆھپىسى ئىنتايىن زور دەپ كۆرسەتتى.