
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى تۈركىيەنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى بىر كۆمۈر كاندا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم كەلتۈرۈپ چىقاردى. نۆۋەتتە تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ باردى. ئۇنىڭدىن باشقا ئەردوغان بۇ ۋەقەدە قازا قىلغان ئادەم سانىنىڭ داۋاملىق ئېشىپ 232 گە يەتكەنلىكىنى ئېيىتتى.


شۇ يەر ۋاقتى 13-چىسلا تۈركىيەنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى مانىسا ئۆلكىسىدە بىر كۆمۈر كاندا پارتلاش يۈز بەرگەن. ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا قۇدۇق ئاستىدا 787 نەپەر كان ئىشچىسى ئىشلەۋاتاتتى. نەچچە سائەت ئىلگىرى تۈركىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى يېردىس ۋەقەدە 205 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ، نەچچە يۈز ئادەمنىڭ قۇدۇق ئاستىدا قاپسىلىپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ قۇدۇق ئاستىدا قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە ئۈمۈد قالمىدى،قازاغا يولۇققان نۇرغۇن كان ئىشچىسى كاربون چالا ئوكسىدىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن بولىشى مۇمكىن، دېگەن.
بىخەتەرلىك شارائىتى ئومۇمىيۈزلۈك ناچار بولغانلىقى ئۈچۈن، يېقىنقى يىللار بۇيان تۈركىيەدە كان پارتلاش ۋەقەسى كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ.بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە،بۇ قېتىمقى گاز پارتىلاش قۇدۇق ئاستىدىكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش گۈدۈكىنىڭ توك يولىدىن كاشىلا چىققانلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن.
ئۇنىڭدىن باشقا روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە زۇڭلى ئىشخانىسى تور بېكىتى خەۋەر ئېلان قىلىپ، بۇ ۋەقەگە پۈتۈن دۆلەتتە ئۈچ كۈن ماتەم تۇتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.