شىنخۇا تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى شاڭخەيدىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، روسىيە زۇڭتۇڭى-ۋېلادىمىر. ۋېلادىمىروۋىچ. پۇتىن 20-چېسلا كۈنى شاڭخەيگە يېتىپ كېلىپ، جۇڭگوغا قىلغان ئىككى كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە زۇڭتۇڭ پۇتىن شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا قىتئەسى ئۆز ئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.
جۇڭگو تاشقى دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە، زۇڭتۇڭ پۇتىن بۇ قېتىم جۇڭگوغا قىلغان زىيارىتى مەزگىلىدە، جۇڭگو ۋە روسىيىنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن، شۇنداقلا يەنە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق جۇڭگو-روسىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر نايامەن قىلىنىش بىلەن بىللە، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە كارخانىلىرى بىر قىسىم مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئىمزالىشىدىكەن.




