دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن شاڭخەي ۋۇسوڭ دېڭىز ئارمىيە ھەربىي پورتىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىرگە دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە 2014 جۇڭگو رۇسىيە دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
چۈشتىن كېيىن پۇتىن ھەربىي پورتقا يېتىپ باردى، شى جىنپىڭ كۈتۈۋالدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە پارات سۇپىسىغا چىقتى، ھەربىي ئوركېستىرى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىغاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى دېڭىز ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى بىرلىكتە كۆزدىن كەچۈردى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھەربىي مانېۋىرغا يېتەكچىلىك قىلىش زالىغا كىرىپ، ئىككى ئارمىيەنىڭ ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ۋۇ شېڭلى مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ مانېۋىر باش رېژىسسورى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، گېنېرال لېيتنات تيەن جۇڭ بىلەن رۇسىيە تەرەپنىڭ مانېۋىر رىجۇسورى، دېڭىز ئارمىيەسنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، گېنېرال لېيتنات فېدوژوكوف مانىۋېرنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ پۈتكەنلىكى، ئوفىتسېر ۋە جەڭچىلەرنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ، ئىشەنچىسى تولۇق ئىكەنلىكى، مانىۋېردىكى ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئورۇنداش ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى دوكلات قىلدى.
شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن ئايرىم ئايرىم سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2012-ۋە 2013-يىللىرى جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى قېتىم دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ قېتىمقى مانېۋىر بۇ يىل ئىككى ئارمىيەنىڭ ھەمكارلىشىشىدىكى مۇھىم مەزمۇن، بۇ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى تەھدىت ۋە خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دۇنياغا جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق يېڭى سەۋىيەسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېر ئەسكەرلىرىنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، ئەتراپلىق تەشكىللەپ، يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، مانىۋېردىكى تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئارمىيەلىرى ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر دوستلۇق بار، ئىككى ئارمىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ ئۇرۇش قىلغان، فاشىزمنىڭ تاجاۋۇزىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرغان، ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتى رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، يېڭى ۋەزىيەتتە ئىككى ئارمىيەنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ تۈرلۈك تەھدىت ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مانىۋېرنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنىڭ بىلەن 7 كۈن داۋاملىشىدىغان جۇڭگو رۇسىيە بىرلەشمە دېڭىز ئۈستى ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى.
ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە 2014 جۇڭگو رۇسىيە دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى 20-مايدىن 26-مايغىچە جۇڭگو شەرقى دېڭىزنىڭ شىمالىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ ، مانىۋېردا دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە ھەرىكىتى ئاساس تېما قىلىنىدۇ ئاساسلىقى ھاۋادىن بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش، چۆكمە پاراخوتقا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش، دېڭىز ئۈستىدىن بىرلىشىپ زەربە بېرىش، قوراللارنى ئەمەلىي ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇرۇش تېخنىكا تۈرلىرى يولغا قويۇلۇپ، ئىككى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ دېڭىز ئۈستى بىخەتەرلىك تەھدىتىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلىدۇ.