روسىيەنىڭ «مۇتەخەسسىسلەر» ھەپتىلىك ژورنىلى يېقىندا «سىياسىي جۇدو» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە تۇتقان مەيدانىدىكى نازۇك ئۆزگىرىشلەر ئانالىز قىلىندى. ماقالىدە: پۇتىن 7-ماي روسىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياۋروپا خەۋپسىزلىك تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، قوشۇمچە شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسى دىپلوماتىيە مىنىستىرى بۇرۇكخالتېر بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئاۋامغا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىنى «تاپشۇرۇپ بېرىدىغان»دەك، پۇتىن ھەم روسىيەنىڭ ئېمبارگودىن چۆچۈگەندەك خاتا تۇيغۇ بېرىپ قويدى، تاراتقۇلار ھەتتا: «پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىن ۋاز كەچتى»،«ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبى سېتىۋېتىلدى» دەپ خەۋەر بەردى، دېيىلدى.
بەزىلەر پۇتىننىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن چېكىنگەنلىكىنى، «مەيدانىنى يۇمشىتىش»،ۋەزىيەتنى بۇراشتىكى ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ قېلىشقا ئۆتكەنلىكىنى بايقىۋالالايدۇ. پۇتىن 7-ماي ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ پىكىر بولسا، روسىيە ئارمىيەسى روسىيە ئۇكرائىنا چېگرا رايونىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى «فېدېراتسىيە تۈزۈلمىسىنى قوللىغۇچىلار»نىڭ ئاۋامنىڭ ئاۋازىغا قويۇشنى كېچىكتۈرۈشكە مۇراجىئەت قىلىش، ئۇكرائىنا سايلىمىنى «توغرا يۆنىلىشكە ئالغان بىر قەدەم»دگەنلەردىن ئىبارەت.
ئەمما كۆپچىلىك پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا قىلغان «مۇراجىئەت»نىڭ رولى بولمايدىغانلىقىنى، لۇگانسك ۋە دونېتسك ئوبلاشتلىرىنىڭ 11-ماي «مۇستەقىللىقىنى ئاۋامنىڭ ئاۋازىغا قويۇش»قا تەشكىللىگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ ئىككى ئوبلاستتىكى ئاۋاز بەرگۈچىلەرنىڭ %90ىنىڭ مۇستەقىللىقنى قوللايدىغانلىقىنى كۆردى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئىككى ئوبلاست يەنە ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ «مۇستەقىل دۆلەت» كە ئايلانغانلىقىنى، بىر ھەپتىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىملىق ئاۋامنىڭ ئاۋازىغا قويۇش ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ، روسىيەگە قوشۇلىدىغان-قوشۇلمايدىغانلىقىنى قارار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
روسىيە ئۇكرائىنانىڭ بۇ ئىككى ئوبلاستىنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلغانلىقىغا نىسبەتەن نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ كەتمىدى. روسىيە بۇ ئىككى ئوبلاستقا نىسبەتەن بىر ئاي ئىلگىرىكىگە ئوخشاش «قىرىمنىڭ قايتىپ كېلىشنى قارشى ئالىمىز» دەپ قۇچاق ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىدى.
روسىيە زۇڭتۇڭ ئىشخانىسى 12-ماي ئېلان قىلغان دونېتسك بىلەن لوگانسىك ئوبلاستلىرىنىڭ ئاۋامنىڭ ئاۋازىغا قويۇشىغا مۇناسىۋەتلىك باياناتىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلساق، روسىيەنىڭ يۇقىرىقى ئىككى ئوبلاستنىڭ ئاۋامنىڭ ئاۋازىغا قويۇشىنىڭ «مەدەنىي شەكىل ئارقىلىق ئەمەلىي ئېرىشكەن نەتىجە ئىكەنلىكىنى، زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرمىگەنلىكىنى، شۇنداقلا كىيېۋ، دونېتسك، لوگانسك ئۈچ تەرەپ سۆھبەت ئارقىلىق بىردەكلىك ھاسل قىلغانلىقى»نى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى ئاسانلا بايقىۋالالايمىز. بۇ پوزىتسىيە ئەمەلىيەتتە كىيېۋ، دونېتسك، لوگانسكنىڭ سۆھبەتلىشىدىغان ئۈچ تەرەپكە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇ روسىيە كىيېۋ بىلەن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىنىڭ سۆھبەتلىشىدىغان ئىككى تەرەپ ئىكەنلىكىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇۋاتقان، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇكرائىناغا فېدېراتسىيە تۈزۈمى ئومۇملاشتۇرىدىغان يوشۇرۇن بېشارەت ئىدى، لېكىن كىيېۋ ھاكىمىيىتى ئىزچىل ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا «تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، دونېتسك بىلەن لوگانسكنىڭ سۆھبەتلىشىش سالاھىيىتى بار ئىكەنلىكىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمىدى، بۇ ئىككى ئوبلاست ۋەكىللىرىنىڭ جەنۋە سۆھبىتىگە قاتنىشىشدىن ئېغىزمۇ ئاچمىدى.
ئەمەلىيەتتە ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى، روسىيەنىڭ بىر پۈتۈن سىياسىتىگە بولغان بۆلۈنۈشى كىچىك ئەمەس. ياۋروپا ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىگە قاتتىق قول بولۇشتا چىڭ تۇرۇشىدا ياۋروپا بىلەن روسىيەنىڭ ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سېلىش مەقسىتى بارلىقىنى بارغانسېرى ئېنىق تونۇپ يەتتى. پۇتىن 7-ماي ياۋروپا خەۋپسىزلىك تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بىلەن كۆرۈشكەندە: روسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، چۈنكى ئۇكرائىنا روسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قوشنا دۆلەت، ئەمما ئامېرىكا ئۇنداق ئەمەس، دېدى.
مەنبەسى:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.