
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 16-ئاپرېل خەۋىرى: مالايسىيا باش مىنىستىرى نەجىب 16-ئاپرېلدىن باشلاپ تۈركىيەدىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى ھەمدە مالايسىيا-تۈركىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى.
مالايسىيا دىپلوماتىيە مىنىستىرىلىكى 16-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، يۇقىرىقى كېلىشىمدىن سىرت ئىككى دۆلەتنىڭ يەنە نەچچە تۈرلۈك ئالىي مائارىپ ئورگىنى ھەمدە شەخسلەرنىڭ چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈردى. نەجىب ۋە تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا شاھىت بولغان.
نەجىبنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىگە خانىمى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھەنىفە، خەلقئارا سودا ۋە سانائەت مىنىستىرى مۇستافا ۋە 4 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ھەمرا بولدى.
نەجىب بىر پائالىيەتتە «مالايسىيا-تۈركىيەنىڭ ئاسىيانى يەر شارىلاشتۇرۇشتىكى ئىستراتىگىيىلىك شىرىكلىك مۇناسىۋىتى» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى، بۇ پائالىيەتنى مالايسىيا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەتقىقات فوندى، تۈركىيە خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات تەشكىلاتى ھەمدە مالايسىيا تەتقىقات فوندى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن.
تەرجىمان: ئوكيان